خاتىرجەم ئۆلۈش(Euthanasia ، 安乐死) دىگەن بۇ ئاتالغۇ قۇتقۇزۇش مۇمكىن بولمىغان بىمارلارنى داۋالاش ياكى دورا ئىشلىتىشنى توختىتىپ بىمارلارنى ئازاپسىز ھالدا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ . يەنى داۋالاش مۇمكىن بولمىغان ئېغىر دەرىجىدىكى روھى كىسەللەر ، ئېغىر دەرىجىدىكى پالەچ ۋە ھۇشىغا كىلەلمەيدىغان ئۈسۈملۈك ئادەم قاتارلىق ئازاپ ئىچىدە ياشاۋاتقان بىمارلارنى ئازاپسىز ھالدا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ .شۇڭا خاتىرجەم ئۆلۈش يەنە ئازاپسىز ئۆلۈم دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئازاپسىز ئۆلۈمنىڭ قانونىيلىق مەسلىسىگە قارىتا ھازىرغىچە دەتالاش بولماقتا. ئازاپسىز ئۆلۈمنى قوللىغۇچىلار ئازاپسىز ئۆلۈم ئۈچۈن چۇقۇم تۇۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلانغان بولۇش كېرەك دەپ قارايدۇ .
1 .بىمار ھازىرقى زامان تىببى پەن تېخنىكىسى بويىچە داۋاسىز كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ قالغان بولسا شۇنداقلا ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان بولسا;
2 . بىمار چىدىغۇسىز كېسەل ئازابىغا دۇچار بولغان بولسا;
3 . ئازاپسىز ئۆلۈم چۇقۇم بىمارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلېرىنىڭ ، دۆلەتنىڭ ياكى جەمىيەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بىمارنىڭ ئۆلۈشتىن بۇرۇنقى ئازابىنى يەڭگىللىتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى كېرەك .
4 . چۇقۇم بىمارنىڭ كاللىسى سەگەك ۋاقتىدا ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈش ھەمدە بىمارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك .
5 . قائىدە بويىچە چۇقۇم تېببى خادىملار ئىجرا قېلىش كېرەك .
6 . چۇقۇم جەمىيەت ئىتراپ قىلغان ئۇسۇل بىلەن ئىجرا قىلىنىشى كېرەك .
ياپونىيە ، شىۋىتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ئامېرىكا قوشما شىتاتلېرىنىڭ قىسمەن شىتاتلېرى ئاللىبۇرۇن خاتىرجەم ئۆلۈش قانون – نىزامنامىسىنى ئېلان قىلىپ بولدى .1976 – يىلى توكيودا تۇنجى قىتىملىق خاتىرجەم ئۆلۈش مەسلىسى توغرىلىق خەلقئارالىق يېغىن ئېچىلدى . خاتىرجەم ئۆلۈش مەسلىسى بىر قەدەر مۇرەككەپ شۇنداقلا ئەخلاق ، ئىنسانپەرۋەرلىك ، قانون ، تېببى ساھە قاتارلىق كۆپ ساھەگە چىتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن دۆلىتىمىزدە تېخى مۇكەممەل قانون تۈزۈم ئورنىتىلمىدى .
بۇلتۇر 11 – ئايدا ئامېرىكا ۋاشىنگىتون شىتاتى %60 سايلىغۇچىنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن خاتىرجەم ئۆلۈش مەسلىسىنى قانونلاشتۇرۇپ ئورىگون شىتاتىدىن كېيىنكى خاتىرجەم ئۆلۈشنى قانونلاشتۇرغۇچى ئىككىنچى شىتات بولدى ھەم بۇ قانون بۇ يىل 5 – مارتتىن باشلاپ يولغا قۇيۇلدى . بەلگىلىمە بويىچە داۋاسىز كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ قالغان بىمار يېرىم يىل ئۆمرى قالغان بولسا خاتىرجەم ئۆلۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ . ئىلتىماس قىلغۇچى 18 ياشقا توشقان بولىشى ، ھەركەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولىشى شۇنداقلا چۇقۇم مەزكۇر شىتاتتىن بولۇشى كېرەك . بىمار 15 كۈن ئارلىق قالدۇرۇپ ئىككى قېتىم ئېغىزچە بىۋاستە ئىلتىماس قېلىشى ھەمدە ئىككى گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن قەغەز يۈزىدە ئىلتىماس تەييارلىشى كېرەك .ئىككى گۇۋاھچىنىڭ بىرى بىمارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقىنى بولسا بولمايدۇ شۇنداقلا ۋارىسى ،بىمارغا مەسئول دوختۇر ياكى ئىلتىماس يوللىغۇچى تۇرۇشلۇق دوختۇرخانا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئادەم بولماسلىقى كېرەك . ئىجرا قىلغۇچى تېببى خادىم چۇقۇم مەزكۇر شىتاتلىق سەھىيە ئىدارىسىغا خاتىرىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك . شىتاتلىق سەھىيە ئىدارسى چۇقۇم ئەمەلى ئەھۋال بويىچە يىللىق دوكلات تەييارلىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن .
ئازاپسىز ئۆلۈمنىڭ تارىخى
داۋامى بار…