بۆرەك كاۋاپ راستىنلا پايدىلىقمۇ؟

تورداشلار سۇئاللىرىدىن:
بۆرەك كاۋاپ راستىنلا بۆرەككە پايدا قىلامدۇ؟ كىچىك بالىلارغا يېگۈزۈپ بەرسە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە راستىنلا پايدىسى بولامۇ؟

1405173371467-2974
جاۋاپ:
جىنسىي ھەۋەسنىڭ قوزغىلىشىدا زۆرۈر ھورمۇن تېستوستىرىن ئاساسلىقى ئۇرۇقداندا ئىشلىنىدىكەن. بۆرەكنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى سۈيدۈك ئاجرىتىش، تازىلاشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ لىكىن مۇئەييەن مىقداردا تېستوسترىنمۇ ئاجرىتىدىكەن. شۇڭا بەزىلەردە قوچقار بۆرەك كاۋىپى يېگەندىن كىيىن بەدەن جانلانغاندەك، ھەۋەسنى ئۇرغۇتقاندەك سېزىم بولىشى شۇنىڭدىن بولسا كېرەك.
ئەنئەنىۋى قاراشتا بۆرەك يېيىش ھەققىدە ئىككى خىل قاراش بار.:
1.ھايۋانلارنىڭ ھەر قانداق ئەزاسى ئادەمنىڭ ئوخشاش ئەزاسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. بۆرەك ئوغالبالىغا ئوبدان قۇۋۋەت بولىدۇ. يېتىلىش دەۋرىدە يەپ بەرسە بەدەن تەرەققىياتىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ.
2. بۆرەك سۈيدۈك-زەھەرگە چىلىنىپ تۇرىدۇ، دېمەكچى سۈيدۈك تازىلاش جەريانىدا بىۋاستە ئۇچرىشىپ تۇرۇقلۇق. شۇڭا بۆرەك يېسە بولمايدۇ.
مېنىڭچە ياش، ساغلام قوچقارنىڭ بۆرىكىنى ئوتۇن كۆمۈرىدە كاۋاپ قىلىپ يېسە بولىدۇ. شورپىلىق تاماقلارغا سىلىپ پۇشۇرۇپ يېسە بولمايدۇ.
بۆرەك بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى تازىلايدىغان ئەزا بولغانلىقى ئۈچۈن بالىلارغا كۆپ يېگۈزسە زەھەرلىنىپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مومكىن.
- مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...