تورداشلار سۇئاللىرىدىن:
سوغۇقى ۋە ھۆللۈكى ئېشىپ كەتكەنلەر قانداق مىۋىلەرنى، كۆكتاتلانى، چايلارنى ۋە تائاملارنى ئىستىمال قىلىپ مىزاجىنى تەڭشەش كېرەك؟
جاۋاب:
ھۆل سوغۇق مىزاجلىقلار سېمىرىپ كېتىشتىن، مېجەزى تېخىمۇ سوۋۇپ ئاجىزلاپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھۆل مېۋىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن، قېتىق-سۈت ئىچىشتىن، كۆپ ئۇيقۇدىن، سوغۇق، نەم ئورۇندا ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغان خىزمەتلەردىن ساقلىنىشى كېرەك.
ھەركىتى كۆپرەك بولىشى، ئاپتاپقا قاقلىنىپ بېرىشى كېرەك. يېمەكلىكلەردىن ئارىلاپ كاۋاپ، پولۇ، يېڭى قۇيرۇق مايدا ئېتىلگەن ھالۋا، دورا دەرمەكلىك چاي، گۆشنان، سامسا، قۇچقاچ، كەپتە شورپىلىرى ياقىدۇ. ناشتىلىققا جىگدە، يانتاق ھەسىلى، ياڭاق مېغىزى، قۇرۇق قىزىل ئۈزۈم ، ئاپتاۋى گۈلقەنت دېگەندەكلەرنى يەپ بەرسە ياقىدۇ. بادام مېغىزى ھۆللۈكنى كۆپەيتىدۇ، ئۇيقۇنى كۆپ قىلىپ سېمىرتىدۇ. بەلغەم مىزاجلىقلارغا بەك يېقىپ كەتمەيدۇ.
شارائىت يار بەرسە كۈز كۈنلىرى قۇياش قايرىلغان پەيتلەردە بەدەننى ئىسسىقلىق مايلاردا مايلىنىپ ئاپتاپ سۇنۇپ بەرسە ھۆل سوغۇق – بەلغەم مىزاجلىقلارغا كۆپ پايدىلىق.
مېۋىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك بولسىمۇ دىيارىمىزدا بىز ئىستىمال قىلىدىغان مېۋىلەرنىڭ ئىچىدە ئىسسىققا مايىللىرى بار، مەسىلەن: ئەنجۈر، قوغۇن، خورما، ماڭگو، بانان دېگەندەك مېۋىلەر، ئۈزۈم، ئۈرۈكنىڭ كۈزنىڭ ئوتتۇرلىرىغا بارغاندا پىشىدىغانلىرىمۇ ئىسسىققا مايىل. لىكىن مېۋىلەرنىڭ قۇرۇق ئىسسىققا ئۆزگىرىشى ئۈچۈن قۇرۇتۇلغان بولىشى كېرەك. مەسىلەن: ئۈرۈك قېقى-گۈلە، ياڭاق، خورما، ئۈزۈم دېگەندەك.
قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك مېۋىلەردىن ئاچچىق ئانار، بىھى، جىگدە، چىلان دېگەندەكلەر بار.
كۆكتاتلاردىن ئىسسىققا مايىلراقلىرىدىن سەۋزە-چامغۇر، مۇچ، سامساق، زەنجىۋىل، كۈدە، پىياز، قىزىلبۇغداش قاتارلىقلار.
چاي خۇرۇچلىرى ۋە باشقا تەبئىي ئىچىملىكلەردىن ئىسسىق بولغانلىرى :
قەھۋە، زەپە، قوۋزاقدارچىن، پىلپىل، قەلەمپۇر، لاچىندانە، خۇلۇنجان، توشقان زەدىكى، شاقاقۇل، سۆئلەپ مىسرى قاتارلىقلار.
- مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن