بۈگۈنكى 80خالتا پاراڭلىرىمىزنىڭ تۆۋەندىكىدەك موھىم نۇقتىلىرى سىزنى جەلپ قىلىشى مومكىن:
* كۆپۈنچە ئەرلەر جىنسىي تۇرمۇشىدىن چاتاق چىققاندىن كىيىن ئاندىن سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلايدۇ.
* ساغلاملىقنى ئاسراشقا نىسبەتەن تونۇش يۇقۇرى كۆتۈرلىشى بىلەن بىرگە ساغلام روھىي كەيپىياتنى ساقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. بولۇپمۇ يۇقۇرى قان بېسىم كېسەللىكلىرىدە تېخىمۇ شۇنداق. كېسەل بولۇپ بولغاندا ياكى ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقاندا ئاندىن ساغلاملىقنى ئاسراپ، بەدەن پەرۋىشى قىلىمەن، دېيىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. بۇ ئەقىللىق، دانا كىشىلەرنىڭ ئىشى بولماسلىقى كېرەك.
* بەدەندە ھۆللۈك، سوغۇقلۇق ئارتۇقراق بولسا سوغۇقلۇق تەركىبتىكى يېمەك-ئىچمەكلەرگە ئىھتىياتجانراق بولغان ياخشى. سوغۇقلۇقنىڭ ھەممىسى قاننى سۈيەلتىدۇ، ماينى پارچىلايدۇ دەيدىغان خاتا قاراشنىڭ سەۋەبىدىن بولىشىغا سوغۇقلۇق قىلىپ ئاشقازان ، بۆرەكنى سوۋۇتىۋېتىدىغانلار ئۇچراپ تۇرىدۇ.
تورداشلار سۇئاللىرىدىن:
قان قويۇقلۇق، يۇقۇرى قان بېسىم، جېگەردىكى مايلارنى سوغۇقلۇق تەركىبدىكى يېمەك-ئىچمەكلەر راستىنلا ھەل قىلالامدۇ؟
قاندىكى ماي يۇقۇرىلاپ كىتىش ۋە قان قويۇلۇپ قېلىش كىسىلىگە قانداق ياخشى ئۇسۇل ۋە يىمەكلىكلەر باردۇ؟
خوش، پارىڭىمىزنى باشلاپ كەتتۇق…
ئەسلىدىنلا ھەركەت ئاز، ئولتۇرۇش ۋاقتى كۆپ، كەچ يېتىپ كۈن چۈش بولغۇچە ئۇخلاش، ناشتىسىز چۈشلۈك تاماققا ئۇلىشىش، مۇزدەك سانائەت ئىچىملىكلىرى، ئورالمىلىق، تەييار يېمەكلىكلەر، قۇياش نۇرىغا قاقلانماسلىق، روھىي جىددىيچىلىك دېگەندەك ناتوغرا تۇرمۇش، ئىستىمال ئادىتى، كەيپىيات ئامىللىرى نېرىپ-ئەسەبلەرنى گاراڭ قىلىپ ئىرادە-پىكىر كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. پەي-مۇسكۇللارنى بوشۇتۇپ، قاننى سوۋۇتىدۇ. بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش، ئىھتىياجلىق ئوزۇق-قۇۋۋەتلەرنى تەقسىملەش خىزمىتىنى تەسلەشتۈرىدۇ. كۆپۈنچە ئەرلەرگە نىسبەتەن سالامەتلىك جەھەتتە دىققەتنى ئەڭ تارتىدىغىنى جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدۇر. دېمەكچىمەنكى، جىنسىي تۇرمۇشىدىن چاتاق چىققاندىن كىيىن ئاندىن سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلايدۇ. دېمەك، قۇۋۋەت ئاز، بۆرەكىم ئاجىزلاپ قاپتۇ، توختا،،،ياش تۇرۇپلا بۇنداق بولغىلى تۇرسا ئوبدان بولماس، دەپ ئويلايدۇ ۋە قەتئىي ئىرادىگە كىلىپ قۇۋۋەت تولۇقلىماقچى بولىدۇ. قۇۋۋەت دېسە ئەنئەنىۋى قارىشىمىز بويچە ئەڭ باشتا يادىمىزدىن كېچىدىغىنى ‹‹گۆش›› تۇر. شۇنىڭ بىلەن ئەتىگەنلىرى گۆشلۈك پولۇ، چۈش-كەچلىرى بۆرەك كاۋاپ، جاڭگال كاۋاپ…ئۇ كاۋاپ-بۇ كاۋاپلاردىن يەپ تۇرىدۇ. كەپتە شورپىسى، سېمىز قوي پاچىقى، راك قورىمىسى…ئىشقىلىپ باشقىلاردىن ئەرلىكنى قۇۋۋەتلەيدۇ دەپ ئاڭلىغان قۇۋۋەتلەرنى يەپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە يۈرەك قىززىيدۇ، ئەمما بۆرەك قىززىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇۋۋەت ئىچىملىكلىرىدىن ماكا قۇۋۋەت ئىچىملىكى ، ئەرلەر ھەسىلى ، ئەرلەر قەھۋەسى يەنە بىر قانداق ئەرلىكنى كۈچەيتىدىغان ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ شەھۋەت كۈچىيىپ بىر ئاز ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇيۇ ئىچىدىن يىتەرلىك ھوزۇر-لەززەت ھېس قىلالمايدۇ. تېۋىپلاردىن قۇۋۋەت دورىسى ئىستەيدۇ. ئىشلار مانا مۇشۇ تەرىقىدە داۋام ئىتىدۇ. قۇۋۋەت تولۇقلاش توغرا يولىنى تاپالمىغانچە بەدەن مۇۋازىنىتى-تەڭپۇڭلىقى بۇزىلىدۇ. قان تومۇرلار، يۈرەك، مېڭە، جېگەر تەكرار بېسىمغا ئۇچرايدۇ. ئەزالار ئىگىسىنىڭ ئۆز ئىھتىياجىغا مۇناسىپ ئىش كۆرمىگىنىدىن، ئۆزىنى چۈشەنمەيۋاتقانلىقىدىن، توختىماي زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىدىن ئۈمىتسىزلىنىدۇ. خىزمەتلىرىدىكى ئاكتىپلىقى سۇسلىشىدۇ.
بىر -ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﺪﯨﻼ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﺳﺎﯕﮕﯩﻼﭖ ﺳﯧﻤﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ. ﻗﻪﺩﻩﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ، ﺑﺎﺵ ﭼﯩﯖﻘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﺎﺯﯨﺮﺍﻕ ﻳﻮﻝ ﻣﺎﯕﺴﯩﻼ ﭘﯘﺷﯘﻟﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﻪﻣﺪﻯ ، ﺗﻮﯞﺍ ، ﻳﺎﺵ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﮬﻪ،-ﺩﻩﭖ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﺑﺎﺭﺳﺎ قان بېسىمى يۇقۇرى، ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﻴﯩﭙﺘﯘ. ﻗﺎﻥ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﻥ-ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻣﺎﻱ ﻗﺎﭘﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ، ﺟﯩﮕﻪﺭﻣﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ. ﺩﺍﯞﺍﻻﻧﺴﯩﻼ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﻳﺪﯗ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﺑﺎﺭﺳﯩﻐﯘ ﺳﺎﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﻤﯘ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ ، 30-40 ﻳﺎﺷﺘﯩﻤﯘ ﻗﺎﻥ بېسىم بولامدۇ، ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯗ ﺑﯘ ﮔﯘﻳﻼﺭ ﺩﻩﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻳﻪﭖ – ﺋﯩﭽﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ، ﮔﯚﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﭖ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﻏﯘﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ . ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﻗﯧﺘﯩﻖ. ﭼﯜﺷﺘﻪ ﻟﻪﻏﻤﻪﻥ ﻳﯧﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﻪﻱ- ﻟﻪﯕﭙﯘﯓ. ﭘﯧﭙﺴﯩﻲ ﻛﻮﻻ، ﻛﻮﻛﺎ ﻛﻮﻻ، ﻗﺎﺭﯨﻘﺎﺕ ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ ، ﻗﻮﻏﯘﻥ -ﺗﺎﯞﯗﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﯞﯨﺮﺩﯗ. ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﮬﻪﻝ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻼﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺑﻪﻝ ﻛﯧﺘﯩﭗ-ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺗﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻏﺮﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭙﻤﯘ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﺎﺳﺎﻥ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﯟﯨﭗ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. -ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﺑﻪﻣﻪﻣﻼ؟!! ﻣﯩﺠﻪﺯ ﺳﻪﻝ ﻳﯧﻨﯩﺸﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻳﺎ……
ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﯩﻠﯩﻜﺮﻩﻙ ﺗﯧﯟﯨﭗ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﺘﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﻭﺭﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ (ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺷﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ) ﺋﯘﺭﻧﯩﺪﯗ. ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻗﺎﻥ -ﺗﻮﻣﯘﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ، ﻣﯩﺠﻪﺯﻧﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﭖ، ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﻣﺎﻱ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻤﯘ – ﺑﺎﺳﻘﯘﭺ ﺩﺍﯞﺍﻻﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯚﺭﯨﻜﯩﻢ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺷﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﻣﯩﺠﻪﺯﯨﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﻳﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻣﯩﺠﻪﺯﯨﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﯘﺯﯨﯟﺍﻟﯩﺪﯗ.
خوش، سالامەتلىكىمىز ئۈچۈن قولىمىزدىن قانداق ئىشلار كىلىشى مومكىن؟
مەن بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمنى قىسقىچە يېغىنچاقلاپ باقاي:
1. ئەڭ ئوبدان ئۇسۇل يەنىلا بەدەن شارائىتىغا مۇناسىپ ھەركەت قىلىپ بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىش؛ بەدەن چىنىقتۇرۇش دېگەندە پىيادە تېز قەدەم بىلەن مېڭىش، ۋېلسىپىت مېنىش، يەڭگىل يۈگۈرۈش. ھەركەتنىڭ سىجىللىقى موھىم ، ھەر قېتىمدا ئەھۋالغا قاراپ يىرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە داۋام قىلسا قاندىكى، بەدەندىكى مايلار پارچىلىنىشقا باشلايدۇ، قان جانلىنىدۇ.
2. ھەر كىم ئۆز بەدىنىنى چۈشۈنىشى، مىزاجىنى پەرقلەندۈرۈپ مۇناسىپ ئىش كۆرۈش ئۈچۈن تېۋىپ-ھەكىملەرگە كۆرۈنۈپ ئۆزى تەۋە مىزاج-خىلىت ھەققىدە ئازدۇر-كۆپتۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولىشى كېرەك. ئاندىن شۇ ئاساستا زۆرۈر بولغان ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولۇش؛ قەرەللىك كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان مۇقىم تېۋىپ-دوختۇرى بولىشى، بەدىنىدە ساقسىزلىق كۆرۈلۈشكە باشلىغاندا تولا دوختۇر ئالماشتۇرۇش، قالايمىقان دورا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
3. مىزاجىغا مۇناسىپ ئىسسىق-سوغۇقلۇقنى تەڭشەپ تۇرۇش ۋە شۇنىڭغا ماس ئىھتىياجلىق ئوزۇقلۇقلارنى ئىمكان بار ئەتراپىمىزدىكى تەبىئىي يېمەكلىكلەردىن تولۇقلاش، ھەر خىل ناملاردىكى قۇۋۋەت تولۇقلاش دورىلىرى، ۋېتامىن، كالتىسىي، ئاقسىل ياسالمىلىرىغا بېقىنىپ قالماسلىق؛
4. قۇياش نۇرىغا قاقلىنىشقا ئەھمىيەت بىرىش؛ زەيتۇن مېيىدا مايلىنىپ قاقلىنىش، سوغۇقى ئېشىپ تۇرىدىغانلار مۇناسىپ ئىسسىقلىق مايلاردا مايلىنىپ قاقلىنىپ بەرگەننىڭمۇ پايدىسى زور. قۇياش نۇرى – ئەڭ موھىم لىكىن ھەقسىز بولغان ، باي-كەمبەغەل، تەبىئەتتىكى بارلىق جاندارلار ئورتاق بەھرىمان بولالايدىغان كاتتا نىئمەتتۇر.
5. بەدىنىمىز ساپ سۇغا ئىھتىياجلىق؛ رەڭلىك، سانائەت ئىچىملىكلىرى بەدىنىمىزنىڭ سۇغا بولغان ئىھتىياجىنى قامدىيالمايلا قالماستىن ساغلاملىققا زەرەر بىرىشى مومكىن؛ تومۇزدا يەرلىك ئۇسۇلدا گۈلە-ئۈرۈك قېقىنى چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ چۈلە ئىچىملىكى ، چىلان تەمىنى چىقىرىپ ئۇسسۇلۇق تەييارلاپ قويۇپ ھاردۇق چىقىرىشنى ھەم تەشنالىقنى قاندۇرۇش مەقسىتىگە يېتىش مومكىن. تەمىمۇ ئېسىل. زىيانسىز.
بۈگۈنكى پاراڭلىرىمىز ئاخىرلىشىش ئالدىدا قان قويۇقلۇق، سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مەنپەئەتلىك يېمەكلەردىن ساناپ ئۆتسەك – كۆكتاتلاردىن كەرەپشە، پىياز، شوخلا ، تەرخەمەك، تۇرۇپ بەكەرەك ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ. باشقا كۆكتاتلارنىمۇ كۆپرەك يەپ بەرگەننىڭ پايدىسى بار. مېۋىلەردىن لىمون، تاۋۇز، چۈچۈمەل ئانار، ئالما، غەنۇلا-ئەينۇلا، جىغان، ئالقات، چىلان دېگەنلەر ئوبدان. قاندىكى ماينى تازىلىغاندىن باشقا جېگەر، ئۆتكىمۇ ياقىدۇ. ئۈچەي خىزمىتىنى ياخشىلاپ قەۋزىيەتكە راھەتلىك بىرىدۇ، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلايدۇ.
چايلىق قىلىپ ئىچىپ بەرسە پايدىسى بولىدىغانلاردىن: يالپۇز، لېمۇن، بەدىيان، زاراڭزا، زەپە، سانا ، يېشىل چاي دېگەندەكلەر بولىدۇ.
تەن-ساقلىق زور بايلىق، تەننىڭ ساقلىقى جاننىڭ راھىتى. بۇ تەن بىزگە ئامانەت، ئۇنى ئاسراش مەجبۇرىيىتىمىز بار.