مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
گۆشلۈك، مايلىق تاماقلارنى كۆپرەك يەپ قالغان ۋاقىتلاردا قان تومۇرلاردىكى ئەخلەتلەرنى، ئارتۇق مايلارنى تازىلاپ تۇرسۇن دەپ پات-پات لىمۇننى تېلىملاپ قايناقسۇغا چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ ئىچىپ قويىمەن. بەزىدە ئىسسىقتىن زۇكامدىغان، قوقاق تېگىپ ئۇستىخانلىرىم، بېشىم ئاغرىغاندا، كۆيگەن خىلىتلارنى تازىلاپ قوقاقنى ھەيدەش ئۈچۈنمۇ لېمۇن ئېستىمال قىلىپ تۇرىمەن. قايسى كۈنى دۇكاندا چاي دەملەپ ئىشلىتىۋاتقىلى بىر يىلچە بولۇپ قالغان تۈرك چەينىكەمنىڭ ئىچىدىكى قىنىق چاي دۇغلىرىنى چىقىرىپ تازىلىۋېتەي دەپ يېرىك تېرە لۆڭگە بىلەن خىلى كۈچەپ باقساممۇ پايدىسى بولمىدى. ئادەتتە دەرىجىدىن تاشقىرى قىنىق چاي دەملىنىدىغان تۈرك چەينىكىنى پات-پات تازىلاپ تۇرمىغاندا ئىچىگە مانا مۇشۇنداق جاھىل داغ ئورناپ كېتىدىكەن. ھەتتا ئاستىدىكى قايناقسۇ تۇرىدىغان چەينىكىمۇ نەچچە قېتىملىق سۇ تۈگەپ كېتىپ ئوتتا قىلىش سەۋەبلىك قارىداپ دۇغلىشىۋاپتۇ. سىم چوتكا، ياكى سىم جامبىلاردا تازىلىسام چەينەكنىڭ پارقىراقلىقىنى يوقۇتۇپ قويمىسۇن، يەنە ئاسان دۇغ ئورنىۋالمىسۇن دەپ ئەپچىل چارە تاپسام بولىتتى دەپ دۇكاندىكى دورا دەرمەكلىرىمگە قاراۋاتسام
ھەپتە بۇرۇن ئەكىرىپ يىرىمىنى چاي دەملەپ ئىچىپ قالغان يىرىمىنى توڭلاتقۇغا سالماي ئۇنتۇلۇپ قالغان يىرىم تال لىموننى كۆرۈپ قالدىم. قارىسام سەل بۇزۇلغاندەك بولۇپ قاپتىكەن، چەينەكنىڭ ئىچىگە لىموننى بېسىپ سۈرۈپ بەرسەم بىردەمدە ئىچىدىكى دۇغلار ئىرىپ چەينەك پارقىرىغىلى تۇردى. ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن دەپ ھەيران قالدىم.
ئوتتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن ئاستىنقى قىسمىنى پارقىرتىۋەتكەندىن كىيىن، ئۈستىدىكى چاي تۇرىدىغان چەينەكنىڭ ئىچىنى پارقىرتىشقا لىمۇننىڭ كۈچى يەتمەي قالدى. شۇنىڭ بىلەن لىموننى ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا يەنە ئالما شۆپىكى سىلىپ چىلاشقۇدەك سۇ قويۇپ بىر كېچە تۇرغۇزۇپ قويدۇم. ئەتىگىنى كىلىپ قارىسام قېنىق چاي دۇغلىرى سەل-پەي يۇمشاپ ئىرىپتۇ، لىكىن يەنىلا پارقىراپ تولۇق چىقىپ كەتمىدى. شۇنىڭ بىلەن چەينەكنىڭ ئىچىنى تازىلىۋەتكەندىن كىيىن بىر قوشۇق ئاش تۇزى قۇيۇپ ئازىراقلا نەمدەپ ئۈستىدىن تېرە لۆڭگە بىلەن كۈچەپ سۈرۈپ بەرسەم قېتىپ، تىنىپ كەتكەن جاھىل داغلار تولۇق چىقىپ چەينەكنىڭ ئىچى زاۋۇتتىن چىققان ۋاقىتتىكىدەك پارقىراپ كەتتى.
سىزمۇ ئامراق چەينەك ۋە ياكى باشقا ئاشخانا سايمانلىرىڭىزدىكى جاھىل داغلارنى لىمۇن سۈركەپ سىناپ بېقىڭ!