ئوغۇز سۈتى ۋە ئۇنىڭ قىممىتى

   imitmek

ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىدە مول ئوزۇقلۇق ماددىلار بولىدۇ. ئوغۇز سۈتى سۈت بېزى ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىسى بىلەن سۈت بېزىدىن ئاجرىلىپ چىققان ئېرىتمىدىن تەشكىل تاپىدۇ. خىمىيەلىك ئىلمىي ئانالىزدىن مەلۇم بولىشىچە، ئوغۇز سۈتىنىڭ تەركىبىدە ئاقسىلنىڭ مىقدارى كالا سۈتىنىڭكىگە قارىغاندا بەش ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

    ئوغۇز سۈتى تەركىبىدىكى ھەر خىل ھۈجەيرىلەر ئادەتتە بەلگىلىك دەرىجىدە ئىممۇنىتېتلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. مەسىلەن: نېيترال ھالەتتىكى ئاق قان ھۈجەيرىلىرى باكتېرىيىلەرنى يۇتۇش ۋە ھەزم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ؛ تاق يادرولۇق چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەر ھەر خىل كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكرو جانلىقلارنى يۈتىۋېلىپ ۋە يوقۇتۇپ، بەدەن ئىچىدىكى قېرىغان، زەخىملەنگەن ياكى ئۆلگەن ھۈجەيرىلەرنى چىقىرىپ تاشلاش، ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ. ئوغۇز سۈتى يەنە لىمفا ھۈجەيرىلىرىگىمۇ ئىگە بولۇپ، بۇ خىل ھۈجەيرىلەر ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    ئۇنىڭدىن باشقا، ئوغۇز سۈتى تەركىبىدىكى ماينىڭ مىقدارى ئوغۇز سۈتىدىن كېيىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان ئانا سۈتىدىكى ماينىڭكىدەك يۇقىرى بولمايدۇ، بۇ دەل يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان ئۈچىيىنىڭ ياغلارنى ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولىشىغا ناھايتى ماس كېلىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم، تۆمۈر، مىس، سىنىك قاتارلىقلار بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار، ئوغۇز سۈتى تەركىبىدە سىنىكنىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئېنىقلاشتىن مەلۇم بولىشىچە، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى 12 كۈن ئىچىدە ئاجرىلىپ چىققان ئوغۇز سۈتى تەركىبىدىكى سىنىكنىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولىدىكەن، ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى قان زەردابىدىكى سىنىكنىڭ تۆت ~ يەتتە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن، 12 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئانا سۈتىدىكى سىنىكنىڭ مىقدارى تىز سۈرئەتتە تۆۋەنلەيدىكەن.

    ئوغۇز سۈتى تەركىبىدە يەنە مول ئاقسىل ۋە بوۋاقلارغا كېرەكلىك ئانئورگانىك ماددىلار بولىدۇ. ئوغۇز سۈتىدىكى ئىممۇنىتېتلىق گلوبۇلىن دەل يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئەڭ كېرەكلىك يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى، ئۇ ھەم بوۋاقلارنى باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلارنىڭ يۇقۇملاندۇرىشىدىن قوغداپ قالالايدۇ. گەرچە ئوغۇز سۈتىنىڭ مىقدارى ئاز بولسىمۇ، ئەمما بوۋاقلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇڭا باشقا ھەر قانداق تەركىبتىكى تەييار سۈت ياكى ئوزۇقلۇق ماددىلار ئانا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تولۇقلىيالمايدۇ.

ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...