يولدىشىڭىزنىڭ پىسخىكىسىنى چۈشۈنىدىغان ئاياللاردىن بولۇڭ!

پىسخولوگ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كىشىلەرنىڭ فىزىئولىگىيە، پىسخىكا ۋە كەچۈرمىشلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن، كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئۆزىگە خاس پىسخىك ”يارىسى“ بولىدۇ.ھەر بىر ئادەمنىڭ پىسخىكىسى، بىرەر ئىشقا بولغان سەزگۈرلۈك دەرىجىسىمۇ ئوخشاشمايدۇ. ئەرلەرنى ئاياللارغا قارىغاندا ھەر قانداق ئىشقا چىداملىق دەپ قارىغاندىمۇ، ئەممەا ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس نازۇك تەرەپلىرى بولىدۇ. شۇڭا ئاياللار ئېرىنىڭ پىسخىكىدىن ئاز -تولا خەۋەردار بولۇشى ،ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان نازۇك جايلىرىغا تىگىپ سالماسلىقى لازىم.

پىسخولوگ ساۋاتلىرى شۇنى چۈشەندۈرىدىكى ، ئەرلەر ئۆزىگە باھا بېرىشكە چېتىلىدىغان بەزى سۆزلەرگە تولىمۇ سەزگۈر كېلىدۇ. شۇڭا ئېرىڭىز ياكى باشقا ئەرلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىدە تكۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىڭ :
1.ئەرلەرنىڭ قورقۇنچاقلىقىنى ئاشكارىلىماڭ ۋە زاڭلىق قىلماڭ. بەزى ئەرلەر قورقۇنچاق كىلىدۇ. بەزى كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن قورقۇپ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك بولىدۇ..سىز ئېرىڭىزنىڭ ياكى باشقا ئەرلەرنىڭ بۇ ئاجىزلىغىنى تۇتۇۋېلىپ باشقىلار ئالدىدا زاڭلىق قىلسىڭىز، ئۇ غورورىغا تەگكەندەك ،ئەرلىك ئوبرازىغا نۇقسان يەتكەندەك ھىس قىلىدۇ -دە ،سىزگە ئۆچ بولۇپ قالىدۇ.
2.چىرايىدىن قۇسۇر چىقارماڭ . ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئۆزىنى تەرىپلىشىنى ياقتۇرىدۇ. ئەگەر سىز ئېرىڭىزنىڭ چىرايىنى ، تەقى تۇرقىنى ماختاپ قويسىڭىز، ئۇنىڭدا بىر خىل ئىشەنچ تۇيغۇ سى پەيدا بولىدۇ -دە ، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە تېخىمۇ بىمالال قاتنىشالايدىغان بولىدۇ. ئەگەر زاڭلىق قىلغاندەك گەپ قىلسىڭىز، ئۇنىڭدا ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ ، چىشىغا تىگىپ قويىسىز، ھەتتا سىزدىن قاتتىق غەزەپلىنىشى مۇمكىن،ئەرلەردىكى بۇنداق غەزەپنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ.
3.ئېرىڭىزنىڭ ئالدىدا ھەرگىزمۇ باشقا بىر ئەرنىڭ ئارتۇقچىلىغىنى ماختاپ كەتمەڭ. چۈنكى ئەرلەردە تۇغما رىقابەتلىشىش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلار باشقىلارغا يىڭىلىپ قېلىشنى خالىمايدۇ ھەم باشقا ئەرلەرنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرىگە ھەسەت قىلىدۇ. ئەگەر ئېرىڭىزنىڭ ئالدىدا باشقا ئەرلەرنى بەكرەك ماختاپ كەتسىڭىز. مىنى قەستەن چۈشىرىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
4.ئېرىڭىزنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان تەرەپلىرىنى تىلغا ئالماڭ.نۇرغۇن ئەرلەر بىرەر ئىشتا نەتىجە قازىلمىغانلىغىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشنى خالىمايدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن ،ئۇلار مەغلۇبىيىتىنى تىلغا ئالغان كىشىگە چىش تىرنىقى بىلەن ئۆچ بولىدۇ.
5.ئېرىڭىزنىڭ ۋە باشقا ئەرلەرنىڭ ئائلىدە ئوينايدىغان رولى ۋەققىدە گەپ ئاچماڭ .ئەرلەر ئائىلىدە خوتونىغا نىسبەتەن ھەر قانچە كۆيۇمچان، ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىشكە ھەر قانچە ئامراق بولسىمۇ ،ئاياللار بۇ ھەقتە باشقىلار ئالدىدا سۆز ئاچماسلىغى لازىم ،چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ تىلغا ئېلىنىشىنى ئۇلار ئەرلىك غورورىغا نۇقسان يەتكەنلىك دەپ قارايدۇ.
6.ئەرلەر جىنسى ئاجىزلىقى ھەققىدە سۆز ئاچماڭ. ئەرلەرنىڭ بارلىق سىرلىرى ئىچىدە جىنسى ئاجىزلىق ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم سىر ھىسابلىنىدۇ.ئەگەر ئەرلەردە جىنسى ئىقتىدار جەھەتتە ئازراق مەسىلە كۆرۈلسە ،ئۇنۇڭغا قوشۇلۇپ باشقىلارنىڭ ئانچە مۇنچە ئۇششاق گەپ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قالسا ،نۇ ئۇلار ئۈچۈن قاتتىق زەربە بولىدۇ.بۇنىڭ بىلەن قايغۇرۇش ،گاڭگىراش ،ئەندىشە قىلىشتەك پاسسىپ روھىي ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.
دىمەك، يۇقىرىقىلاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەرلەرنىڭ پىسخىكىسىنى ئاز تولا چۈشىنىشمۇ ئاياللارنىڭ جەلىپكارلىقى جۈملىسىدىندۇر.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ