كەپتە گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە باچكا شورپىسى تەييارلاش

bachka
كەپتەر گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، خەلق ئارىسىدا بىر كەپتەرنىڭ گۆشى توققۇز توخۇنىڭ گۆشىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ دەيدىغان گەپ بار.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
كەپتەر گۆشى تەركىبىدە ۋىتامىنA،ۋىتامىنE،B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار،پانتوتېنىك كىسلاتا، شۇنىڭدەك كالتىسىي،تۆمۈر،مىس قاتارلىق مېنىرال ماددىلار بار.
كەپتەر گۆشى تۇغۇتتىن كېيىنكى ئاياللار، ئوپراتسىيىدىن كېيىنكى ئاغرىقلار ۋە قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا قارىتا كەڭ دائىرىدە قۇۋۋەتلەندۈرۈش رولىغا ئىگە.
خەلق ئارىسىدا كەپتەر گۆشىگە باشقا دورىلارنى سەپلەپ باش قېيىش كېسىلى، ئاياللار كېسىلىنى داۋالايدىغان رېستېپلار بار. ئاياللار دائىم كەپتەر گۆشى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، جىنسىي ھەۋىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. كەپتەر گۆشى چاچ چۈشۈش، چاچ ئاقىرىش ۋە ۋاقىتسىز قېرىپ كېتىش قاتارلىقلارغا قارىتا ناھايىتى ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە.
كەپتەرگۆشى ئاسان ھەزىم بولىدۇ، بەدەن قۇۋۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، يەلنى ھەيدەپ، زەھەرنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، كېسەلدىن كېيىن تېنى ئاجىزلاپ كېتىش، قان زەئىپلىشىشتىن ھەيز توختاپ قېلىش، باش قېيىش، روھىي جەھەتتە چارچاش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چىكىنىش قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، داۋالاش رولى بار.
كەپتەر باچكىسىنىڭ گۆشى بەدەندە ئاقسىلنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،جاراھەتنىڭ ساقىيىشىنى تىزلىتىدۇ. ئاشقازان ياللۇقى ۋە ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان سوۋۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ.
كەپتەرنىڭ قېنى ئوپراتسىيە جاراھىتىنى تىز ساقايتىدۇ، كەپتەر باچكىسىنىڭ سۆڭىكى تېرىنى ئاق، يۇمشاق قىلىدۇ، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى كۈچەيتىپ، مەڭزىنى قىزىل قىلىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگشلىك ئىشلار
كەپتەر گۆشى ياشانغانلار، تېنى ئاجىز، ئاغرىقچان كىشىلەر، ئوپراتسىيىدىن كېيىنكى ئاغرىقلار، ھامىلدار ئاياللار ۋە بالىلار نىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ. كەپتەر گۆشىنى ھوردا دۈملەپ، شورپا قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا بولىۋېرىدۇ. ئادەتتە كەپتەرنىڭ باچكىسىنىڭ دورىلىق رولى ئالاھىدە يۇقۇرى بولىدۇ.
بەدىنى سوغۇق ھېس قىلىدىغان، جىنسىي قۇۋۋىتى ئاجىز، ئاشقازان ياللۇقى، ئۇيقۇسى كۆپ، ھارغىن ھېس قىلىدىغانلار، بالياتقۇ، جىنسىي يولى ياللۇقىغا گىرىپتار بولغان، ئاق خۇن كۆپ كىلىدىغان، بەل-پۇت تىلىپ ئاغرىيدىغان ، جىنسىي ھېسياتى سۇسلىغان ئاياللار ئىككى كۈندە بىر قېتىمدىن باچكا شورپىسى ئىستىمال قىلىپ بەرسە قۇۋۋەتنىڭ ئەسلىگە كىلىشگە كۆپ ياردىمى بولىدۇ.
باچكا شورپىسىنىڭ سالىدىغان قوشۇمچە تەم خۇرۇچلاردىن قاننى جانلاندۇرۇپ بۆرەك، بالياتقۇنى قىززىتىش ئۈچۈن مۇۋاپىق مىقداردا قەلەمپۇر، قوۋزاقدارچىن، زەپە، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، زەنجىۋىل، قارىمۇچ، سەككىز قۇلاق، تۇز، پىياز قاتارلىقلار.
ئەسكەرتىش:
يۇقۇردىكى خۇرۇچلارنى سىلىپ كەپتەر شورپىسى تەييارلىغاندا يۇقۇرى قان بېسىمى بىمارلىرى، كىچىك بالىلار ئىستىمال قىلماسلىقى كېرەك.
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...