ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ
مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
تەبئىتى: ھۆل ئىسسىق
شىپالىق رولى: ھەر قانداق مىجەزدىكى كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ. بۇغداينىڭ تەرىپى ھەققىدە ھەكىم سۇلتان ئەلى دەستۇرۇلئىلاج ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېگەن ئىكەن: ﻏﯩﺰﺍﻧﯩﯔ ﺋﻮﺑﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﭘﻪﺕ ﺗﻪﮔﻤﯩﮕﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺋﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎﻧﺪﯗﺭ.
بۇغداينىڭ يەركىبىدە ۋېتامىن B1، ۋېتامىن B2، ۋېتامىن B6 قاتارلىقلار بولۇپ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، بۆرەككە مەنپەئەت قىلىش، قاننى ئىللىتىش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇش رولىغا ئىگە. ئىچى تېتىلداشنى تۈگىتىدۇ، قان توختىتىدۇ، چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئۆپكىنى سىلىقلايدۇ.
ئوزۇقشۇناسلارنىڭ قارىشىچە بۇغداي كېپىكىدە ئوزۇقلۇق تەركىبلەر، بولۇپمۇ ۋېتامىن B يۇقۇرى بولۇپ كېپىكى زىيادە ئايرىۋېتىلگەن ئاق ئۇننى ئۇزۇن مەزگىل ئېستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
كۆممىقوناق
تەبئىتى: قۇرۇق سوغۇق
كۆممىقوناق قارا ئاشلىق تۈرىدىكى ئېسىل ساغلاملىق يېمەكلىكى بولۇپ كۆپ ئېستىمال قىلىپ بەرسە ساغلاملىق ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. ئۇنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن A، ۋېتامىن E، ۋېتامىن B1، ۋېتامىن B2 قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بار. كۆممىقوناقنىڭ تەركىبىدىكى ۋېتامىننىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ ، گۈرۈچ، بۇغداينىڭكىدىن 5~10 ھەسسە يۇقۇرى.
شىپالىق رولى: ئىشتىھانى ئاچىدۇ. ماينى پارچىلايدۇ. قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ. گۆش – ياغنى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ مىجەزىگە تولىمۇ ياقىدۇ. ئۈچەي خىزمىتىنى ياخشىلاپ قەۋزىيەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.
زىيانلىق تەسىرى: ئاشقازان سوۋۇپ كەتكەن، ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى بار كىشىلەردە مەيدە ئىچىشىش، سۇ يىنىش، ئىچى سۈرۈش دېگەندەك ئەھۋاللار كۆرۈلىشى مومكىن. ئۇندىن باشقا بۆرەك، مەزى بېزى كېسىىلى بىلەن ئاغرىغان، زىيادە ئورۇق كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ.
داۋاملىق يالغۇز كۆممىقوناق ئىستىمال قىلىۋەرگەندە قارا تەمرەتكە پەيدا قىلىدۇ.
تېرە كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلار كۆممىقوناق ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
كۆممىقوناق ئۇنىدا ئۇماچ، يومدان، زاغرا نان دېگەندەك تاماق، يېمەكلەرنى تەييارلاپ ئېستىمال قىلىشقا بولىدۇ.
گۈرۈچ
تەبئىتى : قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: گۈرۈچ تائاملىرىنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە ياخشى خىلىت ۋە ياخشى قان ھاسىل قىلىدۇ. چىرايىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ، ئۇسسۇلۇقنى قاندۇرىدۇ. ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
زىيانلىق تەسىرى: ئاشقازان كېسىلى بارلار ، بۆرەك، دوۋساقتا تاش بار بىمارلار ئىمكان بار گۈرۈچ تائاملىرىدىن پەرھىز تۇتقىنى ياخشى.
ئارپا
تەبئىتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: يەل ھەيدەيدۇ، باھنى قوزغايدۇ. قان بېسىمنى نۇرماللاشتۇرىدۇ. چىرايىنى پارقىرتىدۇ.
سۈت بېزى ياللۇغى، ئۆپكە سىلى، جىگەر ياللۇغى، دىئابىت بىمارلىرى ئارپا ئۇنىدىن قىلىنغان غىزالارنى ئىستىمال قىلغان ئەبزەلدۇر.
تېرىق
تەبئىتى : قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: سۆڭەكنى چېڭىتىدۇ. ئىچى سۈرۈشكە شىپا بولىدۇ.
بىز يەۋاتقان ئاشلىقلاردىكى خاسىيەتلەر