ئاپلىسىن(جۈزە)نىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە شىپالىق رولى

w20108617330

ئاپېلسىن چۈچۈمەل ، تاتلىق ئىككى خىل بولىدۇ. چۈچۈمەل ئاپېلسىننىڭ تەمى چۈچۈمەلرەك ئاچچىق بولۇپ، ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق ئەمەس، تاتلىق ئاپېلسىننىڭ بولسا رەڭگى ئوچۇق، تەمى چۈچۈمەل تاتلىق، سىرىتقى كۆرۈنۈشى تەكشى چىرايلىق بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرشكەن مېۋىدۇر.
ئوزۇقلۇق تەركىبىي ۋە رولى
ئاپېلسىن تەركىبىدە ۋىتامىنC، ۋىتامىنA، ۋىتامىنB1ۋىتامىنB2،ۋىتامىنB6ھەمدە ماگنىي، سىنىك، كالتىسىي، تۆمۈر،فوسفور، كالىي قاتارلىق مىنىېرال ماددىلار بار.
ئاپېلسىن قىل قان تومۇرلارنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى كۈچەيتىدۇ، قاندىكى ياغ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئۇ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە ەىرىپتار بولغانلارنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.
ئاپېلسىن تېرىنىڭ نەمخۇشلۇقىنى ساقلايدۇ. ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، تارقىلشچان زۇكام، سوغۇق تېگىش قاتارلىق كېسەللەرنى يېقىن يولاتمايدۇ.
دورا ئىچىۋاتقان مەزگىلدە ئاپېلسىن يەپ بەرگەندە، ئورگانىزىمنىڭ دورىنى شۈمۈرۈش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۇرىدۇ .
ئاپېلسىننىڭ پۇرىقى كىشلەرنىڭ روھىي بېسىمنى پەسەيتىشكە پايدىلىق، ئەمما ئۇ پەقەت ئاياللارنىڭلا جىددى كەيپىياتىنى تۈگىتىش، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىش، ئۇيقۇسىزلىقنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئەرلەرگە بولغان رولى چوڭ ئەمەس .
ئاپېلسىن چوڭ مېڭىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ، ئۇنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ، دىققەتنى مەركەزلەشتۇرۇشكەياردەم بېرىدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ چارچىشىنى پەسەيتىدۇ. كىچىك بالىلار ئاپېلسىن يەپ بەرسە ، ئىشتىھاسىنى ئېچىپ، بويىنى ئۆستۈرىدۇ. ئاياللار ئاپېلسىن يەپ بەرسە، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولۇپ، قورۇقنى ئازايتىدۇ.
ئاپېلسىن يەنە ئۆت كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەنە جىگەر كېسلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىدۇ.
ئاپېلسىننىڭ شۆپۈكىنى ئاشقازان ئىقتىدارىنى ياخشىلاش دورىسى، خۇش پۇراق تەم خۇرۇجى قىلىپ ئىشلىتىكە بولىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلۋېلىقا تېگىشلىك ئىشلار
ئاپېلسىننى ھۆل پىتى ئىستېمال قىلىشقىمۇ ، شىرنىسىنى چىقىرىپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئەمما پاقات ئاپېلسىن شەربىتىنىلا ئىستېمال قىلغاندا، ئۇنىڭ سالامەتلىكنى ساقلاش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئويلاشقاندا، ئەڭ ياخشىسى ھۆل ئاپېلسىن ئىستېمال قىلىش لازىم .
ئاپېلسىن يېيىشنىڭ ئالدى كەينىدە بىر سائەت ئىچىدە سۈت ئىچمەسلىك كېرەك، چۈنكى سۈت تەركىبىدىكى ئاقسىل مېۋە كسلاتاسى بىلەن ئۇچراشقاندا قېتىۋېلىپ، ھەزىم قىلىشنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ.
قالقانسىمان بەزنىڭ ئىششىپ قىلشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاپېلسىننى تۇرۇپ(لوبۇ) بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.
ئاپېلسىننى تاماقتىن بۇرۇن ياكى ئاچ قورساق چاغدا يېمەسلىك لازىم، بولمىسا ئاپېلسىن تەركىبىدىكى ئورگانىك كسلاتا ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلايدۇ، بۇ ئاشقازان ئۈچۈن پايدىسىز .
ئاپېلسىن شۆپۈكىدە چاي دەملەپ ئىچمەسلىك كېرەك، چۈكى ئاپېلسىن شۆپۈكىدە ئادەتتە يېڭى پىتى ساقلاش دورىسى بولىدۇ، ئۇنى سۇ بىلەن يۇيۇپ چىقىرىۋېتىش ناھايىتى تەس.
ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارى ئاجىزلاشقان ياشانغانلار ئاپېلىسىن ئىستېمال قىلغاندا قورساق ئاغرىش، بەل تېلىپ ئاغرىش، پۇت ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن. مىقدارىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا دىققەت قىلىش لازىم.
ئاپېلسىن يېيىشلىك بولسىمۇ، ئەمما بەك كۆپ يېمەسلىك، ئاپېلسىن يەپ بولغاندىن كېيىن، ئېغىز بوشلۇقى، چىشقا زىيان يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىدا چىشنى چوتكىلاش، ئېغىزنى چايقاش لازىم.
سېسىپ سۈپىتى ئۆزگەرگەن ئاپېلسىننى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
ئاپېلسىن شۆپۈكىنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتقاندىن كېيىن ياستۇققا سېلىپ ئىشلەتسە، ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغرىشقا قارىتا داۋالاش ئۈنۈمى بولىدۇ.
پايدىلانغان ماتېريال : ئوزۇقلۇق ۋە مىنىرال ماددىلار


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ