كەرەپشە (چىڭسەي) نىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

كەرەپشە(چىڭسەي) ئەسلى ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى سازلىق رايۇنلاردىن چىقىدۇ، جۇڭگۇدا كەرەپشە ئۆستۈرۈش تارىخى ئۈچ مىڭ يىلدىن ئاشىدۇ.

10873928_185255399150_2
كەرەپشە جۇڭگو تىپلىق(يەرلىك) ۋە ياۋرۇپا تىپلىق( غەرىپنىڭ) دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ.غەرىپ كەرەپشىسىنىڭ يوپۇرماق ساپىقى توم، يەرلىك كەرەپشىنىڭ ساپىقى ئىنچىكە بولىدۇ.كەرەپشىنى ھەم قورۇپ، ھەم سوغۇق سەي تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار كەرەپشىنىڭ ناھايىتى ياخشى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە بىرخىل ئۆسۈملۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
كەرەپشە تەركىبىدە ۋىتامىنB1، ۋىتامىنB2، ۋىتامىن، ۋىتامىنC، ۋىتامىنpشۇنىڭدەك كالتىسي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. ئۆل؛چەشكە ئاساسلانغاندا، ھەر 100 گرام كەرەپشە تەركىبىدە8.5مىللىگرام كالتىسي، 61 مىللىگرام فوسفور، 8.5 مىللىگرام تۆمۈر بولىدۇ. بۇلاردىن تۆمۈرنىڭ مىقدارى پېدىگەننىڭكىدىن 20 ھەسسىچىلىك كېلىدۇ.
كەرەپشىنىڭ تەمى تاتلىق بولۇپ، ئاشقازاننى ياخشىلاپ، ئىچكى ئەزالارنى ئىللىتىدۇ، ھۆللۈكىنى يوقىتىدۇ، يۈرەك قىزىپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ تىت-تىت بولۇشنى تۈگىتىدۇ، قېيىپ قالغان قاننى تارقىتىپ، توسالغۇلارنى ئېچىش، تالنى كۈچەيتىپ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، ئىسسقنى ياندۇرۇپ، جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، نەم ئىسسقنى تۈگىتىش، ئىششقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ، باش قېيىشنى توختىتىش ئۈنۈمى بار.
كەرەپشىنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە تىنىچلاندۇرۇش ۋە قان تومۇرلارنى ئاسراش رولى بار، ئۇ يەنە سۆڭەكنى كۈچەيتىپ، بالىلار كۆمۈرچەك كېسىلىنىڭ ئالىدۇ.
كەرەپشىنىڭ يۇقىرى قان بېسىم، قان تومۇر قېتىشىش، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا نىسبەتەن بەلگىلىك قوشۇمچە داۋالاش رولى بار.
كەرەپشىنىڭ بىر قەدەر كۈچلۈك ئۈچەي تازىلاش رولى بار بولۇپ، ئۈچەيدىكى سۇ ۋە ئارلاشما ماددىلارنى شۈمۈرۈپ ئېلىپ كېتىپ، ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ماددىلار،ھەتتا راك پەيدا قىلغۇچى تەركىبلەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ.شۇڭا كەرەپشە ئورۇقلىتىش، ھۆسۈن تۈزەشتىكى خاسىيەتلىك بويۇم دەپ قارىلىدۇ.
كەرەپشىنىڭ يوپۇرمىقى، غولى تەركىبىدە ئۇچۇچان ماددىلار بولۇپ،ئۆزگىچە خۇش پۇراق تارقىتىپ، ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ، كەرەپشە شىرنىسىنىڭ قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار،يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشتا بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈمى بار.
كەرەپشە ئادەمنىڭ جىنسىي قوزغىلىشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، غەرپلىكلەر ئۇنى«ئەر- خۇتۇن كۆكتاتى»دەپ ئاتايدۇ، يۇقىرىقى سەۋەب تۈپەيلى، كەرەپشە قەدىمكى گرېتسىيىدە راھىبلارنىڭ يېيىشى مەنئىي قىلىنغان يېمەكلىكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، تايلاندىكى بىر تۈلۈك تەتقىقاتتا، دائىم كەرەپشە ئىستېمال قىلىپ بەرگەندەئەرلەرنىڭ ئۇرۇقىنىڭ سانىنى ئازايتىۋېتىدىغانلىقى، شۇڭا كەرەپشىنىڭ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشقا ياردىمى بولۇشى مۇمكىنلىكى بايقالغان.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
كۆپ ساندىكى كىشىلەر كەرەپشىنىڭ يوپۇرمىقىنى ئۈزۈپ تاشلىۋېتىپ، پەقەت غولىنىلا ئىستېمال قىلىشىغا ئادەتلەنگەن، بۇ ئىلمىي ئۇسۇل ئەمەس. كەرەپشىنىڭ يوپۇرمىقى تەركىبىدىكى كاروتىن ۋە ۋىتامىن C غولىدىكىدىن كۆپ، يوپۇرمىقى تەركىبىدە تۆمۇرنىڭ مىقدارىمۇ ئىنتايىن مول.

مەنبە: ۋېتامىن ۋە مىنىرال ماددىلار

كەرەپشىنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار، شۇڭا قان بىسىمى تۆۋەنرەك كىشىلەر كەرەپشە ئىستېمال قىلىشتا ئىھتىيات قىلىشى لازىم.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...