چەتئەللىكلەرنىڭ ئاق كىسەلگە بەش يەرلىك رېتسىپى

ئالاھىدە ئەسكەرتمە : قول ، بىلەك، يۈز، بويۇن قاتارلىق كۈن نۇرى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىدىغان جايلاردا ئاق كىسەل پەيدا بولغاندا چۇقۇم كۈندىن ياخشى مۇداپىئە قىلىش لازىم، چۈنكى كۈن نۇرىدىن كۆيۈپ زەخىملىنىش تېرىنىڭ رەڭلەش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ چىكىندۈرۈپ ئاق كىسەلنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىشى مۇمكىن. داۋالاش باسقۇچىدا ئاق كىسەل پەيدا بولغان تېرىنى قاچان ئاپتاپقا قاقلايمىز، قانچىلىك قاقلايمىز قاتارلىق مەسلىلەردە چوقۇم دوختۇرنىڭ بۇيرىقى بىلەن مەشغۇلات قىلىش، كۈچلۈك ئاپتاپقا قاقلىنىپ زەخىملىنىشتىن قەتئى ساقلىنىش زۆرۈر.

1. نىمىشقا ئاق كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالىمىز ؟ 

تېرە رەڭگىنىڭ ئاستا -ئاستا ئۆزگىرىپ ئاقىرىپ كىتىشى ئاساسلىق كىسەللىك ئالامىتى بولغان ،  دۇنيادا بىر قەدەر كۆپ كۆرىلىدىغان كىسەللىكلەرنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ. كىسەللىك سەۋەبى بولسا : تېرىمىزنىڭ رەڭگى بولغان مېلانىننى ئىشلەپچىقىرىدىغان ھۈجەيرىلەر – مېلانوسىت
رەڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن ئاق كىسەل پەيدا بولىدۇ. دوختۇرلار، تەتقىقاتچى،  تېرەشۇناسلار بىر نەچچە خىل ئىھتىماللىقلار ۋە داۋالاش لاھىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بەزى داۋالاشلار بىمارلارنىڭ رەڭ ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ لېكىن ئاق كىسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ نىمىشقا رەڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يوقىتىدىغانلىقى توغرىلىق ئېنىق، نەق، كونكىرت سەۋەب ھازىرغىچە تېپىلمىدى.
بىرىنجى : كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىت سېستىمىسى بۇزغۇنچلىققا ئۇچراش، ئىممۇنىت ئىقتىدارى چىكىنىشتىن ئاق كىسەل پەيدا بولىدۇ. ئىممۇنىت سېستىمىسىغا ئالاقىدار كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بەزى كىشىلەردە ئاق كىسەل پەيدا بولىشى مۇمكىن ، مەسىلەن قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش، دىئابىت،بىئېرمېر قان ئازلىق كىسىلى،  تەڭگىسىمان چاچ چۈشۈش، ئاددىسون كىسىلى قاتارلىقلار.
ئىككىنجى : بەدەنگە ئەركىن رادىكاللار، توكسىن، زەھەرلەرنىڭ زىيادە يىغىلىپ كىتىشىدىن ئاق كىسەل پەيدا بولىدۇ.
ئۈچىنجى : ئەللىك پىرسەنت بىمارلاردا ئاق كىسەل يىگىرمە ياشتىن بۇرۇن پەيدا بولغان بولۇپ ، كۆپ قىسىم بىمارلار كىسەل بولۇشتىن بۇرۇن ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق روھى زەربىگە ئۇچرىغانلىقىلىرى ياكى زەخىملەنگەنلىكى ياكى ئاپتاپتا  ئېغىر كۆيۈپ زەخىملەنگەن تارىخى بارلىقىنى بىلدۈرگەن .
تۆتىنجى : ئىرسىيەت خاراكتىرلىق ئاق كىسەل.
ئاق كىسەل دائىرىلىك ، پۈتۈن بەدەنلىك ، كېڭىيىدىغان ، كېڭەيمەيدىغان دەپ بىر نەچچە تۈرگە ئايرىلىدۇ.
ئاق كىسەل يېڭى باشلانغان مەزگىلدە ئاسانلا باشقا تېرە كىسەللىكلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرىلىپ خاتا دىئاگنوز قويىلىپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن تېرىدە ئاقلىق كۆرىلىش بىلەنلا يەرلىك ئۇسۇللاردا داۋالىنىشقا ئالدىرىماي چوقۇم تېرە بۆلىمىدە ئېنىق دىئاگنوز قويدۇرۇپ ئاندىن كىسەلگ قارىتا داۋالاش قىلىش لازىم.
ھازىر دوختۇرخانىلاردا قوللىنىدىغان داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن  نۇر بىلەن داۋالاش، مېلانوسىت ھۈجەيرىلىرىنى كۆچۈرۈپ داۋالاش، دورا بىلەن داۋالاش، ۋىتامىن تولۇقلاش، يەرلىك ئۇسۇللار بىلەن داۋالاش قاتارلىق ئۇسۇللار بار. دوختۇرلار بىر نەچچە خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى بىرلا ۋاقىتتا قوللانغاندا ئۈنىمى ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
  ئاق كىسەلنىڭ پەرھىزلىرى 
گەرچە ئاق كىسەل ئاغرىتمايدىغان، يۇقمايدىغان، بىمارنىڭ ھاياتىغا ھېچقانداق خەۋپ يەتكۈزمەيدىغان پەقەتلا تېرىنىڭ رەڭگىنىڭ ئاقىرىپ كىتىشى بىلەنلا خاراكتىرلىنىدىغان كىسەللىك بولسىمۇ لېكىن ئاق كىسەل بىمارلىرى غايەت زور روھى بېسىمغا ئۇچرايدىغان بولغاچقا ھېچقانداق بىمار ئاق كىسەل دائىرىسىنىڭ كېڭىيىپ كىتىشىنى خالىمايدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ، يىمەكلىكتە بىر قانچە پەرھىزلەر بولۇپ كىسەللەر ياخشى دىققەت قىلىشى زۆرۈر.
بىرىنجى : سۈركىلىشتىن ساقلىنىش لازىم،  تەكرار ھەرىكەت قىلماسلىق.  مەسىلەن كىسەللىك كۆرۈلگەن جاينى تولا سىلاش، توختىماي تۇتۇشتىن ساقلىنىش.
ئىككىنجى : ئاپتاپتىن ياخشى مۇداپىئە قىلىش، كۈچلۈك ئاپتاپنىڭ تېرىنى زەخىملەپ قىزارتىۋېتىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش .
ئۈچىنجى : كۈچلۈك خىمىيىلىك تەركىبلىك گىرىم بۇيۇملىرى، مايلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش. سۈنئى تالالىق پەلەي، تارۋە ناچار ماتىرىياللاردىن تىكىلگەن ئىچ كىيىملەرنى كەيمەسلىك.
تۆتىنجى : ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك، قالايمىقان تاماقلانماسلىق- بەك تويۇپ يىيىش ، تاماق يىمەي ئاچ يۈرۈشلەردىن ساقلىنىش، غىدىقلىغۇچى، كۈچلۈك تەملىك بەك ئاچچىق بەك چۈچۈمەل، بەك تاتلىق يىمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش.  كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇخلاش، تۇرۇش، ئوزۇقلىنىش سائەتلىرى تەرتىپلىك بولۇش، ھەرىكەت قىلىش.
بەشىنجى : يەرلىك ، تەبىئى يىمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش. بارلىق تەييار يىمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش لازىم. چۈنكى بازارلاردا ساتىدىغان سانائەت يىمەكلىكلىرىدە نۇرغۇن سۈنئى خۇرۇچلار بولۇپ بەدەنگە زەھەر يىغىدۇ.
ئالتىنجى : ۋىتامىن د نىڭ ئاق كىسەلنى داۋالاشقا ياردىمى بار لېكىن بىۋاستە كۈن نۇرىغا قاقلىنىشتىن ساقلىنىپ ئاپتاپتىن ساقلىنىش مايلىرىنى سۈركەپ ئاندىن كۈنگە قاقلىنىش، ئەڭ ياخشىسى قىش پەسلىدە ئاپتاپقا قاقلىنىش ۋە ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولماسلىقى لازىم.
يەتتىنجى : دوختۇرلارب گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلاردىن يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن ب 12 نى تولۇقلاش كىسەلگە ياخشى تەسىر كۆرسىتىدۇ دىيىشىدۇ.

چەتئەللىكلەرنىڭ بەزى يەرلىك رېتسىپلىرى : 

1. چوڭ بىھى ياكى كۇلى بىھىسىنى پارچىلاپ ئىزىپ ئاق كىسەل بار ئورۇنغا چاپلاش ياكى
چوڭ بىھىنى سىقىپ شەربىتىنى ئىچىش.

2. يېرىم كىلوگرام خام زەرچىۋە، 250 گىرام زەنجىۋىل، بەش دانە لىموننىڭ سۈيىنى بىر
قاچىغا سېلىپ توڭلاتقۇدا ساقلاپ كۈندە ئىككى كىچىك قوشۇقتىن ئىچىش.
ياكى زەرچىۋەنى ئىزىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپلاش.

3. ئازراق خام زەنجىۋىلنى ئىزىپ بىر قوشۇق قىچا يېغى، بىر كىچىك قوشۇق زەرچىۋە تالقىنى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئاق كىسەل بار ئورۇنغا قويۇپ 20 مىنۇت تۇرغۇزىمىز.

4. كۆللەردە ئۆسىدىغان سۇ لېشىنى سۈزۈپ ئېلىپ ئىزىپ بىر قوشۇق ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە ئەتىگەنلىك، چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بىرىمىز.
سۇ مەنبەسىنىڭ بۇلغانمىغان ، ئالاھىدە پاكىز بولىشىغا دىققەت قىلىڭ.
5. ئىككى قوشۇق قىزىل مېنراللىق توپا بىلەن بىر قوشۇق زەنجىۋىل سۈيىنى ئارىلاشتۇرۇپ  خېمىرسىمان قىلىپ ئاق كىسەل بار ئورۇنغا قويۇپ 15 مىنۇت تۇرغىزىمىز.
مېنراللىق قىزىل توپىنىڭ ئادەتتىكى سېغىز توپىدىن پەرقى بولسا بۇ خىل توپىنىڭ تەركىبىدە  نۇرغۇن مېنرال ماددىلار بولۇپ ئاق كىسەل بىمارلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە مۇھىم بولغىنى مېنرال توپا تەركىبىدە تېرىنىڭ رەڭلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بىرىدىغان مىس ماددىسى بار.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: يۇقىرىقىلار دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاق كىسەلگە قارىتا يەرلىك رېتسىپلىرى بولۇپ، ئاق كىسەل سەۋەبى مۇرەككەپ ھەم جاھىل خاراكتىرلىق بولغاچقا ئاق كىسەلنى چوقۇم ساقايتىۋېتىدۇ دەپ كىسىپ ئېيتىشقا بولمايدۇ. يۇقىرىقى رېتسىپلارنى سىناشتىن بۇرۇن سالامەتلىك ئەھۋالىڭىز ۋە تەن سۈپىتىڭىزگە ماس كىلەمدۇ دوختۇرلاردىن ياكى تەجرىبىلىك تىۋىپلاردىن مەسلىھەت ئېلىپ، ئاندىن سىناڭ.

110443bwqfzhizgtgxghhs.jpg.thumb

چوڭ بېھى

105250aatz8z8zqwtfeirq.jpg.thumb

 

زەرچىۋە، لېمون، زەنجىۋىل

105342y3qq6rjya6jffllo.jpg.thumb

 قىزىل توپا

110322m2m6vh2d26idyoud.jpg.thumb

 

دەريا لېشى

105519xoreve0mbwo61wwf.jpg.thumb

 

نۇسرەت تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...