بېلىق گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە بىلىق يېيىشتىكى پەرھىزلەر

تاتلىق سۇدا ياشايدىغان بېلىقنىڭ تۈرى ئون نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ. ئۇلارنىڭ تەركىبى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپرەك ئىستىمال قىلىنىدىغان كارىب بېلىقىنىڭ تەركىبىدە 17.3 گىرام ئاقسىل، 5.1 گىرام ماي، 25مىللىگىرام كالتىسىي، 175 مىللىگىرام فوسفور، 1.6 مىللىگىرام تۆمۈر، 1.1 مىللىگىرام ۋېتامىن B2، 3.1 مىللىگىرام ۋېتامىن PP، 81مىللىگىرام خولېستېرىن بار.
1421115048_6348

قۇۋۋىتى: 100 گىرام بېلىقتىن 115 كىلوكالورىيە قۇۋۋەت ھاسىل بولىدۇ.

بېلىق گۆشىدىكى ئاقسىل سۈپەتلىك ئاقسىل قاتارىغا كىرىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ سۈمۈرلۈش نىسبىتى يۇقۇرى بولىدۇ، بېلىق گۆشىدىكى مايمۇ تويۇنمىغان ماي كىسلاتاسىدىن تەركىب تاپقاچقا، بەدەن تەرىپىدىن تولۇق سۈمۈرلەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بېلىق گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى بولىدۇ، ئاسان سىڭىدۇ، يەل پەيدا قىلمايدۇ. قانچە يېڭى بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ. يېڭى بېلىق گۆشىدىكى ۋېتامىنلار پۇشۇرۇلغاندا ئانچە كۆپ بۇزۇلۇپ كەتمەيدۇ. دېڭىزدىن چىقىدىن بېلىقلارنىڭ تەركىبىدە يود، مىس قاتارلىق ماددىلار كۆپ بولىدۇ. بۇلارمۇ بەدەنگە پايدىلىق. بېلىقنى كاۋاپ قىلىپ، شورپا قىلىپ يېيىشكىمۇ ھەر خىل قورۇمىلارنى تەييارلاپ ئىستىمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. بازارلاردىكى تەكرار قىززىتىلغان مايدا پۇشۇرۇلغان بېلىق يېيىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە بۇنىڭ تەركىبىدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بولىدىكەن.
ئۇندىن باشقا 80خالتا بلوگى بىلىق ئىستىما ل قىلىشتا تورداشلارنى دېققەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىدىغان يەنە بىر ئىش : ﻗﯧﺘﯩﻖ ، ﻏﻮﺭﺍ، ﮔﯜﺭﯛﭺ، ﺳﯩﺮﻛﻪ، ﻛﻪﭘﺘﻪﺭ ﺑﺎﭼﻜﯩﺴﻰ، ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ، ﭘﯩﻴﺎﺯ، ﺳﯘﺯﺍﭖ ﺋﯘﺭﯨﻘﻰ، ﺑﯧﻠﯩﻖ، ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﻩ، ﺑﯩﺮﻻ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯧﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯧﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺟﻮﺯﺍﻡ (ﻣﺎﺧﺎﯞ)، ﺑﻪﺭﻩﺱ (ﺋﺎﻕ ﻛﯧﺴﻪﻝ) ﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﮬﯚﻝ ﻣﯧﯟﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﻥ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ، ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﯧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ، ﺗﻮﻧﯘﺭ ﻛﺎﯞﯨﭙﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﭙﻼ ﻳﯚﮔﻪﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯞﯦﺘﯩﭗ ﺋﯧﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯧﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻛﻪﻟﻪﭖ(ﺩﺍﻍ-ﺳﻪﺑﮕﯜﻥ)، ﯞﻩ ﺑﺎﺵ ﻗﯧﻴﯩﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﺎﺭﺍﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﺕ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯧﭽﯩﻠﺴﻪ ﻧﯧﻘﺮﻩﺱ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯧﻠﯩﻖ، ﺳﯜﺕ، ﺗﻮﺧﯘ ﺗﯘﺧﯘﻣﻰ، ﻗﯧﺘﯩﻖ ﯞﻩ ﭘﯩﺸﻼﻗﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻳﯧﻤﻪﺳﻠﯩﻖ….

كىيىنكى تېمىمىزدا رايۇنىمىزدا كۆپرەك ئېستىمال قىلىنىدىغان بىلىقلاردىن ئوتخۇر بېلىق ( 草鱼 – ئاق ئامۇر بېلىقى ) نىڭ ئوزۇقلۇق رولىنى تونۇشتۇرىمىز.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ