80خالتا پاراڭلىرى (5)

ئائىلىدە، بولۇپمۇ يېزا-سەھرا شارائىتىدا بەزى بىر ساقسىزلىق، ئاغرىق-سىلاقلارغا يەرلىك ئاددىي چارىلەر بىلەن، ئاسان تاپقىلى بولىدىغان نەرسىلەر بىلەن «ئاغرىققا ئامال، كېسەلگە داۋا» قىلىشتا جانغا ئەسقاتىدىغان رېتسىپ چارىلەرنى بىلىپ قويغاننىڭ پايدىسى كۆپ. بەزى دورا-دەرمەكلەر بار، ھەر قاچان ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك. ئانام ئۆيدە موزا، زەنجىۋىل، يالپۇز، زېرە-قارىمۇچ، ئاقمۇچ، گۈلقەنت، سىركە، قارىئۈرۈك، چىلان، قۇرۇتۇلغان يۇمغاقسۈت، پىننە، ئىسسىقلىق ماي دېگەندەك دورا-دەرمەكلەرنى ساقلاپ قويىدۇ. قورسىقى ئاغرىپ ئىچى سۈرۈپ قالغانلار بولسا بىر قوشۇق گۈلقەنتكە بىر چىمدىم موزا تالقىنىنى ئارىلاشتۇرۇپ يېگۈزۈپ قويىدۇ. بىرەر سائەتكە بارمايلا ساقىيىپ قالىدۇ. سوغۇقتىن گال ئاغرىپ قالغان بولسا زەنجىۋىل تالقىنىنى ئىچكۈزۈپ قويىدۇ. يىراق يېقىندىكى ئايال قوشنىلار ئاشۇنداق نەرسىلەر لازىم بولسا ئۇدۇل ئانامنى ئىزدەپ كىلىدىكەن. – بالامنى چايان چىقىۋاپتى ئاغرىق توختاتقۇدەك چارىلىرى بار ھەقىچان، ئۆتكەندە ئا ھىلىمىخاچامنى چايان چىقىۋاغاندا سىركە قۇيۇپ بىرىپتىكەنلا، ئىتتىكلا ئارام بىرىپتىكەن، شۇ سىركىلى بولسا ماڭىمۇ بىژ قوشۇق بەرسىلە بوپتىكەن. بالامنىڭ جىنى بەك قىينىلىپ كەتتى. – مانا خىنىم، ئاز-ئازدىن ئىچسۇن، ئاشقازىنىغا ئېغىر كىلىپ قالمىسۇن.
يازنىڭ تومۇز كۈنلىرىدە ئاپتاپ ئۆتۈپ كەتسە، ئاچ قورساق قورىما، ئىسسىقلىق تاماق يەپ قوقاققا تەككەن بولسا، قىززىتىپ قالسا پۇت-قولنىڭ ئالقانلىرىغا سىركە سۈركەپ، يۇمغاقسۈت، قارىئۈرۈك، تۇرۇپلاردىن سىلىپ شۆۋگۈرۈچ قاينىتىپ ئىچكۈزۈپ بەرسە بىردەمدە ياخشىلىنىپ قالىدىغان گەپ. قىزىلنىڭ گېپى چىقسا، – ۋاي ئۇ بەك يامان كېسەل، خۇدايىم ساقلىسۇن، باللارغا قىزىل چىقسا بالىنى بەك شامالداتماي، چىلان، قارىئۈرۈك قاقلىرىنى چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ ئۇسسۇزلۇقىغا ئىچكۈزىمىز، يۇمغاقسۈت، غولپىيازلارنى قاينىتىپ سۈيىدە بالىنى يۇيۇپ بەرسە قىزتمىسى پەسلەپ ئاستا-ئاستا ياخشى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئاڭلايمىز.
بۇ يىل بالىلار يۇقۇملۇق قېزىل كېسىلىنىڭ گېپى كۆپرەك بولىنىۋاتىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋاكسىنىسى چوقۇم ئەملىنىشى كېرەك، بالىلار زۇكام ياكى ئىچ سۈرۈك دېگەندەك بىر قەدەر ئۇششاق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغاندا ئىمكان بار ئائىلىدە پەرۋىش قىلىپ داۋالاش، قىزىل ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۋىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن مۇداپىئەسى ياخشى بولمىغان، مۇنتىزىم بولمىغان دوختۇرخانا ئامبۇلاتورىيەلەرگە ئاپارماسلىق دېگەندەك تەۋسىيە-تەشەببۇسلار ئەتراپىمىزدا ئاڭلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا بەزى يەرلىك ئۇسۇل-چارىلەرنى بىلىپ قويغاننىڭ پايدىسىنى كۆرۈشىمىز مومكىن.
بۇلتۇر ئەتىياز ئېتىزنىڭ قىرىدىن نەچچە تۈپ يالپۇز ئىلىپ كىلىپ ھويلىدىكى كۆكتاتلىققا كۆچۈرۈپ قويسام ئاسانلا تۇتۇپ قاپتۇ. ئانچە-مۇنچە سۇ قۇيۇپ پەرۋىشلەپ قويسام پاقلاندەك چىرايلىق بولۇپ كەتكىلى تۇرۇپتىكەن، مەن نەچچە كۈن چوڭ ئۆيگە بارمىغانغا دادام، يالپۇز دېگەن كۆپۈيۈپ كەتسە يېلتىزلاپ يوقاتقىلى بولمايدىغان نەرسە، باشقا كۆكتاتلارنى يالجىتمايدۇ دەپ چانىۋېتىپتۇ. بىر قانچە ھەپتىدىن كىيىن قارىسام كۆكتاتلارنىڭ ئارىسىدىن ھىلىقى يالپۇز يەنە كۆكلەپ چىقىپتۇ، دادامنىڭ دېگىنى راست ئىكەندە دەپ ھەيران قالدىم. ئۆيدىكىلەرنىڭ ئانچە-مۇنچە ئاشقازىنى كۆپۈپ قالسا، كەچلىرى تاماق سېڭدۈرۈش ئۈچۈن يۇمران يالپۇز يوپۇرمىقىدىن پۇتاپ ئەكىرىپ چاي دەملەپ بەرسەم ئىچىپ راھەت تېپىپ ھەجەپ ئوبدان نەرسىكىنا بۇ يالپۇز دېگەن، يەڭگىل كېكىرتىپ مەيدەمنى بوشاتتى. مايلىق تاماق كۆڭلۈمنى تۇتۇپ ئېغىرلاشتۇرۇپتى، ھازىر ما چاينى ئىچىپ ئېچىلدى دەپ قويۇشلىرى بار.
كېچىگىمدە ھويلىمىزدىكى ئېغىلدا 7-8 ئەتراپىدا ساغلىق باقاتتۇق. ساغلىقلار يازدا ئاساسلىقى ئېتىز قىرلىرىدىن ئوتۇغۇچتا ئىلىنىدىغان، دەريا بويلىرى، شاللىق قېرلىرىدىن ئورغاق بىلەن ئورىلىدىغان ھۆل ئوت-چۆپلەر بىلەن بېقىلاتتى. مەكتەپكە بارمىغان ئارام كۈنلىرى قويلارنى دەريا بويلىرىغا ئىلىپ بىرىپ بېقىپ كىلەتتىم. بۇ ساغلىقلار بەزىدە پاقلانلىرى بىلەن 10 نەچچىمۇ بولۇپ قالاتتى. قوزىلار ئەركەك بولسا 5-6 ئاي بولغاندىن كىيىن ئايرىپ سېمىرتىش ئۈچۈن يەم بىرەتتۇق. يەم بىرىلگەن پاقلانلارغا گۆشى تەمسىز بولۇپ قالىدۇ دەپ ھۆل ئوت-چۆپلەرنى بەرمەيتتى. تولاراق كىپەك بىلەن ساماندا ھەلەپ ئىتىپ، ئارىلاپ قوناق بىرەتتۇق. بۇ پاقلانلاردىن بىرەنى قۇربانلىق مال قىلىش، بىر-ئىككىنى قىشتا سويۇپ يېيىش ئۈچۈن ساماننى تاسقاپ، ئوقۇرنى سۈپۈرۈپ تازىلاپ دېگەندەك ئىخلاس بىلەن تۈجۈبىلەپ باقاتتۇق. گۆشى تاتلىق بولىدۇ دەپ ئوقۇرغا بىر-ئىككى مونەك تاش تۇز تاشلاپ قوياتتۇق. بۇنداق ئىشلارغا دادام بەك تۈجۈبىلەيتتى.
ئۈرۈمچى-غۇلجىغا بىرىپ كەلگەنلەر ئۇ تەرەپتىكى تاغ قويلىرىنىڭ گۆشلىرىنىڭ پەقەتلا تەمى يوقلىقىنى، سەۋەبى ھۆل ئوت-چۆپ يېگەن قويلارنىڭ گۆشى چىڭ بولماي لۆش-لۆش بولىدىغانلىقى دېگەندەك ئېنىقسىز قاراشلار ئىدى. مەنمۇ ھەيران ئىدىم، نېمە دەپ ئۆيدە بىر-ئىككى خىللا قۇرۇق يەم بىلەن بېقىلغان قوينىڭ گۆشى تەملىك، يۇمشاق پىشىدۇ، ئەكسىچە تاغدا ھەر خىل دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئوزۇق قىلغان قويلارنىڭ گۆشى ‹‹تاتلىق›› ئەمەس؟
ئارىدا قورۇ ھويلا شارائىتىنى ئويلىشىپ قوي باقمىدۇق. ئەمما بازاردا سېتىلىۋاتقان گۆشلەر ھەققىدە گەپ تولا بولاپ كەتتى.
كىيىنكى مەزگىللەردە قاسساپتىن گۆش ئالغاندا يەرلىك قوي سويىدىغان، كىچىك، ئەكەك پاقلانلارنى مەخسۇس سويىدىغان قاسساپلاردىن پۇلىسى قىممەترەك بولسىمۇ ئىلغاپ يەيدىغان بولدۇق.
بۇ يىل ئەتىياز دادام بىلەن پاراڭلىشىپ ھويلىغا بىر ئېغىل تەييارلاپ پاقلاندىن بەشنى ئىلىپ ‹‹تاشلاپ›› قويىدىغان بولدۇق. دادامنىڭ ئۇلاق بېقىشقا خىلى ئېپى بولغاچقا پاقلانلار ئوبدان ئاينىدى. – ما خەقلەرنىڭ ھورۇن بولاپ كەتكىننى، ئېتىزنىڭ قىرلىرىدىكى ھەر ئوت، ئىلگىركى ۋاقىتلار بولسا تۇرمايتتى جۇما، دەپ ئاقتام (بىزنىڭ ئېتىز بار يەر)غا ھەر بارسا بىر ھارۋا يالپۇز ئارىلاش ئوتلارنى بېسىپ كىلىپ قۇرۇتۇپ چۆپ قىلىپ قويۇپ قويلارنى باقتى.
كۈزدە پاقلانلار ئوبدانلا سېمىرىپ پىچاققا يارىغۇدەك بولغاندا بىرەدىن ئۆلتۈرۈپ يېگىلى تۇرۇپتۇق. ۋاي، گۆش دېگەن ئەسلى مۇنداقراق بولامدىكەنمۇ دەيمەن، دورىلىق چۆپلەرنى يەپ گۆشى ھەجەپ يۇمشاق، تاتلىق بولاپ كېتىپتىيا دېيىشتۇق چاقچاقلىشىپ. ئەتىيازلىققا چىقىپلا يەنە 10-15 پاقلان ئىلىپ يەنە مۇشۇنداق بىر قوللۇق بېقىپ ئۆلتۈرۈپ يەيلى، دېيىشتۇق مەمنۇنلۇقتا…


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ