80خالتا پاراڭلىرى (4)

سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن تەييارلىقنى شۇنچە تولۇق قىلىمەن دەپ ئۆزۈمگە جىكىلەپ تۇرۇپمۇ يەنە بىر نېمىلەر كام قالىدۇ. ھازىرغۇ ئايروپىلان بىلەن بولغان سەپەرلەردە قىيىنچىلىق يوق، سەپەردە لازىم بولىدۇ دەيدىغان نەرسىلەرگە ئىھتىياجىمىز چۈشۈپ بولغۇچە مەنزىلگە بىرىپ بولىدىكەنمىز. مەن سەل چوڭ بولۇپ سەپەرگە چىقىدىغان بولغاندا دەسلەپتا زىيادە جىددىيلىكتىنمىكىن ئاشقازان، ئۈچەينىڭ خىزمىتى ياخشى بولمايتتى. قورسىقىم ئاغرىغاندەك بولۇپ ئاپتۇبۇس بىر يەردە توختىسىلا ھاجەتكە باراتتىم. قورقۇپ يول بويىدىكى ئاشخانىلاردىن تاماقمۇ يېمەيتتىم. ئۆيدە ئانام تەييارلاپ بەرگەن يېمەكلىكلەر، سوغۇق چاي دېگەندەك نەرسىلەرنىمۇ ئاۋايلاپ ئازىراق يەيتىم. خەقلەر ئاپتۇبۇسقا چىقىپ تېخى تولۇق جايلىشىپ بولمايلا پۇرۇتۇپ تۇخۇم، ئاپلىسىن دېگەندەك نەرسىلەرنى يېگىلى تۇرسا كۆڭلۈم ئىلىشىپ، بىئارام بولاتتىم. ئاپتۇبۇس بىر يەرلەردە توختىماي ئۇزاقراق مېڭىپ قالسا شوپۇرنىڭ قۇلىقىنى ئاغرىتىپ تولا دەپ يۈرۈپ توختىغىلى سالاتتىم. بىر قىتىم ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە بىرىش سەپىرىمدە يولدا قورسۇقۇم يېقىمسىز بولۇپ تەرەتكە چۈشۈپ يىراقراق يەردىكى قۇم دۆۋىسىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ بىردەم ھايال بولۇپ قالدىم. ئورنۇمدىن تۇرۇپ قارىسام ئاپتۇبۇس يوق. يۈگۈرۈپ يولغا چىقىپ قارسام يىراقلاپ خىلى بىر يەرگە بىرىپ بوپتۇ. تاسمامنى تۈزەشتۈرگەچ ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن توۋلىغاچ بار كۈچۈم بىلەن يۈگۈردۈم. بۇ يېرىم كېچىدە،
تەكلىماكان قۇملىقىدا ئۆزۈم يالغۇز قىلىش دېگەن قانداق گەپ ئەمدى؟ شۇنداقمۇ قورقتۇم. يۈگۈرىۋاتىمەن. ۋارقىراۋاتىمەن. يىراقتىن ئاپتۇبۇس سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ توختىغىلىۋاتقانلىقىنى ئىلغا قىلغاندەك بولدۇم. يۈگۈرۈپ بىرىپ ئاپتۇبۇسقا چىقسام شوپۇر مەندىن ئۆتە قورقۇپ كېتىپتۇ. مەن قاتتىق گەپ قىلاي دەپ بولغۇچە شوپۇر گاداي ئېغىر خوتەن شېۋىسىدە كايىپ كەتتى:
– قاندا ئېغىي يېتىمسىزا سىز، ۋوجون. ئەدەسسىز ئەنسىرەتتىڭىز، ما قاندا يە بىلمەمسىزا؟ ھا مىشۇ جاڭگالدا قاغان بوسىڭىز سىز نېم كۈننى كۆيەتىڭىزززز، بەش بالام بىلەن نېم كۈننى كۆيەتىم مەن؟ خۇدايىمغا شۈكۈيى دەڭ ماقما سىز!
ئەسلىدە ھەممە ئادەم چىقىپ بولدى دەپ ئويلاپ كارۋاتتىكى ئادەملەرگە ئوبدان قارىمايلا ماشىنىسىنى قوزغىتىپ مېڭىپ كېتىپتۇ. بىردەم ماڭغاندىن كىيىن يان كارۋاتتىكى يولۇچى مېنىڭ يوقلىقىمنى كۆرۈپ شوپۇرغا ئەھۋالنى دەپتۇ.
كىيىنچە سەپەرگە چىققان ۋاقىتلىرىمدا گۈلقەنت ئىلىۋالىدىغان بولدۇم. تولا سەپەرگە چىقىپ كۆنۈپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەپەر جەريانىدا قورساق ئاچسا نان بىلەن گۈلقەنت يەپ، سۇ ئىچىپ قورسىقىم بىئارام بولمىدى، تەرەتكە چۈشەتتىم دەپ شوپۇرنىمۇ ئاۋارە قىلمايدىغان بولدۇم.
سەپەرگە چىققاندا، بولۇپمۇ ماشىنىلىق ئۇزۇن يوللۇق ساياھەتلەرگە چىققاندا لازىملىق نەرسە-كېرەكلەر، يېمەكلىك، سۇ، دېگەنلەرنى ئىلىۋالغاندىن باشقا مىجەزىمىزدىكى ئۆزگىرىشچان ئەھۋالغا قارىتا زۆرۈر دورىلاردىن ئىلىۋالغۇلۇق ئىكەن. بىر يىلى يازلىق ساياھەتكە ماشىنىلىق قاناسقىچە باردۇق. مەن لازىملىق دورا-دەرمەكلەردىن ئاشقازان -ئۈچەيدە كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بولغان مەسىلىلەر، ئاپتاپ ئۆتۈپ قىلىش، زەھەرلىك ھاشارەت چىقىۋىلىش دېگەندەك ئىھتىماللىقلارغا كۆرە ئىلىۋالغان گۈلقەنت، نارپىننە ئىچىملىكى، جاۋارىش كۇمۇنى، سىركە دېگەندەكلەرنى ئوبدان ئەسقاتتى. سەپەردە ئۈرۈمچىدىكى ساياھەتلىرىمىز تۈگەپ بۇغدا كۆلىگە بارماقچى بولۇپ ئاۋۋال سانجىدىكى بىر ئاغىينىمىزنى يوقلاپ ئۆتمەكچى بولدۇق. ئانىسى قەشقەردىن ئاغىينىلىرىم چىقىدۇ دېگەننى ئاڭلاپ ئوخشۇتۇپ پولۇ ئېتىپ تۇرۇپتىكەن. تاماقنى يەپ بىللە بۇغدا كۆلىگە يۈرۈپ كەتتۇق. پىشىندىن ئۆتكەن ۋاقىتتا كۆل بويىغا يېتىپ باردۇق. پاكىز يەرنى تاللاپ ئولتۇرۇپ چۈشلۈك داستىخاننى تەييارلاپ تاماقلاندۇق. ھىلىقى ئاپىمىز ئەتىگەن ئەتكەن پولۇدىن داستخانىغا يۆگەپ ئىلىۋاپتىكەن. ئۇنىڭدىنمۇ يەپتىمەن. كۆل بويىدا سۈرەتكە چۈشۈشلەر، ئەتراپتىكى مەنزىرىلەرگە تويماي قاراپ ھاياجانلىنىشلار بىلەن بولۇپ بىرەر سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت ئۆتتىمىكىن، بىر چاغدا بېقىنىم يەڭگىل ئاغرىغىلى تۇردى. يۈرۈكۈم بىر خىل ئەنسىز – مەن ئاللىقاچان ساقايدى دەپ قارىغان بۆرەك تېشىم قوزغىلىپ قالغان ئىدى. سۈرەتكە چۈشۈشلەر، چاقچاقلىشىشلار، كېمىگە چۈشۈپ كۆلنى ئايلىنىپ كېلىشلەر ھەققىدىكى مەسلەھەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى تېتىمىدى. كاللامدا شۇ ئاغرىق-يەنە ھىلىقى ۋاقىتتىكىدەك ئاغرىق تۇتۇپ كەتسە، دوختۇرمۇ يوق، دورىمۇ يوق بۇ يەردە قانداقمۇ قىلارمەن؟ مەن ئاغرىق دەستىدىن بىئارام بولۇپ يۈرسەم سەپەرداشلىرىمغىمۇ مالاللىق يېتىپ قالارمۇ؟ دېگەندەك ئەندىشىلەر بىلەن يەنى ئۆز خىيالىم بىلەن ئىدىم. بېقىنىمنىڭ ئاغرىقىغا قوشۇلۇپ قورساق مۇسكۇللىرىم چىڭىپ ئېسىك كۈچەيگىلى تۇردى. ھاجەتخانىغا بىرىپ سەل بوشاتماقچى بولدۇم، بولمىدى. قارغايلىق ئارىسىغا كىرىپ ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ، سەكرەپ بېقىپ دېگەندەك ھەركەت ئىشلەپ باقتىم. تاھارەت ئىلىپ قارغايلىقنىڭ ئىچكىرسىگە كىرىپ پاكىز دەپ قارىغان ئوت-چۆپلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ ‹‹ ئى مىھرىبان ئاللاھ، مۇساپىرنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغۇچى، كېسەللەرنىڭ ئازابىغا ئارام بەرگۈچى كۆيۈملۈك رەببىم. بۇ يەردە دورا يوق، دوختۇر يوق. كېسلىمگە داۋا بولغۇدەك ساڭا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىشتىن باشقا ئامالىم يوق. كېسىلىمگە شىپا بېرىپ ئاغرىقنى يەڭگىللىتىپ بەرگىن، ئاغرىقىم كۈچىيىپ كەتسە بۇ يەردىكى دوستلىرىمغۇ مالاللىق يېتىشى مومكىن. بۇ مالالچىلىقلاردىن بىزنى ساقلىغىن! سەن دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچى بۈيۈك رەببىمسەن!›› دەپ دۇئا قىلدىم. فاتىھەنى تەكرار ئوقۇپ، قولۇمغا سۈفلەپ بېقىنىمنى سىلاپ بەردىم. بىردەم ئارام ئىلىپ ئولتۇردۇم. بىردىنلا يەڭگىللەپ قالغاندەك، ئاغرىق ئاساسەن توختىغاندەك بىر خىل خاتىرجەملىك تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ ئەينەككە قاراپ باقسام بايىقى چىرايىمغا چىققان ‹‹سېرىق›› لىقنىڭ ئورنىنى خۇرسەنچىلىك ئالغاندەك كۆرۈندى. باللانىڭ يېنىغا بارسام كېمىگە چىقىمىز دەپ مېنى ساقلاپ تۇرۇپتىكەن، بىرلىكتە كېمىگە چىقىپ كۆلدىن ئۈزۈپ ئۆتۈپ قارشى تەرەپتىكى تاغنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان ‹‹بۇتخانا›› غا چىقىدىغان پەلەمپەينىڭ ئالدىغا كىلىپ توختاتتى. پات-پات بېقىنىمنى سىلاپ قويىمەن. يەنە قوزغىلىپ قالامۇ دەيدىغان بىر خىل سۇس ئەندىشىمۇ بار. پەلەمپەيدىن بىر-بىرلەپ ئېگىزلەپ تاغ ئۈستىگە چىقىپ بولغۇچە يەڭگىل ھارغىنلىق ھېس قىلدىم. باللانىڭ كۆرۈپ باقايلى دېگەن زورى بىلەن بۇتخانىغا كىرىپ كۆيۈپ ئىس چىقىرۋاتقان، ئادەم بىلىدەك توملۇقتا يوغان كۆجە، پال سېلىۋاتقان راھىبلار دېگەندەكلەرنى كۆرۈپ، بىرەر قۇر ئايلىنىپ يېنىپ چىقتىم. ئاغرىق يەنە يەڭگىل قوزغىغىلى تۇردى. ھەممىنىڭ ئالدىدا يېنىپ چۈشۈپ كۆلنىڭ قىرغىقىدا ساقلاپ تۇردۇم. كېمىگە چىقىپ بولغاندا جىمىپ كەتكەن پەرىشان تۇرقىمغا قاراپ، ئېگىزگە چىقىپ زورۇقۇپ قاپسەن. بىردەم ئولتۇرۇپ ئارام ئىلىۋالساڭ ياخشى بولۇپ كېتىسەن. ھىلىمۇ ياخشى تېۋىپ بولۇپ قالغىنىڭ دەپ چاقچاق قىلىشتى. كۆلدىن قايتىپ يەنە سانجىغا كەلدۇق. بېقىنىم چىڭقىلىپ يېقىمسىزلىق يەنە بار. سانجىدا خىزمەت بىلەن تۇرغان ھىلىقى بۇرادەرگە بىر ۋاقىتتا قاندىكى ماينى تازىلايدىغان، قان بېسىمغا، قەۋزىيەتكە لازىملىق چايلىق تەييارلاپ بەرگىنىم ئېسىمدە ئىدى. سورىسام تېخى ئىچىپ بولالماپتىكەن. مىھمانخانىغا ئىلىپ كەلدى. چايلىقنىڭ ئىچىدىن سانا، بەدىيان، يالپۇز دېگەندەك يەل تارقىتىپ توسالغۇلارنى ئاچىدىغان خۇرۇچلارنى ئايرىپ ئىلىپ قېنىق چاي دەملەپ ئىچىپ بەردىم. سەپەر جەريانىدا ھىرىپ كەتكەن بولغاچقا بالدۇرلا ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئەتىسى ئويغانسام ئاغرىقمۇ يوق، ھاردۇقۇم چىقىپ قاپتۇ. ئۇ يەردىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ قاناسقا مېڭىش ئالدىدا دەرا-دەرمەك دۇكانلىرىغا كىرىپ ئۆزۈمگە ماس كىلىدۇ دەپ قارىغان دورا خۇرۇچلاردىن تەڭشەپ ئىلىۋالدىم. قاناس كۆلىنى كۆرۈپ قەشقەرگە قايتقۇچە ئاغرىق قايتا قوزغالمىدى. شۈكۈرى دېدىم.
ئارىدا ئانچە-مۇنچە دورا تەييارلاپ يەپ يۈرۈپ بىر كۈنى كىچىك تەرەت بەك قىستاپ ھاجەتخانىغا بارسام، چىڭقىلىپ كىلىپ ‹‹تاس›› قىلغان بىر ئاۋاز بىلەن تەخمىنەن بۇغداي چوڭلىقىدا ‹‹تاش›› چىقىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ خىلى ئۇزۇن ئازابلىغان ‹‹بۆرەك تېشى›› دىن خالاس تاپقان بولدۇم.
بۆرەك تېشىنىڭ قېتىشىش دەرىجىسى پەرقلىق بولۇپ خىلى كۆپى دورا بىلەن پارچىلىنىپ چۈشۈپ كېتىدۇ. لىكىن بىر قىسىم بۆرەك تېشى زىيادە قاتتىق بولىدىغان بولغاچقا دورىنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا زورلاپ دورا ئىچىشنى داۋاملاشتۇرغاندا بۆرەكنى تېخىمۇ ئاجىزلىتىۋېتىشى، سۈيدۈك يول كاناللىرىنى كېڭەيتىۋېتىش، پەيلەر بوشاپ مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىش دېگەندەك ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشى مومكىن. ‹‹بۆرەك تېشى›› بىلەن ئاغرىغانلار ئىمكان بار دورا بىلەن تاشنى چۈشۈرۈش، بىرەر ئاي دورا ئىچىپمۇ تاش كېچىكلىمىگەن بولسا دوختۇرنىڭ مەسلەھىتى بويچە تاشنى ئالدۇرۋېتىش كېرەك.
‹‹تاش›› مەيلى دورا بىلەن چۈشسۇن ياكى دوختۇرخانىدا ئالدۇرغان بولسۇن ، قايتا تاش شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن بەزى ئالدىنى ئىلىش چارىلىرىنى قىلىپ بەرسە بولىدۇ. مەسىلەن: قايناقسۇنى (تازىلانغان سۇ بولسا تېخى ياخشى ) كۆپ ئىچىپ بىرىش، تاۋۇز يەپ بىرىش، كۆپرەك بەدەن چىنىقتۇرۇش، بۆرەكنى سېمىرتىپ قۇۋۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان مېغىز، مۇراببارلاردىن يەپ بىرىش، شورپىلىق تاماقلارنى كۆپرەك يېيىش دېگەندەك. بۆرەك سىرتىدىن ئىسسىقلىق مايلاردا ئانچە-مۇنچە مايلاپ يەڭگىل ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرگەننىڭمۇ پايدىسى بولىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەت دورىلاردىن جاۋارىش زەرئۇنىينىڭ بۆرەك، سۈيدۈك يوللىرىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىغان نۇسقىسىنى تېۋىپ-ھەكىملەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە تەييارلاتقۇزۇپ يەپ بەرسە بولىدۇ.
پەرھىزلەردىن كالتىسىي تابلىتلىرى، پولۇ، پىششىق تۇخۇملارنى كۆپ يېمەسلىك. بۆرەكنى ئاجىزلىتىدىغان ھاراق-شاراب، رەڭلىك سوغۇق ئىچىملىكلەر، ئاچچىق يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك!
گەپنى يېغىپ ئېيتساق، ھەممىمىز مىزاجىمىزغا، يېشىمىزغا مۇناسىپ تۇرمۇش ئادىتى، غىزالىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈپ ياش جىنىمىزنى ئاسرايلى. تەن ساق بولسا ھايات گۈزەل كۆرىنىدۇ، غىزالار تېتىملىق بىلىنىدۇ. قۇلاققا پاراڭ تېتىيدۇ. بۇدۇشقاق كېسەلدىن بىرەرسى چاپلاشتىمۇ بولدى، ھېچنەرسە تېتىمايدۇ. شۇنداق قىلىپ 80خالتا پاراڭلىرىمىز بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. ھەممىمىزگە ساقلىق يار بولسۇن!
- مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...