ئەگەر ئادەم مېڭىسىنى مەڭگۈ ھايات قالدۇرۇش ئىمكانىيىتى بولۇپ قالسا…

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺮﺳﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻠﯩﻤﻰ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻰ ﺟﺎﺵ ﺑﺎﺳﺎﻧﺪﯨﺮﺍ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺕ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﻯ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻥ-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە يەنى تەخمىنەن 2045-يىللىرىغىچە ئادەم مېڭىسىنى سۈنئىي تەنگە كۆچۈرۈش ئارقىلىق قايتا ھاياتلىققا ئىرىشتۈرۈشنىڭ مومكىن بولىدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ.
ﺋﯚﻟﯜﻛﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺳﺎﻫﻪﺩﻩ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻫﯘﻣﺎﻱ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ. ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﯩﭽﻪ، ﺋﯘﻻﺭ ﭼﻮﯓ ﻣﯩﯖﯩﻨﻰ ﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺗﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﻣﯧﯖﻪ ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﺗﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻫﯘﻣﺎﻱ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﻰ «ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺗﯜﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ» ﺩﻩﭖ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﭼﻮﯓ ﻣﯧﯖﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪن.
خەۋەر مەنبەسى: ئەرقال
091230i8dk8id8krihpoyl.jpg.thumb

بۇ ھەقتىكى تېما ئىزدىنىشتا يوللانغاندىن كىيىن ئادەم مېڭىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ھايات ۋاقتىدا كومپيۇتېر تېخنىكىسى ئارقىلىق نۇسقىلاپ ئاندىن سۈنئىي تەنگە ياكى ماشىنا ئادەمگە ئورنىتىش ئارقىلىق ئادەمنى مەڭگۈ ئۆلمەس قىلغىلى بولامدۇ دېگەن تېمىلاردا پاراڭلارغا يازغان ئىنكاسلىرىمنى رەتلەپ قويدۇم.
ئالدىنقى ئۇسۇلدا دېيىلگىنى بويچە ئۆلگەن ئادەمنىڭ مېڭىسىنى تېخنىكىلىق ئىمكانىيەتلەر بىلەن قوزغىتىپ ‹‹تېرىلگەن›› مېڭىنى سۈنئىي تەنگە كۆچۈرگەندە مۇنداق مەسىلە كىلىپ چىقىدۇ : مېڭە ھۈجەيرىلىرى ئادەم يېشىنىڭ چوڭۇيۇشىغا ئەگىشىپ ئۆلۈپ، ئازلاپ ماڭىدۇ. شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ دېۋەڭلىك دېگەندەك قېرىلىق كېسىلىگە مۇپتىلا بولىدىغان ئىش ئىكەن. ساغلام مېڭە بولسىغۇ ماشىنىغا ئۇلاپ ئىشلەتسە، لىكىن ئادەم تېنىنىڭ ياكى مېڭىسىنىڭ بئولوگىيلىك قىرىشىنى قانداق توسۇپ قالالايدىغاندۇ؟
ئەمدى كىيىنكى ئۇسۇلدا ئادەم ساغلام ۋاقىتتا تېخنىكىلىق ئىمكانىيەتلەر بىلەن مېڭىنى نۇسقىلاپ، بارلىق ئۇچۇرلارنى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ ئادەمنى پروگرامما ئىچىدە مەڭگۈ ياشاتقۇزۇش. بۇنىڭدىن كىلىپ چىقىدىغان مەسىلە ھەققىدە ‹‹ھالقىغۇچى›› دېگەن كىنو ھەققىدە پاراڭلارنى قىلىشتۇق. بۇ كىنودا داڭلىق بىر كومپييۇتېر مۇتەخەسىسى چوكاننىڭ يولدىشى مەلۇم بىر تەتقىقات پىلانىنى جاكارلىماقچى بولغاندا پولۇنىي بىلەن زەھەرلەنگەن ئوقتا يارلاندۇرىلىدۇ. يارا گەرچە ئېغىر بولمىسىمۇ زەھەر بەدەنگە تارقاپ كەتكەندىن كىيىن دوختۇرلار تەرىپىدىن نەچچە ئايلاردىن كىيىن ئۆلۈپ كېتىدۇ دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن خوتۇنى ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالالمىسىمۇ مېڭىسىنىڭ ئۆزى بىلەن مەڭگۈ بىللە ياشىشىنى ئۈمۈد قىلىپ ئېرىنىڭ مېڭىسىنى ئۈسكۈنىلەرگە چىتىپ بارلىق ئۇچۇرلارنى كومپۇتېردا زاپاسلىۋالامدۇ ئىشقىلىپ بىر ئاماللارنى قىلىپ تورغا ئۇلىۋېتىدۇ. شۇ ئەسنادا ئۇ ئالىمنىڭ بەدىنى ھاياتلىقتىن توختايدۇ. لىكىن بىردىنلا كومپيۇتېردىن ‹‹مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن›› دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئالىم ئۆلدى لىكىن مېڭىسىدىكى ئۇچۇرلار توردىكى ئۇچۇرلار بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقاندىن كىيىن ئادەم تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئۆزگىرىشلەر يۈز بىرىدۇ. ئايالىغا ياردەملىشىپ تەجىربىخانا قۇرىدۇ. ئۇ يەردە ئىشلەۋاتقان بىر ئەركىشى يارىلانغاندا ئوپراتسىيە قىلىدىغان داۋالاش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ئۇ ئەرنىڭ مېڭىسىگە ئۆزىدىكى ئۇ ئايالنى ياخشى كۆرىدىغان بىر بۆلۈك ئۇچۇرلار قاچىلانغان ئۈزەكنى سىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھىلىقى ئەر ئۇ ئايالنى ياخشى كۆرۈپ قوغدايدۇ. جان تېنى بىلەن خىزمىتىنى قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە كومپۇتېردىكى مېڭىسى ساقلانغان، ئۆلۈپ بولغان ئالىم ئۇ ئەرنىڭ بەدىنىگە كۆچۈش ئارقىلىق خوتۇنىغا سۆيگۈ ئاتا قىلماقچى بولىدۇ. ئەمما ئىشلار بارا-بارا ئۆزگۈرۈشكە باشلايدۇ. ئۇ خوتۇن كىيىن ئۆزى ياخى كۆرۈپ ھاياتىغا مەڭگۈ ھەمرا قىلىۋالماقچى بولغان ئېرىنىڭ مېڭىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەقىقى ئادەم يەنى روھى بار ئىنسان ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭدىكى ياخشى كۆرۈشنىڭ پەقەتلا مېڭىسىدىكى ساقلانغان ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىكىسى ئەقلىيلەشكەن، ماشىنىلاشقان بىر مېڭە بولۇپ مۇھەببەت يوقلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ.

204014nk3cc4s24mwi1atz
مېنىڭچە قەلبنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. مېڭە كومپيۇتىرغا ئوخشاش ئۇچۇرلارنى ساقلىغان بىلەن تۇيغۇ ، ھېس، مۇھەببەت، سۆيگۈ، ئىتىقاد دېگەندەك خاس ئىنسانلىققا تەۋە بولغان روھنىڭ جايى قەلبتۇر.
دۇنيا ئەدەبىياتىدا بىر مەشھۇر فانتازىيلىك ھىكايىنى ئوقىغىنىم ئېسىمدە. بىر ئادەمگە يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلىدۇ. ئەسلىدە دوختۇرلار سىناق تەرىقىسىدە ئۇ ئادەمگە بىر چوشقىنىڭ يۈرىكىنى ئۆچۈرگەن بولۇپ، ئوپراتسىيە مۇۋەپىقىيەتلىك بولىدۇ. دەسلىپىدە ئۇ ئادەم مېڭىسىدىكى ئۆزىگە تەۋە دەپ قارىغان خاتىرە، ئەسلىمىلەر ئىچىدە ياشايدۇ، بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئۇ ئادەمنىڭ مېڭىسىدىكى گۈزەللىك، ئىستىتىك زوق، ھەق-ناھەق ھەققىدىكى ئۇچۇرلار خىرەلىشىپ چوشقىنىڭ خۇي-پەيلى ھەركىتىدە كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. تۇرۇپ-تۇرۇپلا ئىختىيارسىز خۇرت-خۇرت قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپ قويىدۇ، چىرقىراپ سالىدۇ. نىجاسەتلەرنى يېگۈسى كىلىپ كېتىدۇ. ھەتتا ئەڭ ئاخىرىدا تۆت پۇتلاپ ماڭىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
- مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

تۆۋەندىكىسى ئىزدىنىش تورىدىكى مەھزۇننىڭ بۇ كىنو ھەققىدىكى تەسىراتلىرى:

124404a5apcq38fcqzp38t.jpg.thumb

بۇ تېمىنى كۆرۈپلا مېنىڭ ئسىمگىمۇ بىرزات ھەكىمنىڭ ئېسىگە كەلگەن كىنو  -  جوننې دېپنىڭ  Transcendence  دىگەن كىنوسى كەلگەن ئىدى .
بۇ فىلىم گەرچە 2014 – يىللىق فىلىملەر ئىچىدە مەغلۇپ بولغان فىلىملەر قاتارىغا تىزىلغان بولسىمۇ لېكىن بۇ فىلىمنى مەن خېلى  قىزىقىپ كۆرگەن ، ياقتۇرغان ئىدىم .   فىلىمدىكى يېڭى ئىددىيەلەر ،  يېڭىچە تېخنىكىلىق كۆرۈنۈشلەر خېلى نوچى .
بۇ فىلىمنى ئاقبۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى  ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان .  “ ھالقىغۇچى “ دىگەن نامدا .  فىلىم ھازىرمۇ باركەن ، قىزىققۇچىلار كۆرۈپ باقسا بولىدۇ .

ئادرىسى مانا :  http://www.akburkut.com/eza/foru … &extra=page%3D1

ھېلىقى ئالىم زەھەرلەنگەندىن كىيىن ئۆلۈشتىن بۇرۇن مېڭىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئايالىنىڭ ياردىمىدە كومپىيۇتېرغا كىرگۈزۈپ ئاندىن بۇ ئۇچۇرلارنى ئىنتىرنىتقا چىقىرىپ ساقلىۋالىدۇ ، بۇ ئالىم ئۆزى كومپىۇتېر مۇتەخەسىسى بولغانلىغى ئۈچۈن ئۆز مېڭىسىدىن نۇسخىلاپ تورغا چىقىرىۋالغان ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان ، ھەمدە توردىكى ئۇچۇرلار ۋە تېخنىكىلار بىلەن بېرىكىپ ، تېخىمۇ كېڭىيىدىغان ، ئىقتىدارى داۋاملىق ئاشىدىغان قىلىۋالىدۇ . ھەمدە پايچېكى … قاتارلىق تور بىلەن بولىدىغان ئىختىسادىي ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ “ ئايالى “ غا غايەت زور سوممىدىكى مەبلەغ تەييارلاپ بېرىدۇ . ئايالى بۇ پۇللار بىلەن توردىكى مەۋھۇم “ ئېرى “ نىڭ پىلانى بويىچە بىر تاشلاندۇق بازارنى سېتىۋېلىپ غايەت زور كۆلەمدىكى ، ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىغا ، كۈچلۈك مۇداپىئە سېستىمىسىغا ئىگە بولغان بازا قۇرۇپ چىقىدۇ ، ۋە بۇ يەردە ھەر تۈرلۈك ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ نۇرغۇن يېڭى تېخنىكىلارنى كەشىپ قىلىدۇ ، بۇ بازىنىڭ داۋالاش تېخنىكىسىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغان بولۇپ باشقا ئورۇنلاردا داۋالاش مومكىن بولمىغان نۇرغۇن داۋاسىز كېسەللەرنى بۇ يەردە ھەقسىز داۋالايدۇ . ( داۋالاش جەريانىدا ئۇلارنى ساقايتىش بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىگە تۇيدۇرماستىن ئۇلارنى كونتىرول قىلىدىغان ئۆزەك ئورنىتىپ كەلگۈسىدە كېرەك بولىدىغان بىر تۈركۈم “ ئەسكەر “ لەرنى تەييارلايدۇ .

بۇ ئىشنىڭ بالايى – ئاپىتىنى كۆرۈپ يەتكەن بىر قىسىم شەخىس ۋە گورۇھلار بۇ بازىنى ۋە بۇ مەۋھۇم “ ئالىم “ نى يوقىتىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ھېچقانداق ئامال قىلالمايدۇ . ئاخىرى بۇ “ ئالىم “ نىڭ تەتقىقاتى يۇقىرى چەككە يېتىپ ھەقىقى ئۆزىنى ، يەنى گۆش – قاندىن تۈزەلگەن ئۆزىنى كىلونلاپ چىقىدۇ .

ئىشقىلىپ ، كىنونىڭ ۋەقەلىكلىرى خېلى نوچى ، كۆرۈنۈشلىرى ئېسىل ، لېكىن سەل مۇلاھىزە قىلسا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس كۆرۈنۈشلەرمۇ كۆپ ، مەسىلەن : سۇ ۋە ھاۋا بىلەن چېچىلىپ تۇپراققا سىڭدۈرىۋېتىلگەن زەررىچىلەرنىڭ ھېلقى مەۋھۇم “ ئالىم “ نىڭ كونتىرول قىلىشى نەتىجىسىدە بازىنى يوقىتىشقا كەلگەنلەر بىلەن ئېلىشىشى … دىگەندەك . مۇشۇ كۆرۈنۈشتىكى زەررىچىلەرنىڭ قانداق ۋاستە بىلەن كونتىرول قىلىنغانلىغى تازا كاللامدىن ئۆتمىگەن .
ئاندىن ، قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئىچىدىكى ھېلقى بىر ئايالنىڭ ، “ ئالىم “ نىڭ ئايالىغا دىگەن بىر ئېغىز گېپى : “ سەن توردىكى بۇ “ ئېرىڭ “ نى بۇرۇنقى ئېرىڭ شۇ دەپ ئويلاۋاتىسەن ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ھازىر بۇرۇنقى ئېرىڭ ئەمەس ، پەقەت سەندىن پايدىلىنىۋاتىدۇ “ دگەندەك گەپلىرى ،
يەنە بىر دىققىتىمنى تارتقان گېپى : “ بىز بۇرۇن بىر قېتىملىق تەجىرىبىدە بىر مايمۇننىڭ مېڭىسىدىكى ئۇچۇرلارنى نۇسخىلاپ كومپىيۇتېرغا كىرگۈزگەن ئىدۇق ، ئۇ كومپىيۇتېر ئۆزىنى ھەقىقى بىر مايمۇن دەپ ئويلايتى ، ھەم توختىماي مايمۇندەك چىقىرايتى ، ئاخىر ئىچىمىز ئاغرىپ چىدىماي ، ئۇ كومپىۇتېردىكى ئۇچۇرنى ئۆچۈرىۋەتكەنتۇق …“دىگەن گېپى .


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...