ئوغۇللارنى قۇتقۇزىۋالايلى-تەسىرات ماقالىسى

مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

نەچچە كۈندىن ئوقۇۋاتقان ‹‹ئوغۇللارنى قۇتقۇزىۋالايلى›› دېگەن كىتابنىڭ تەسىرىدە ئاخشامدىن بىرى كاللامدا بىر پاتمان كەلگۈدەك بالىلىق ئەسلىمىلىرىم خىيال ئىكرانىمدا قايتىدىن زاھىر بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى كەڭ سەھرا ھاياتى ۋە بالىلىق كەپسىزلىكلىرىمىز بىلەن ھازىرقى شەھەر تۇرمۇشى، تار، قىسىلچاق بىنا ئۆي، باللاردىكى يەسلىدىن باشلانغان ئۈگۈنۈش بېسىمى دېگەنلەر ئوتتۇرسىدا بىرەر قۇر سىلىشتۇرما بولدى. ‹‹ئوغۇللارنى قۇتقۇزىۋالايلى›› ناملىق كىتابتىن تېخى 100 بەت ئەتراپىدا ئوقىغان بولساممۇ ئۇنىڭدا ئوتتۇرغا قويۇلغان مەسىللەر مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالدى، توغرىسىنى ئېيتقاندا مېنىڭدەك بىرەر يىرىم ياشتىن پەرق قىلىدىغان ئۈچ ئوغۇلنىڭ دادىسىنى ئۇ كىتابتا ئوتتۇرغا قويۇلغان -بالىلار دۇچ كىلىۋاتقان كىرزىسلار خىلىلا ئويلاندۇردى.
كىتابتا ئاپتۇرلار قىزلار بىلەن ئوغۇللارنىڭ يېتىلىشىدىكى پەرق، پىسخولوگىيلىك خاسلىقلار ھەققىدە بىرەر قۇر سىلىشتۇرما ئىلىپ بارغاندىن كىيىن ھازىرقى مائارىپ تۈزۈلمىسىدىكى قىز-ئوغۇللارنى بىر خىللا بولغان ئوقۇتۇش، تەربىيلەش ئۇسۇلىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ، ئالىي مەكتەپلەردىكى قىز-ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ئىستاتىستىكا قىلىنىپ يىلدىن-يىلغا ئوغۇللارنىڭ نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ قىزلارنىڭ يۇقۇرلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇندىن باشقا بەدەن ساپانىڭمۇ تۆۋەنلەپ ھەر قايسى تەنتەربىيە تۈرلىرىدە چىكىنىشنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى، ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش شەرتىگە چۈشىدىغانلارنىڭ نىسبىتىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئازلاۋاتقانلىقى دېگەندەك ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يىرىم قىلىدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.
ئاپتۇر بۇ كىتابتا يەنە ئەرلىكنىڭ ئاياللىشىشقا مايىللىشىپ كىتىۋاتقانلىقىدەك قورقۇنۇچلۇق بىر رىئاللىقنى ئوتتۇرغا قويۇپ بۇ ھەقتە ياۋروپا-ئامىرىكىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرغا تاشلايدۇ. ئېسىمدە قالغان بىرسى ، ئەرلىك ئۇرۇقنىڭ 100 يىل مابەينىدە 50% ئەتراپىدا تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى، بۇنىڭ ئەرلەر ئىسپىرمىسىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى، تېرىك ئۇرۇقنىڭ سانى، ھەركەتچان كۈچى دېگەن تەرەپلەردىن تەڭ ئىستاتىستىكا قىلىپ ئىلىپ بارغان تەتقىقات ئىكەنلىكىنى دەيدۇ.
ئوغۇللار دۇچ كىلىۋاتقان كىرزىسلارنى ساناپ كىلىپ ئىمتاھان-تاپشۇرۇق مائارىپى، ئەمەلىي بولغان دالا ئىكىسپىدىتسىيەسى، تاققا يامىشىش، سۇ ئۈزۈش دېگەندەك ئوغۇللارغا خاس پائالىيەتلەرنىڭ مەكتەپلەر تەرىپىدىن يىتەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇلماسلىقى، ئەر ئوقۇتقۇچىلار قەھەتچىلىكى، شەھەرلىشىش، تور ئويۇنى، ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەنلىك سەۋەبتىن ئانىسىنىڭ قولىدا قىلىشى، دادىنىڭ يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرىپ ئوغۇللىرى بىلەن ئوينىماسلىقى دېگەندەك سەۋەبلەرگە باغلاپ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپتۇ. كىتابنىڭ قالغان 300 بېتىدە ‹‹ئوغۇللارنى قۇتقۇزىۋېلىش››قا مۇناسىۋەتلىك قىممەتلىك ئۇچۇر، كۆرسەتمىلەرنىڭ بارلىقىغا ئۈمىد باغلاپ يېڭى يىل كىرگۈچە تەپسىلىي ئوقۇي دەيمەن.
5-6 ياشلار ۋاقىتلىرىم. ئۆيىمىز تۈمەن دەريا ۋادىسى (مۇنداق ئاتىسا ھەيۋەت ئاڭلىنىدىكەنيا )دا ئىدى. مەن مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن كۈندە دېگۈدەك قوي-پادىلىرىمىزنى ئالدىمىزغا سىلىپ دەريا بويىغا ئوتلاتقىلى ئاپىراتتۇق. ئېسىمدە قىلىشىچە ئۇ ۋاقىتلاردا تېرىلغۇ يەرلەر ئۇنچە كۆپ ئەمەس، دەريا سۈيى ئەلۋەك ئاقاتتى. كەڭرى كەتكەن يېكەنلىك، ئېگىزرەك يەرلەر بىز قوي-كالىلىرىمىزنى ئوتلىتىدىغان تۈزلەڭ چىملىقلار ئىدى. ئۇ يەرلەردە ، ئاجايىپ پاكىز، سۇلۇق بۇلاقلار بار ئىدى. بۇلاقلارنى ‹‹چىم بۇلاق›› ، ‹‹تېگى يوق بۇلاق››،‹‹قاراڭغۇ بۇلاق›› دېگەندەك تۈرلەرگە ئايرىيتتۇق. بەزى بۇلاقلارنىڭ ئەتراپىدا بولاق ئۆسكەن سۆگەتلەر بولاتتى. بەزى شورلۇقراق يەرلەر ‹‹غىچ›› دەيدىغان بىر خىل يېرىك، يالاڭئاياق ماڭسا پۇتىغا سانجىلىدىغان ئۆسۈملۈك ئۆسەتتى. يۇمشاق، ئوبدان ئوتلۇقلارغا يېقىنراق يەرلەردە شاللىق يەرلەر بولغاچقا قويلارنى ئوتلىتىش ئۈچۈن نەچچىمىز ئۆزىمىزگە ۋەزىپە بىكىتىۋېلىپ ئېتىز قىرلىرىدا تۇرۇپ قويلارنى بېقىشقا توغرا كىلەتتى، شۇڭا ئويۇنغا بىرىلىپ قويلىرىمىزنى ھىلىقى شورتاڭ، كەڭرى غىچلىقلارغا قويۇپ بىرەتتۇق. شۇڭا قويلارنىڭ ئېغىز ئەتراپى گەز باغلاپ يېرىلىپ يارا بولۇپ كېتەتتى. قويلىرىمىزنى ئوتلىغىلى قويىۋىتىپ ئويۇنغا چاپاتتۇق. يىكەنلىكتىن يىغىلىپ پەيدا بولغان بىر ئېقىن بار ئىدى. ئۇنىڭ سۈيى ئىسسىق چىقاتتى، ئۇنىڭغا بۇلاقنىڭ سۈزۈك مۇزدەك سۈيى  ياندىن  قوشۇلىدىغان، سۇ ئۈزۈشكە ئەپلىك بىر يەر بار ئىدى. ھاۋا ئىسسىپ كەتكەن كۈنلىرى ئاۋۋال مۇزدەك بۇلاق سۈيىگە ئۆزىمىزنى ئاتاتتۇق. بەك چىرايلىك موللاق ئېتىپ سۇ ئىچىگە كىرىپ كېتىپ بىر ئۇزۇن سۇ ئاستىدا يوقاپ كېتىپ خىلى نېرىدىن چىقىدىغان باللا بار ئىدى. بۇلاق سۈيىدە توڭۇپ قالساق ئېقىننىڭ ئىسسىق سۇ رايۇنى تەرەپكە ئۈزەتتۇق. ئاندىن سۇدىن بىشىمىزنى چىقىرىپ قويۇپ ھوزۇرلىنىپ يېتىشاتتۇق. بىز بۇ يەرنى ‹‹مۇنچا›› دەۋالغانتۇق. بىردەم چۇقۇرشۇپ سۇدا ئوينىۋالغاندىن كىيىن يالاڭاچ چىپىپ يۈرۈپ بېلىق تۇتاتتۇق. توپلىقى كەتمەن سىپىچىلىك كەلمەيدىغان بىلىقلاردىن تۇتۇپ كىلىپ ئىچ-باغرىنى يېرىپ يىكەننىڭ ئوتتۇرسىدىكى توزغاق تۇتىدىغان قاتتىق چېۋىقىغا سانجىپ ئوتقا قاقلاپ مەززە قىلىشىپ يەپ كېتەتتۇق. مەن باللارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كېچىگى بولغاچقا تۈزۈك بېلىق تۇتالمايتتىم. باشقىلار بىلىقلارنى ئەتراپتىن قورشاپ بەرسىمۇ قاچۇرۇپ قوياتتىم. تۇتىۋالغان ھالەتتىمۇ قولۇمدىن ‹‹غىرت›› قىلىپلا سۇغۇرلۇپ قاچاتتى.
ئۇ ۋاقىتلاردا دەريانىڭ شىمالىدىكى ھەربىي قىسىمنىڭ قوي -كالىلىرىنى باقىدىغان ئىككى قازاق ئەسكەرلەر بىلەن بەك چىقىشىپ كەتكەنتۇق. بىرسىنىڭ ئىسمى يىرلان، يەنە بىرسىنىڭ تارۋۇز (تابۇزمۇ تارۋۇزمۇ شۇنداقراق ئىسىمدە قاپتۇ). ھەر ئىككىلىسى بىزگە ئامراق ئىدى. ئۆزىنىڭ ئالتايدىن كەلگەنلىكىنى ئېيتىشاتتى. تارۋۇز سۈرلۈك، لىكىن بەك ئەستايدىل، ھەركىتىدىن ئەسكەرلەرگە خاس چەبدەسلىك چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بەزى بىر ئالاھىدىلىكلىرى بار ئىدى. ئۇ ئىككىلا قۇلىقىنى ئايرىم-ئايرىم مىدىرلىتالايتتى. ھازىرمۇ ھەيران قالىدىغان بىر ئىش ئۇ چېچىنىڭ خالىغان بىر بۆلىكىنى مىدىرلىتالايتتى. يىرلان بەك چاقچاقچى، ئوچۇق-يورۇق ئەسكەر ئىدى. ئۇ قازاقچە، خەنزۇچە ناخشىلارنى توۋلاپ قوياتتى. سەنمۇ تارۋۇزدەك قۇلقىڭنى مىدىرلىتالامسەن دەپ سورىسام ، قۇلقىنى قولىدا تۇتۇپ مىدىرلىتىپ ھەييارلىق بىلەن ھىجىيىپ قوياتتى. ھىلىقى غىچلىقلاردا يالاڭئاياق ماڭالماي قالسام بېشىغا ئىلىپ كۆتۈرۋالاتتى.

دەريانىڭ جەنۇب تەرىپىدە ‹‹ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى تەربىيلەش›› تۈرمىسى بار ئىدى. ئۇ تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرمۇ ھىلىقى ئەسكەرلەردەكلا ئەركىن كۆرۈنەتتى. دەريا بويىغا چۈشۈپ قوي-كالىلارنى باقاتتى، تۈرمىنىڭ ئېتىزلىقىدا كۆكتات تېرىيتتى. باغدا مېۋىلەرنى پەرۋىش قىلاتتى. بىز شۇ باغلارغا، كۆكتاتلىقلارغا كىرىپ ئوينايتتۇق. مېۋىلەرنى ئوغۇرلۇقچە ئۈزۈپ يەۋالاتتۇق.  بەزىدە جىنايەتچى بالىلار بىلەن قويلىرىمىزنى بىللە باقاتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قولى چېۋەر، ئۇنى-بۇنى توقۇشقا ئۇستا بالىلار بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاجايىپ ھىكايىلىرى بار ئىدى. ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ كېتەتتۇق ئېڭەكنى تۇتۇپ. 14-15 ياشلاردىكى بۇ بالىلار ئوغرى، بۇلاڭچى، باشقىلارنى يارىلاندۇرغان، باسقۇنچى دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن بۇ يەردە تەربىيلىنىۋاتقان ئىدى. تولىسىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن دېگەندەك بىتەلەيلەر ئىدى. بەزىدە تۇققانلىرى ئاشۇ قوي بىقىۋاتقان يەرگىلا ئىزدەپ كىلەتتى. بۇ كۆرۈنۈشلەرگە قاراپ بۇ يەرنىڭ تۈرمە ئىكەنلىكىگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ ھازىر. لىكىن باسقۇنچى، قاتىل دېگەندەك ئېغىر جىنەيەتلەرنى سادىر قىلغان بالىلارنى شۇ ۋاقىتلاردىمۇ ئېتىز-ئېرىق، چارۋا باقىدىغان ئىشلارغا سالماي تۈرمە ئىچىدىلا تۇرغۇزاتتىكەنتۇق. كىيىن بۇ تۈرمىدىن بىرسى قېچىپ كېتىپتۇ. ساقچىلار ئىزدەپ يۈرۈپ تاپالماي تەرەپ تەرەپنى ئىزدەۋاتقاندا ئۇ بالا بىزنىڭ مەھەللىدىكى مەسچىتكە كىرىپ مىھراپنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرنىۋالغان ئىكەن. دادام بىلەن مەزىناخۇن خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇغىلى مەسچىتكە كىرگەندە بۇنى تۇيۇپ قاپتۇ. دادام ئۇ بالىغا نەسىھەت قىلىپ يۈرۈپ تۈرمە ساقچىسىغا تاپشۇرۇپ بىرىپتىكەن.
تېمىنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بىرىپ يازاي دېسەم قېچىپ كىتىۋاتىدۇ يا…
ھە، شۇنداق قىلىپ يەنە بىلىق تۇتىدىغاننىڭ گېپىنى قىلىپ بىرەي، بىر كۈنى دادام شاللىققا سۇ ئىچىپ چىققىن دېۋىدى، كەتمەننى دولامغا سىلىپ توپىلىق يولنى يالاڭئاياق بېسىپ بىزنىڭ ئېتىزغا سۇ بارىدىغان ئېرىقنىڭ ئېچىقنى ئىچىپ سۇنى باشلاپ ئېرىقتىكى سۇ بىلەن مۇڭداشقاچ كېتىۋاتاتتىم، ئالدى تەرەپتە قارا دېگەندەك بولدى، قارىسام ئېرىقنىڭ چۇڭقۇرراق يېرىدىكى توختاق سۇدا بىلەك چوڭلىقىدا 8-10 تال بىلىقلار ئۆزىنى قاشقا ئۇرۇق تۇرۇپتۇ. ئوھ، ما ئامەتنى كۆرۈڭ، نەچچە ۋاقىتتىن مېنى بىلىق تۇتالمايدۇ دەپ ھەممىسى زاڭلىق قىلىشىدۇ. مانا ئەمدى، ئۆزۈمنى بىر كۆرسىتىپ قوياي دەپ كەتمەننى تاشلاپ يۈگۈرۈشۈمگە ماڭا تاپ بېسىپ ئەگىشىپ كېتىۋاتقان سۇ بۇ ھاياجانلىق خىيالىمنى ئىككى پۇل قىلىپ تاشلىدى.

مەن سۇغا چۈمۈلۈپ ئوينىغان ئاشۇ دەريا بويلىرىدا ئوغۇللىرىممۇ ئوينىسۇن دەپ ئىلىپ باردىم. ھازىر كىچىگىمىزدىكى ئۇ ئۇلۇغ سۇلار يوق، ھىلىقى بىز قوي-كالىلىرىمىزنى يايلىتىدىغان چىم، غىچلىقلار دەريا قىنىغىچە ئېتىزغا ئايلىنىپ بولغان، يىكەن-سازلىقلار بىلىق كۆلى قىلىپ كولىنىپ بىكار يەر قالماپتۇ. ھىلىقى سۈپسۈزۈك تاتلىق سۇلىرى، ئويناپ تۇرغان بىلىقلىرى بىلەن ئۆزىگە تارتىپ تۇرغان چەشمە-بۇلاقلارنىڭ كۆزلىرى ئىتىلىپتۇ. سەمەندىن سۇلۇق تەرەپكە ئۆتىدىغان كۆۋرۈك يېنىغا ئەخلەتلەر دەريا تەرەپكە قارىتىلىپ دۆۋلەنگەن. دەريانىڭ ئۈستۈنكى قېنى ئەتراپىغا خۇمدانلار قۇرۇلۇپ تەبىئەتنىڭ گۈزەل ئىكولوگىيلىك موھىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپتۇ. تۈمەن دەريانى قوغداش، تەبىئەتنى ئاسىراش خىزمەتلىرى شەھەر ئىچى تەرەپلەردە ياخشى ئىشلەنگەن بىلەن دەريانىڭ باش ئېقىنى تاشلىنىپ قالغاندەك تۇيۇلدى. ئىلگىرى ئاشۇ سۇلارنى خاتىرجەم ئىچەتتۇق.  دىھقانلىرىمىز تەرىپىدىن كۆپلەپ ئىچىلغان شاللىق يەرلەرگە ئىشلەتكەن ھەر خىل خىمىيېلىك دورىلارنىڭ تەسىرىدىن تۇپراق، سۇ ئېغىر دەرجىدە بۇلغىنىپ بېلىق، يىلان، پاقا دېگەنلەر ئەپسانە-رىۋايەتلەرگە ئايلىنىپتۇ. ئەپسۇسلار… 20-30 يىل ئىچىدىلا تەبىئەتنىڭ بۇنچە تېز ئۆزگىرىپ كېتىشىگە ئىشىنەلمەي قالدىم.
دەريادا تاغ تەرەپتىن كەلگەن لاي سۇ (قىزىل) تېزغىچە، بەزى يەرلەردە دەريا قېنى يېغىلىپ بەلگىچە چۇڭقۇرلۇقتا ئېقىۋېتىپتۇ. ئاندا ساندا يوقتىن ياخشىراق بۇلاقلاردىن بىلەك چوڭلىقىدا سۇ چىقىدىغانلىرىمۇ بار ئىكەن. باغرىمنى يېقىپ ئۈستىدە يېتىۋالغۇم كىلىپ كەتتى. باللىرىمنى توكسىكلىتقا مىنگەشتۈرۈپ بېلىق كۆلىنىڭ نېرىسىغىچە بىرىپ باقماقچى بولۇپ ماڭدۇق. باراشىمىزدا كۆرمىگەن ، قايتاشىمىزدا ئېشەكتەك 6-7 ئىت ئادەم يەيدىغاندەك قورقۇنۇچلۇق ئەلپازدا قاۋىغىنىچە ياندىكى بېلىقچىنىڭ كەپىسىدىن يۈگۈرۈپ چىقىشتى. بېلىق كۆلىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى چالمىلىق ئەسكى يولدا ھارۋىنى تېزرەك ھەيدىگىلى تېخى بولمىغان. ھارۋىنىڭ ئارقىسىدا ئىككى ئوغلۇم پۇتلىرىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ خىيالىدا يوق ئەتراپتىكى كۆللەرگە ھەۋەس بىلەن قاراپ ئۆزىنىڭ پارىڭىنى قىلىشىپ كېتىپتۇ. – يېگىتلەر، ئالدىمىزدا بىر-قانچە كۈچۈك بار ئىكەن. ئارقىمىزدىن ئوينىشىپ ئەگىشىۋالىدىغاندەك تۇرىدۇ. پاچىقىڭلارنى يالاپ قويمىسۇن، پۇتۇڭلارنى ئېگىز كۆتۈرۈپ مېنى چىڭ قۇچاقلاپ ئولتۇرۇڭلار، ماقۇلمۇ؟! ئۆزىمنىڭ قورقىۋاتقانلىقىمنى ھېچ چاندۇرماستىن شۇنداق دېدىم دە، ھارۋىنىڭ رولىنى مەھكەم تۇتۇپ سۈرئەتنى تېزلەتتىم. ئىتلار ئىتىلىپ كىلىشىگە ئارىسىدىن بۆسۈپلا يۈرۈپ كەتتىم، كاساپەتلەر بولدى قىلامدىغان، ئارقىغا بۇرۇلۇپلا يەنە ئارقىمىزدىن قوغلاشقا باشلىدى، چوڭ ئىتلار بولغاچقا ھاۋشىغان ئاۋازىمۇ ئادەمنى قورقۇتقۇدەك ئىكەن. باللار ئەمدى رەسمى قورقتى (مەن ئىتنى كۆرۈپلا قورقۇپ بولغان ) ، دادوۋۋ، بولا ئىتتىك، پاچىقىمنى چىشلىۋالىدىغاندەك تۇردا…كۆزۈڭلارنى چىڭ يۇمۇپ، مېنى مەھكەم قۇچاقلاپ خاتىرجەم ئولتۇرۇڭلار، بۇ ئىتلار ھازىرلا توختاپ قالىدۇ دەپ يۇقۇرى ئاۋازدا ۋاقىراپ تۇرۇپ ئىتنىمۇ قورقسۇن دېگەندەك توختىماي گەپ قىلىپ ماڭدىم. بۇ ئىتلار خىلى ئۇزۇن يەرگىچە ئارقىمىزدىن يۈگۈرۈپ بېقىپ توختاپ قىلىشتى.
يەنە بىر قېتىم چوڭ ئۆيگە بارغاندا ئىچىگە كىرىپ سۇ ئوينايدىغان يەل خالتىسىنى ئىلىۋېلىپ ئۈچ ئوغلۇمنى ئۈستىگە چىقىرىپ دەرياغا سالدىم. قولۋاق شەكلىگە كىرگەن بۇ كىچىك يەل خالتىسى باللىرىمنى ئىلىپ دەريادا خىلى يەرگىچە ئۈزۈپ باردى. مەن ‹‹قولۋاق›› نىڭ ئارقىسىدىن باللارغا بىرەر كىلىشمەسلىك بولماسلىقى ئۈچۈن يېقىن ئارىلىق ساقلاپ سۇ ئىچىدە پالاقشىپ چاپتىم. بالىلار سۇ ئۈستىدە ئېقىن بويلاپ ئۈزگەنگە ھاياجانلىنىپ چۇرقىرشىپ جاھاننى بېشىغا كېيىشتى. مېنىڭ بەلگىچە سۇ كېچىپ ئارقىسىدىن شاپراڭلاپ قوغلاپ كىلىشىم ئۇلارغا تېخىمۇ قىززىق تۇيۇلدى بولغاي، دادا، دادا…سەنمۇ چىقىۋالە بىزنىڭ قوۋاققا دەپ چۇلدۇلاپ كېتىشتى… شۈكۈرى، شۇنچىلىك بولسىمۇ بار ئىكەنسەن دەريا…كېچىگىمىزدە بۇ دەريادىن بىر قانچە ئېقىنلار ئايرىلىپ چىقاتتى، ئايرىلىپ چىققان چوڭراق بىر ئېقىن ‹‹تۈگمەن ئۆستەڭ›› نامىدىكى خىلى چوڭ ئۆستەڭ بولۇپ ئالتە تاشلىق ئىككى تۈگمەننى ماڭدۇراتتى. قىش كۈنلىرى قۇرۇتۇپ تەييارلانغان ئاق قوناقلىرىمىزنى ئىلىپ چۈشۈپ ئۆچرەت ساقلاپ ئۇن تارتاتتۇق. بەزىدە نەچچە كۈنلەرگىچە ئۆچرەت تەگمەيتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا چوڭلار ئېسسىنىش ئۈچۈن ئوت يېقىپ ئەتراپىدا چۆردەپ ئولتۇرۇشۇپ جاھاندىكى ھەممە پاراڭلارنى قىلىشىپ چىقاتتى. بەزىلەر گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپمۇ قالاتتى. مەن شۇنداق پاراڭلارنى ئاڭلاشقا خۇشتار ئىدىم. گەرچە بۇنداق پاراڭلاردا ھېچقانداق ئىلمىيلىك بولمىسىمۇ تەبىئەت، دۇنيا، ئادەملەر ھەققىدە پىكىرگە خۇرۇچ بولغۇدەك مەزمۇنلار بالىلىقىمغا رەڭ قوشاتتى.

‹‹بالىلارنى قۇتقۇزىۋالايلى›› ناملىق كىتابتا ئوغۇل بالىلار ئايال مۇئەللىملەرنىڭ قولىدا ئوغۇللارغا خاس مىجەز خاراكتېرىنى يېتەرلىك يېتىلدۈرەلمەيدۇ. پىسخىكا تەرەققىياتى جەھەتتىن مۇئەييەن توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. جۇڭگۇ مەكتەپلىرىدە بارغانچە ئايال مۇئەللىملەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگەللەۋاتقانلىقىنى، بېيجىڭدەك مەركىزى چوڭ شەھەرلەردە ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نېسبىتىنىڭ 70-80% لەرگە يېتىپ قالغانلىقىنى تىلغا ئىلىپ بۇنىمۇ ئوغۇللار دۇچ كەلگەن كىرزىسلارنىڭ بىرسى سۈپىتدە ئوتتۇرغا قويۇپ ئەپسۇسلىنىدۇ. مەن باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىمدا (مېنىڭ بار-يوق مەكتەپ ھاياتىممۇ شۇ ئاران باشلانغۇچ بىلەن تۈگىگەن) مەن ئەسلەيدىغان ئۈچ ئوقۇتقۇچۇم بولۇپ بۇنىڭ ئىككىسى ئايال(خانىم)، بىرسى ئەر (مەلىم)ئىدى. مەن مەكتەپكە كىرىپ ئۈچىنجى يىللىققىچە نۇرگۇل خانىم دەپ سېمىزغىنە بىر ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتەتتى. ئۇ خانىم يولدىشى بىلەن مەكتەپ ئىچىدە ئۆي تۇتقان ئىدى. يولدىشى مەكتەپنىڭ ئامانلىق ئىشلىرىغا قاراشقاچ لاغايلاپ يۈرەتتى. بۇ ئادەم قاچانلا قارىسا ھاراق ئىچىپ مەسلا يۈرەتتى.  خانىم مەن قاتارلىق بىر قانچە ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن چۈشكەندە مەكتەپتە ئىلىپ قىلىپ تاپشۇرۇق تەكشۈرتەتتى. ئۆزى بولسا يولدىشىنىڭ يولسىز تەلەپلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن پالاقشىپ يۈرەتتى. بۇ ئادەمنىڭ بەزى قىلىقلىرىدىن قورقۇپمۇ قالاتتۇق. بىر كۈنى مۈشۈكىگە گۆش يېگۈزۈپ قويۇپ ئارقىسىدىن گىلىنى يىرىپ ھاراق ئىچكۈزىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. يىرىم سائەتلەر ئۆتتىمىكىن تاپشۇرۇق تەكشۈرۈۋاتساق ھىلىقى مۈشۈك ئەمەسلا، ئاۋازى بىر قانداق خىرقىراپ، مىياڭلاپ بىزلەرگە خىرىس قىلىپ….
ئاشۇ بىچارە خانىمىمغا تۇرۇپ ئىچىم ئاغرىيتتى، تۇرۇپ غەزىپىم كىلەتتى. ئىچىمنىڭ ئاغرىشى – سىنىپتا بىزلەرگە ۋارقىراپ قورقۇتقان بىلەن يولدىشى يېنىدا مۈشۈك ئالدىدىكى چاشقاندەك بىچارە ئىدى. غەزىپىم كىلىدىغان يېرى، بۇ خانىم مېنى باللارنىڭ تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرتۈشكە سىلىش بىلەن بىرگە مەۋسۇملۇق ئىمتاھانلاردا مېنىڭ پارتامدىكى ۋە ئالدى-ئارقامدا ئولتۇرغان 6-7 يەتتە بالىنىڭ ئىمتاھاندىن ئۆتۈپ خانىمنىڭ ‹‹يۈزىنى يورۇق›› قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا كۆچەرتكۈزۈپ قويۇشۇم كېرەك ئىدى. بىر قېتىملىق ئىمتاھاندا سۇئاللار سەل تەسرەك چىقىپتىكەن، مەنمۇ تەرلەپ پىشىپ ئۇلار بىلەن كارىم بولماي ئاران ئىشلەۋاتسام ھىلىقى ماڭا ھۆددىگە بىرىلگەنلەر بويۇنلىرىنى غازنىڭ بوينىدەك سوزۇشۇپ ماڭا تەلمۈرۈپ قاراپ، بىزگە كۆچەتكۈزۈپ قويمىساڭ خانىمغا دەيمىز دەپ تەھدىت سىلىشتى. ئۆزۈمنىڭ ئىمتاھان قەغىزىنى تولدۇرۇپ بولۇپ قارىسام ئۇ بايقۇشلار قىرىندىشىنى چىشلەپ ئولتۇرۇشۇپتۇ. نازارەتچى مۇئەللىم بېشىمدىلا قاراپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىمتاھان قەغىزىمنى تاپشۇرۇپ بىرىپ مەغرۇر چىقىپ كەتتىم. بۇ ئىشتا خانىم سەل ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ ماڭا ئامراق ئىدى.
ئۈچۈنجى يىللىققا چىققاندا خەنزۇ تىلىدىن دەرس بىرىدىغان بىر خانىم بار ئىدى. خۇرشىدەم خانىم دەپ ئاتايتتۇق. مىھرى ئىسسىق، كۆيۈمچان، بىلىملىك، بەك تەلەپچان ئايال ئىدى. دەرسنى ياخشى ئۆتەتتى، دەرس ئارلىقىدا بىزنى ئىلھاملاندۇرىدىغان پاراڭلارنى سىلىپ بىرەتتى. ئەپسۇسلىنىدىغان بىر ئىشىم كۆپۈنچە ۋاقىتتا ئويۇنغا بىرىلىپ كېتىپ بۇ خانىمنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئىشلىيەلمەي قالاتتىم. بىر قېتىم خانىم ماڭا بەك خاپا بولۇپ كەتتى. كىيىنرەك مەكتەپتىكى كەپسىز بالىلار بىلەن بىر بولۇپ بۇ خانىمنىڭ مەندىن چوڭراق بىر ئوغلىنى ئەدەبلىمەك بولۇپ مەكتەپ ئارقىسىغا ئالداپ ئىلىپ چىقتۇق. خانىم بىزنى كۆزىتىپ تۇرغانمۇ قانداق ئۇرايلى دەپ تۇرشىمىزغا يېنىمىزدا پەيدا بولۇپ قالدى. كۆزلىرىدە ياش لېغىرلاپ تۇرىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ نېمە قىلغىنىڭلار دېيەلىدى ئارانلا…باشقا بالىلار قېچىپ كېتىشتى. مەن قاچالمىدىم، پۇتلىرىمدا جان قالمىغان ئىدى. ھىم تۈگەشتىم، خانىم مېنى تازا ئەدەبلەپ سەپرا شوجاڭغا چىقىشتۇردىغان بولدى دەپ ئويلاپ تىترەپ تۇرسام بىر قولىدا بالىسىنى تۇتۇپ بىر قولىنى مۈرۈمگە قويۇپ ياش يۇقى كۆزلىرى بىلەن قاراپ تۇرىدۇ. ئاھ خۇدا…بۇ خانىم شۇ تۇرقىدا، شۇنداق ئەپسۇسلۇق بىلەن قاراپ تۇرغىچە بىر قانچە تەستەك ئۇرۇۋەتكەن بولسا يەڭگىللەپ قالاتتىم ئەمەسمۇ…بالام، سەن ياخشى بالا، يامان بالىلارنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ كەتمە. دەرستە ساڭا تەلەپنى يۇقۇرى قويغىنىم راست، شۇ سىلەرگە ياخشى بولسۇن، كەلگۈسى ياراملىق ئادەم بولسىكەن دەپ ئاچچىقىمىزدا ۋارقىراپ سالىدىكەنمىز. مېنى كەچۈر دېدى…يىغلاپ كەتتىم. قىلمىشىمغا پۇشايمان قىلدىم. ئەپسۇس، ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ خانىم مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن خىزمىتى ئالماشقان بولۇپ مەكتىپىمىزدىن كېتىپ قالدى. ئاشۇ خۇرشىدەم خانىمنى ھۆرمەت، سۆيگۈم بىلەن ھازىرمۇ ياد ئىتىپ تۇرىمەن.
ئۈچۈنجى يىللىقنىڭ كىيىنكى مەۋسۇمىدا سەپرالىقتا نامى چىققان، پات-پات بالىلارنى ئۇرۇپ قويۇپ نامى چىققان ئىلى مەخەت مەكتىۋېمىزگە يۆتكىلىپ كەلدى. نۇرگۇل خانىم ئاغرىپ قىلىپ ئورنىغا مۇشۇ ئەلى ‹‹ساراڭ›› بىزگە مەسئۇل مەلىم بولارمۇ دەپ ئەنسىرەپ تۇرىشىمىزغا بىزنىڭ سىنىپقا مەسئۇل بولسا بولىدۇ….

ئوغۇللار تەربىيەسىدە ئاتىنىڭ تەربىيەسى ئازلاپ كېتىۋاتقان بولۇپ ، ئۇلار خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن ياكى قاتتىق قول ئاتا بولىمەن دېگەن كۆز قاراشنىڭ تەسىرىدىن ئاتىلىق مەسئۇلىيەتتىن قاچىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى ئەتىدىن – كەچكىچە ئاياللارنىڭ ئارىسىدا ياشاپ ، ئەتراپىدا ئۆزىگە ئۈلگە بولىدىغان ئەرلىك ئوبرازىنى تاپالمىغاچقا ، قانداق قىلغاندا ئوغۇل بالىدىن ھەقىقىي بىر ئەرگە ئايلانغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

ئەسلىدە ھىلىقى كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقنى قوزغاشنىڭ گېپى بولۇپ بەزى كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىپ تېمىلار يوللانغاندىن كىيىن مەنمۇ بۇ كىتابنى تورداشلارغا بىر تەۋسىيە قىلىپ قوياي دەپ باشلىغان ئىدىم. بالىلىقتىكى كەچۈرمىشلىرىمىز مېنىڭچە تەڭتۇشلىرىمىزنىڭ ئاساسەن ئوخشاش دېگۈدەك ئۆتكەن بولىشى مومكىن. ئۇلارنى ئەسلەپ ئۆتىشىم كىتابنىڭ ‹‹روھى›› غا ئاساسەن بولغاندا ئەشۇ ۋاقىتتا بىزلەر بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن ساپ تەبىئەت، ئوغۇللارغا خاس ئويۇن، كەپسىزلىك ، قاراملىق دېگەندەكلەرگە ھازىر شارائىت يوق، ياكى يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. شۇڭا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا دادىلار بۇ ئەھۋالغا كۆپرەك باش قاتۇرۇپ بالىلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىشى، ئۈلگە بولىشى، ئوغۇللارنىڭ خاراكتېرىگە ماس كەلگۈدەك تەربىيلەش ھەققىدە ئىزدىنىشى كېرەك ئىكەن دېمەكچى ئىدىم، كۆپ نەرسىلەرنى ئويلىغان ھەم ئوغۇللىرىمنى ئويناتقان ۋاقىتتا ھېس قىلغانلىرىمنى تېمىغا يانداشتۇرۇپ يازماقچى ئىدىم. ۋاقىت مەسىلىسى سەۋەبلىك تېما ئاشۇنداق چالا بولۇپ قالدى. ئاخىرىدا ھەر-بىر دادا بولغۇچىلارغا، مۇئەللىم-مۇئەللىمەلەرگە ‹‹ئوغۇللارنى قۇتقۇزۋالايلى›› دېگەن كىتابنى بىر قىتىم ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

2014-12


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      يازغۇچى

      يەڭگىل يازما ئىكەن، بەك ياقتۇردۇم

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...