80خالتا پاراڭلىرى (14) ئەرلەرنىڭ چېچى ھەققىدە پاراڭلار

مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

چاچ، يۈز تېرىسى ئاياللار گۈزەللىكىدە ئىنتايىن موھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولغاچقا بۇرۇندىنلا ئۇيغۇر تېبابەت رىسالىلەردە ھۆسنى جامالنىڭ گۈزەللىكى ھەققىدە ئاز بولمىغان ئاسراش چارىلىرى ۋە رېتسىپلار بايان قىلىنغان. ئەرلەرنىڭ رەڭگى -روھىنىڭ سۈزۈك، نۇرلۇق بولىشى ئۈچۈن ئىچكى ساغلاملىق بولۇپمۇ قەلب ساغلاملىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدىغان بولسىمۇ ئەمما ئەرلەردىكى چاچ گۈزەللىكى، تېرە گۈزەللىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش ھەققىدە كۆپ مەلۇماتلار يوق.
ئەمما سانائەتلىشىش ئىلىپ كەلگەن تەرەققىيات، مەدەنىيەتنىڭ موللىشى، مال-دۇنيانىڭ كۆپىيىشى ئەر-ئاياللارنىڭ ساغلاملىق، گۈزەللىك ئۆلچىمىگىمۇ زور بولغان ئۆزگىرىشلەرنى ئىلىپ كەلگەندەك تۇرىدۇ. مەسىلەن چاچنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش، تېرە ئاسراش، تەن شەكلىنى ئۆزگەرتىش دېگەندەك.

بىز بىلىدىغان كۆپلىگەن ئەر چولپانلارنىڭ پاينەكباش بولىشى سەۋەبلىك چېچى چۈشۈپ پاينەكباش بولۇپ قىلىشنىڭ بارا-بارا يارىشىملىق مودىغا ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بىرەمدۇ؟ (چاقچاق)
cholpan 1

vin-diesel-bald

 

Jason-Statham

keanuwhatif

خوش، بۈگۈنكى «80خالتا پاراڭلىرى» مىزدا ئەرلەردىكى چاچ چۈشۈشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئاز-تولا توختىلىپ باقىلى.
ئادەتتە چاچ چۈشۈشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە پاراڭ قىلساق باشتا تۆۋەندىكى ئامىللارنى ساناپ ئۆتىمىز:
ئەرلىك ھورمۇن، ئىرسىيەت، مايلىشىش، قۇرغاقلىشىش، روھىي جىددىيچىلىك، زىيادە چارچاش، ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، شەھۋەتكە بىرىلىش، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ھەر خىل خېمىيەلىك دورا، ھورمۇنلۇق دورا ، يېمەكلىك ۋە تۇرمۇش مەھسۇلاتلىرى، رادىئاتسىيە، موھىت بۇلغىنىش ۋەھاكازالار.
پاينەكباش بولۇپ قىلىش ئەھۋاللىرىنىڭ ئەرلەردە كۆرىلىشى ھەققىدە 1000 يىللار بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن تېبابەت ئالىمى ئىبنى سىنا <<شىفا>> دېگەن كىتابتا: <<ئاياللار بۇ سەلئىي كېسەللىككە ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى ئاياللاردا ھۆللۈك كۆپ بولىدۇ. ئاختا قىلىنغان كىشىلەر ھەم بۇ كېسەلگە ئۇچرىمايدۇ، چۈنكى بۇلارنىڭ مىزاجى ئاياللارنىڭ مىزاجى تەرىپىگە مايىل بولىدۇ. ئۇلاردىكى ھۆللۈك تارقاپ كەتمەيدۇ>> دېگەن ئىكەن.
ئەرلەردىكى پاينەكباشلىق ۋە ئەرلىك ھورمۇن ھەققىدە ماتېرياللاردا تۆۋەندىكىلەرنى قەيت قىلىپتۇ:
بۇ كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشى بەدەندىكى ئەرلىك ھورمۇن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا خان-پادىشاھلارنىڭ، بايلارنىڭ ئوردا-سارايلىرىدا ئىشلەيدىغان ئاغۋاتلارنىڭ كىچىكىدىلا ئۇرۇقدىنىنى ئېلىۋەتكەن بولغاچقا ئۇلاردا پاينەكباشلىق بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار كېسەلگە دۇچار بولۇپ تېستوستېرون (ئەرلەردىكى بىر خىل ھورمۇن) بىلەن داۋالاش زۆرۈر بولۇپ قالسا، داۋالانغاندىن كىيىن چاچ چۈشىدۇ. بەزىلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا پاينەكباش ئەر بىلەن نۇرمال (چاچلىق) ئادەمدىكى 17-كېتوستېروئىد ۋە قاندىكى تېستوستېرون سەۋيەسىدە پەرق بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بەزىلەر، بۇ خىل بىمارلار چاچ خالتىسىنىڭ ئەرلىك ھورمۇنغا بولغان سەزگۈرلىكىنىڭ ئىشىپ كەتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك، دەپ ئوتتۇرغا قويغان. گەرچە نۆۋەتتە ئەرلىك ھورمۇننىڭ ئەرلەردىكى پاينەكباشلىقنى پەيدا قىلىدىغان موھىم ئامىل ئىكەنلىكى مۇقىملاشقان بولسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭ تەسىر قىلىش مىخانىزىمى ھەققىدە ئېنىق تەتقىقاتلار بولغىنى يوق.
بۇ خىل كېسەللىك دۇنيا مىقياسىدا ئاق تەنلىكلەردە كۆپ كۆرىلىدۇ. مەملىكەت تەۋەسىدە بۇ كېسەلنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى غەرب ئەللىرىگە قارىغاندا كۆرىنەرلىك تۆۋەن. لىكىن ئۇيغۇرلار ئىچىدە بولۇپمۇ قەشقەر، ئاتۇش ئەرلىرى ئىچىدە پاينەكباشلىق كۆپ ئۇچرايدۇ. چاچ چۈشۈش ئالدى بىلەن پىشانىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن باشلىنىپ، پىشانىدىكى چاچ گېرۋىكى بارغانسىرى چوققا تەرەپكە قاراپ يۇقۇرلايدۇ ۋە پىشانىسى كېڭىيىپ كېتىدۇ. تەدرىجى ئېغىرلىشىپ چوققا قىسمىغىمۇ يېتىپ بارىدۇ. چاچ چۈشۈپ، بارغانسىرى ئىنچىكىلەيدۇ. چاچنىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ يەنە ئەسلىدىكىدىن ئىنچىكە بولغان چاچ چىقىشقا باشلايدۇ. كىيىن بۇ چاچلار تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ يۇمرانلىشىپ سېرىق تۈككە ئوخشاپ قالىدۇ. چوققىسى بىلەن پىشانىسى پارقىراپ پاينەك بولۇپ، پەقەت چېكە ۋە ئارقا تەرپىدىلا چاچ قالىدۇ. يەنە بەزىلەردە دەسلەپتا چوققا قىسمىدىن باشلاپ چاچ چۈشىدۇ. ئەرلەردىكى چاچ چۈشۈشنىڭ شەكلى نۇرغۇن بولۇپ، چوققا قىسمى بىلەن پىشانە قىسمىدىكى چاچنىڭ چۈشۈشى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ كېسەل سوزۇلما خاراكتېرلىك بولۇپ ئاز ساندىكىلەردە تېز تەرەققى قىلىدۇ ۋە بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا دائىرىسى خىلى كەڭرى بولغان ئورۇندا چاچ چۈشۈپ پاينەك بولۇپ قالىدۇ. چاچ چۈشۈشنىڭ سۈرئىتى، دەرىجىسى ۋە دائىرىسى ھەر بىر ئادەمدە ئوخشاش بولمايدۇ. ئازىراق قىچىشقاندىن سىرت باشقا ئالامەتلەر بولمايدۇ. ئىلگىرى تېرىدىكى ياغ تەپچىشنىڭ ئېغىر بولىشىمۇ مەزكۇر كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى دەپ قارىلاتتى. لىكىن ھازىر تېرىدىكى مايلىشىش مەزكۇر كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش مىخانىزىمىدا ئانچە چوڭ رول ئوينىمايدۇ، دەپ قارالماقتا. ئەرلەردىكى چاچ چۈشۈش پەقەت چاچ بىلەنلا چەكلىنىپ، ساقال-بۇرت، مەيدە تۈكى ۋە باشقا تۈكلەرگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

ئۇيغۇر تېبابەت نەزىرىيىسىدە چاچنىڭ تەبئىتى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ سەۋدا، سەپرا خىلىتلىق كىشىلەردە چاچ چۈشۈش كۆپرەك بولىدۇ. بولۇپمۇ بۇ تىپتىكى ياشلاردا روھىي جىددىيچىلىك، زىيادە چارچاش، كەيپىيات تۇراقسىزلىقى، شەھۋانىي خىياللارغا بەنت بولۇش، كېچىلىرى ئۇيقۇسىز بولۇش، ، ئانانىزىم – شەھۋەت ئىستەكلىرىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا قانائەتلەندۈرۈشكە خۇمار بولۇپ قىلىش، بەدەن ئاجىزلاپ ئوزۇقلۇقلارنىڭ يېتىشمەسلىكى، سانائەت ئىچىملىكلىرى، ھاراق-تاماكىغا ئۈگۈنۈپ قىلىش، تەنتەربىيەگە ئەھمىيەت بەرمەسلىكى، چاچنى بۈدرە قىلىش، قىزدۇرۇپ كۆپتۈرۈش، بۈدرە چاچنى تۈزلىتىش، بوياش دېگەندەك ئامىللار چاچنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈپ ئاسانلا چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
تورغا چىقىش ۋە تور ئويۇنى ئويناش ياشلارنىڭ چېچىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەرلەرنىڭ چېچىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدە تورغا چىقىش ۋە تور ئويۇنى ئويناش نېرۋا جىددىيلىشىش، چاچنى يۇيۇش قېتىم سانى، چاچ سۈپىتى قاتارلىق چاچ چۈشۈرگۈچى ئامىللاردىنمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرلەرنىڭ كۈندىلىك كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولغانسېرى چېچى شۇنچە تېز چۈشۈپ كېتىدۇ.
ئۇزۇن مۇددەت تورغا چىققاندا ۋە تور ئويۇنى ئوينىغاندا، كىشى ئاسانلا چارچايدۇ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى ئۇزۇن مۇددەت جىددىي ھالەتتە تۇرغاچقا، نېرۋا قالايمىقانلىشىپ، تېرىدىكى قان تومۇرلارنىڭ قىسقىراش ئىقتىدارى بۇزۇلىدۇ، باش تېرىسىنىڭ قىسمەن جايلىرىدىكى قان تومۇرلارنىڭ قىسقىرىشى تۈپەيلىدىن قان بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماي، تۈك خالتىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
داۋاملىق كېچىسى تۈنەيدىغانلار، كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەيدىغانلار، كېيىن ئۇخلايدىغانلار، داۋاملىق ئۇيقۇسىراپ يۈرىدىغانلار، چۈشتە ئۇخلايدىغان ئادىتى يوقلارنىڭمۇ ئاسانلا چېچى چۈشىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت جىددىيلىشىشش، تەشۋىشلىنىش، چارچاش سەۋەبىدىن ياخشى ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر چاچ چۈشۈشنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
ئۇزۇن مۇددەت كىسلاتالىقى ياكى ئىشقارلىقى كۈچلۈك سوپۇنلاردا باش يۇيۇش، ھەرخىل بوياق ماتىرياللىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، رادىئاكتىپ نۇرغا يۇلۇقۇش، خىمىيىۋىلىك ماددىلار بىلەن ئۇچىرىشىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ناچار مۇھىتىن بۇلغىنىش، شەكىل ئۆزگىرىپ چاچ چۈشۈش، چاچ ئۈنمەسلىك ئەھۋاللىرى كىلىپ چىقىدىكەن.
ئاندىن ھازىر كۆپۈنچە كىشىلەر دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلە چاچنىڭ زىيادە ياغلىشىشى سەۋەبلىك شالاڭلاپ چۈشۈپ كېتىشىدۇر.
مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە باش تىرىسىنىڭ ياغلىق بولۇشى بەدەندىكى ھورمۇن ئېلمىنتلارنىڭ قالايمىقانلاشقانلىقىدىن بولىدىكەن.
تىرە ياغ بەزلىرىنىڭ قانچىلىك ياغ ئاجرىتىپ چىقىرىدىغانلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىرسىيەت گىنىگە مۇناسىۋەتلىك ،ھەمدە ئىچكى ھورمۇنلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا ئەگىشىپ ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ . ئاساسلىق ئىپادىسى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ياغ مىقتدارى ئازلاپ بارىدۇ . شۇڭلاشقا ياخشى بولغان ئارام ئېلىش ۋە يېمەك ئىچمەك ئادىتى تىرىدىكى ياغلىشىشنى يەڭگىللىتىشكە پايدىلىق.
خوش، ئۇنداقتا قانداق قىلساق چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولار؟
تۇرمۇش ئادىتىنى ياخشىلاپ، ئازادە روھىي كەيپىياتنى ساقلاش، ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش، مۇۋاپىق بولغان بەدەن چىنىقتۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، شەھۋانىي مەزمۇندىكى كىنو-سۈرەتلەرنى كۆرۈش، ئانانىزىم قىلىشقا ئادەتلىنىپ قىلىش نەتىجىسىدە نېرۋا قالايمىقانلىشىپ ھورمۇنلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش قاتارلىقلار ئارقىلىق چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىشى مومكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، تاماكا چېكىشمۇ چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. مۇتەخەسىسلەرنىڭ بايقىشىچە، چېچى چۈشىدىغان %70 كە يېقىن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تاماكا چېكىدىغانلار ئىكەن.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...