مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
بۇ خىل ئەھۋالغا دۇچار بولغان بالىلارنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ رەڭگى ئاق سېرىققا مايىل بولىدۇ. گەپ قىلغاندا قىينىلىپ سۆز بوغۇملىرىنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلايدۇ. بەزى ھەرىپلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلالمايدۇ. گەپ قىلغاندا ئېغىز ئىچىنىڭ نەملىكى ئىشىپ شۆلگەي يېغىلىپ قالىدۇ. بەزى مۇشۇ خىلدىكى بالىلاردا كېچىسى ئۇخلىغاندا سىيىپ قويىدىغان ئەھۋاللار قوشۇلۇپ كىلىدۇ. بۇ خىلدىكى كېكەچلىك بەلغەم-ھۆل سوغۇقلۇق ئىشىپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ.
يەنە بىرسى روھىي ئامىللار تەسىرىدىن بولىدىغان بولۇپ بۇ ئەھۋالدا كۆپۈنچە جىددىيلەشكەن ۋاقىتتا كېكەچلەيدۇ. ئۆزىنى ئازادە ھېس قىلسا نۇرمال سۆزلەيدۇ. بەزىلەردە كىچىكىدىن كەمسىتىلىش، زاڭلىق قىلىشقا ئۇچراش نەتىجىسىدە ئىزچىل ياخشىلىنالمايدۇ.
يەنە بەزىلەرنىڭ ھەر خىل سەۋەبلەردىن مىزاج بۇزۇلۇپ تىل، تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ نۇرمال ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. تىلى سېمىز بولۇپ قىلىش، تىل پالەچلىكى، مېڭە، نېرىپلار توسقۇنلۇققا ئۇچراش، تىل ئورۇقلاش ياكى قورۇلۇپ قىلىش، تىل ئاستىدا ئىلىنچۇق بولۇش دېگەندەك سەۋەبلەرمۇ كېكەچلىك، تىل ئېغىرلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللاردىن سانىلىدۇ.
كېكەچلەپ قالىدىغان بالىلارنى ئائىلىدە پەرۋىش قىلغاندا بالىغا – ئۆزۈڭنى توختىتىپ گەپ قىلمىدىڭ، گاچا، تۈزۈك گەپ قىل دېگەندەك قورقۇتىدىغان، ئاچچىقلايدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىك، زاڭلىق قىلىپ مەسخىرە قىلماسلىق، كەمسىتمەسلىك كېرەك. بالىنىڭ راۋان گەپ قىلىشنى ئۈگۈنىشى ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولغۇچى سەبرىچانلىق بىلەن سۆزلەرنىڭ توغرا تەلەپپۇز قىلىنىشىنى بىردىن-بىردىن ئالدىرماي تۈزۈتۈپ ، مىھرىبانلىق بىلەن تەكرار مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك. بىرلىكتە شىئىر-قوشاق يادىلاش، بالىلار ناخشىلىرىنى ئوقۇش، سۆز ئويۇنى ئويناش، چۆچەك ئوقۇش دېگەندەك تىل تەپەككۇر ئاساسىنى پۇختىلايدىغان، بالىلارغا ماس تەربىيلەش ئۇسۇلىنىڭ كېكەچلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە ياخشىلاشتا كۆپ پايدىسى بولىدۇ. بۇ جەرياندا بالىغا ئىلھام بىرىپ رىغبەتلەندۈرۈش، سۆز-جۈملىلەرنى توغرا راۋان ئېيتالىسا ماختاش ئارقىلىق ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسى يېتىلدۈرۈش لازىم. ئىمكان بار بېسىم ھېس قىلدۇرماي كۆپرەك ئوينىتىش، كۈلكە-چاقچاقلار ئارقىلىق كۆڭلىنى كۆتۈرۈش، خۇشال قىلىش لازىم. پات-پات بەدىنىنى مۇۋاپىق بولغان ئىسسىقلىق مايلاردا مايلاپ ئاپتاپسىندۇرۇش، سېڭىشلىق، قۇۋۋەتلىك غىزالار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، ساپ پاختا رەختتىن تىكىلگەن ئىچ كىيىم، يوتقان-كۆرپىلەرنى ئىشلىتىش، زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەردىن بىر مەزگىل پەرھىز قىلدۇرۇش لازىم.
كېكەچلەش ئېغىر بولغاندا گەپ قىلىشقا زورلىماسلىق، تېنىچلاندۇرۇپ ئارام ئالدۇرۇش كېرەك.
مىزاج تەڭشەشكە تېگىشلىك، تىلدىكى كېسەللىك ئەھۋاللىرى بولسا دوختۇر-ھەكىملەرنىڭ مەسلەھىتى بويچە مۇۋاپىق چارە قىلسا بولىدۇ.
سەمىمى ئەسكەرتىش: 80خالتا بلوگىنىڭ يازمىلىرىنى تور بەت ۋە ئۈندىدار سالۇنلىرىدا ئىجازەت ئالماستىن كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
ئۈندىدارغا 13565662787 تېلفۇن نۇمۇرى ئارقىلىق قوشۇلىۋالالايسىز!