قەھۋە پۇرچىقىنى ئېزىپ قەھۋە چەينىكىدە دەملەپ ئىچىدىغانلارغا ئايانكى بىر ئىستاكان قويۇق قەھۋە دەملەش ئۈچۈن 15-20 گىرام قەھۋە كېتىدۇ. بۇنىڭدىن چىقىدىغان قالدۇقمۇ ئاز بولمايدۇ. بەزىلەر قەھۋە قالدۇقىنى تەخسىگە تۆكۈپ قويسا ئۆي ياكى دۇكان مېزىلىك پۇرايدۇ دەپ تەۋسىيە قىلغان ئىدى. مەنمۇ ئادەتتە دۇكاننى قەھۋە پۇرىتىپ ئولتۇرغانغا ئامراق ئىدىم. بۈگۈن قارىسام قەھۋە قالدۇقىدىن پايدىلىنىش ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارنى كۆرۈپ تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشقۇم كىلىپ قالدى.
1.قەھۋە قالدۇقى پۇراقنى يوقىتىدۇ. قەھۋە قالدۇقىنى توڭلاتقۇغا، ئاياغ ئىشكابىغا قويۇپ قويسا غەيرىي پۇراقنى تۈگىتىدۇ.
2. قەھۋە قالدۇقى تەبىئىي ئوغۇت ھېسابلىنىدۇ. قەھۋە قالدۇقىنى توپىغا ئارىلاشتۇرۇپ گۈل باقسا، گۈلنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، توپىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويسا، قۇرتلاشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئەمما قەھۋە قالدۇقىنى گۈلنىڭ يېلتىز قىسىمىغا كۆممەسلىك كېرەك.
3. قەھۋە قالدۇقىنى قۇرۇتقاندىن كېيىن، يىپەك رەختكە يۆگەپ، پول سۈرتسە پولنى تېخىمۇ پارقىراق قىلىدۇ.
4. ئەمدىلا قايناتقان قەھۋە قالدۇقىدا مول مىقداردا قەھۋە مېيى بولۇپ، رەختنى قەھۋەنىڭ قالدۇقىغا چىلاپ، مىستىن ياسالغان بۇيۇمنى سۈرتسە مىس بۇيۇملارنى ئاسرىغىلى بولىدۇ.
5. نەم ھالەتتىكى قەھۋە قالدۇقىنى قازاندا قورۇۋەتسە، قازاندىكى غەيرىي پۇراق تۈگەيدۇ.
6. قەھۋە قالدۇقى بىلەن تېرىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، تېرىنىڭ چىڭ ھەم پارقىراقلىقىنى ئاشۇرىدۇ. يوتا، قورساق، بىلەكنى قەھۋە قالدۇقى بىلەن ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، تېرىنى چېڭىتىپ ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.