قانداق قىلىمەن، چىقىرالمىسام؟
بىر ئادەم ئەرلەر كېسلگە گرىپتار بوپتۇ،
دوختۇر ئۇنىڭغا بىر قۇتىنى بېرىپ، بۇنىڭغا ئىسپىرمىڭىزدىن ئازراق چىقىرپ ئەتە ئېلىپ كېلىڭ، تەكشۈرمىز دەپتۇ
ئۇ ئەتىسى قۇتىنى قۇرۇق ئېلىپ كەپتۇ.
- نىمە بولدى ؟ قۇرۇق ئەكەپسىزغۇ ؟- دەپ سوراپتۇ دوختۇر
بىمار: مەن ئۆيگە بېرىپ قولۇم بىلەن ئىككى سائەت جېدەللەشتىم ،چىقمىدى
ئايالىم كىرىپ ئۇمۇ جېدەللەشكەنتى ،چىقىرالمىدى
قىزىم كىرىپ قىلىپ باقتى ،يەنىلا چىقرالمىدى،ئاپام ،ھەدەم ۋە ئۆيدىكەرنىڭ ھەممىسى قىپ باقتى بەقەت چىقمىدى – دەپتۇ
دوختۇر: بۇ قانداق گەپ ،مۇشۇ ئىشقا قىزىڭىز ۋە ئۆيڭىزدىكىلەرنى ئىشقا سالدىڭىزما، قانداق ئادەم سىز؟
بىمار : قانداق قىلىمەن ،چىقمايۋاتسا ؟
دوختۇر: نىمە چىقمىدى؟
بىمار: قۇتىنىڭ ئاغزى .
كېسەل داۋالاش
بىر ياشانغان ئايال تىۋىپقا قۇرسىقىم دائىم بىئارام بولىدۇ لېكىن چوڭ تەرىتىم باشقىچە پۇرىمايدۇ ھەم ئاۋازلىق ئەمەس دەپتۇ.
تىۋىپ دورا بىرىپ، قايتىپ دورا يەڭ دەپتۇ.
نەچچە كۈندىن كېيىن، ئايال كىلىپ دورىنى يىدىم ، قۇرسىقىم بىئارام، تەرىتىم سېسىق لېكىن ئاۋازلىق ئەمەس، دەپتۇ.
تىۋىپ دورا بىرىپ، قايتىپ دورا يەڭ دەپتۇ.
نەچچە كۈندىن كېيىن، ئايال كىلىپ دورىنى يىدىم ، قۇرسىقىم بىئارام، تەرىتىم سېسىق ھەم ئاۋازلىق دەپتۇ.
تىۋىپ دورا بىرىپ، قايتىپ دورا يەڭ دەپتۇ.
دورىڭىزنى يەۋەردىم لىكىن ئۈنۈمى ئەكسىچە بولىۋاتىدۇ، يەنە يەمدىمەن دەپتىكەن دوختۇر،- 1-قېتىمدىكى پۇراش سىزىمىڭىزنىڭ 2- قېتىمدىكى ئاڭلاش سەزگۈڭىزنىڭ دورىسى ئىدى، ھازىرقىسى قۇرساق ئاغرىقنىڭ دورىسى دەپتۇ.
تېرىڭىز يېتىشمەپتۇ
ناھايىتى سىمىز بىر ئادەم دوختۇردىن ئۆزىگە ناھايىتى راھەت ئۇخلىتىدىغان دورا يىزىپ بىرىشنى ئۆتۈندى،:
–مەن ئۇخلىغاندا ئاغزىم پەقەت يۇمۇلمايدۇ، بەك بىئارام بولىمەن،
دوختۇر تەپسىلى تەكشۈرگەندىن كىيىن دىئاگۇنوزنى ئىيىتتى:
–كەچۈرىسىز سىزنىڭ بۇ كىسىلىڭىزگە ھىچقانداق داۋا يوق، سىز بەك سەمىرىپ كەتكەچكە تىرىڭىز يىتىشمەي قاپتۇ،شۇڭا كۆزىڭىزنى يۇمسىڭىزلا ئاغزىڭىز ئىچىلىپ قالىدۇ.
تاماكا چەكمەڭ!
سەمەت زاباي مەستلىكتە بىر بوتۇلكا بىنزىننى ھاراق دەپ ئىچىپ سالدى، ئۇ بۇ ئىشتىن قورقۇپ كېتىپ دوختۇرغا باردى.
-قورقمىغىن،- دېدى دوختۇر،- مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە تاماكا چەكمىسەڭلا بولدى.
تەييارلاپ يوللىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن