ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯧﺰﺯﯨﻠﯩﻚ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭ

يەرشارىدىكى ئون چوڭ ئەخلەت يېمەكلىك
ئېلان قىلغۇچى WHO ( بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى )

junkfood2

1. مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلەر
بۇ خىل يېمەكلىكەر قاندا ماينىڭ ئارتىپ كېتشى ، راك ۋە يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرنى پەيدا قىلىدۇ .
تەركىبىە خولىستىرىن ۋە زەھەرلىك ماددىلار ئىنتايىن كۆپ ! ( دۇنيادىكى ئادەملەرنى ئەڭ كۆپ ئۆلتۈرۋاتقان مېزىلىك نەرسىلەر ھېسابلىنىدۇ ) مەسلەن : ساڭزا ،پىلتە قۇيماق قاتارلىقلار … ئەگەر ئارىمىزدا ئېرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرەلمەيۋاتقان ئاياللار بولسا ئەتىگەندە ئىككى قۇيماق ،چۈشتە ئىككى قۇيماق ،كەچتە ئىككى قۇيماق سېلىپ بەرسە 6 ئايدا ئىشەنچىلىك مەقسەتكە يېتىدۇ :
ئەگەر بۇخىل يېمەكلىكلەرگە بەك ئامراق بولسىڭىز پىياز ، سۇدا پىشۇرۇلغان بېلىق قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەڭ
2.چىلىغان يېمەكلەر
بۇ خىل يېمەكلىكەرنىڭ تەركىبىدە ۋىروس ۋە كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى تەركىبلەر بەك كۆپ . راك ۋە بۆرەك ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ،ئادەمنى ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىم قىلپ قويدۇ .
مەسلەن ھەر كۈنى بىر تالدىن چىلىغان پەمىدۇر يەپ بەرسڭىز بۆرەكنىڭ ئاجىزلىشىىش ھەر كۈنى 2 قۇتا پىۋا ئىچكەندىنمۇ تېز بولىدۇ . ئەگەر بۇ خىل يېمەكلىكلەرگە ئامراق بولسڭىز يېڭى سەي كۆكتات ۋە يېڭى مېۋە چىۋىلەرنى ( بولۇپمۇ ئالمىنى ) كۆپرەك يەڭ !
3.پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆشلەر
بۇ خىل يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە راكنى پەيدا قىلىدىغان ئۈچ چوڭ ئامىلنىڭ ھەممىىسى بار ! كۆپ يېسڭىز راك كېسلى بوپ قالىسىز .مەسلەن ( 肌肉躺) تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ،تەييار ئىشلەنگەن گۆش قاتارلىقلار .
4. پىرەنىكلەر ( ھېلىقى تورت دىگەن بىنمىمۇ بار ئەلۋەتتە )
ئاساسلىق زىينى : رەڭ ۋە تەم تەڭشىگۈچ بەك كۆپ ، جىگەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىدۇ .بەدەندىكى ۋېتامىنلارنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزىدۇ .ئىسسىقلىق مىدارى بەك يۇقىرى .ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاز . ئەگەر ھەر كۈنى پىرەنىكتە ناشتا قىلىپ بەرسڭىز ۋە بالىڭىزغا ھەر كۈنى تورت يېگۈزۈپ بەرسڭىز ئاۋۇت پالاكەتتىنمۇ پالاكەت ئادەم بولىشىدا گەپ يوق ! ئەگەر بەك ئامراق بولسڭىز سوغۇقلۇق نەرسىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىڭ
5. گازلىق سۇ ۋە كولا تۈردىكىلەر
كىسلاتالقى بەك يۇقىرى بەدەندىكى كالتىسى قاتارلىق مېنراللارنى ئېرىتىپ چىقرىۋېتىدۇ ،ئەگەر قىزلار كۆپ ئىچىپ بەرسەڭلار بەدىنىڭلار ئاسانلا سەتلىشىپ كېتىدۇ ( خۇددى مېجىلغان كوكا كولانىڭ قۇتىسدەك بوپ قالىسىلەر … ھى ھى ) . ئاسانلا قورساق تويغان سەزگۈنى شەكىللەندۈرۈپ نورمال ئوزۇقلىنىشقا دەخلى قىلىدۇ ،ۋە ئاشقازاننى بۇزىدۇ ،ئەگەر بەك ئامراق بولسڭىز ئۈچ ۋاق ياكى تۆت ۋاق تاماققا ئەھمىيەت بېرىڭ.
6. تەييار چۆپلەر
تۇز مىقدارى ، چىرىشتىن ساقلاش دورىسى ۋە تەم تەڭشىگۈچلەر بەك كۆپ ئارىلاشترۇرۇپ ئىشلىندۇ ،شۇنداق بولغاچقا جىگەرنى ئېغىر بۇزىدۇ . پەقەت ئىسسىقلىقلا بار ،ھىچقانداق ئوزۇقلۇق مىقدارى يوق ! ئەگەر ھەر كۈنى بىر ۋاق تەييار چۆپ ئىچىپ بەرسڭىز ئەركلەرگە ئوخشىمايدىغان بوپ قالىسىز ( ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﻼ ﮬﻪ ،ﺑﯘ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﯩﻜﯩﻼﺗﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ )
7. كونسىېرۋالىق يېمەكلىكلەر ( بېلىق كونسېرۋاسى ۋە مېۋە كونسېرۋالىرىمۇ بار )
بەدەندىكى ۋېتامىنلارنى بۇزىدۇ، ئاقسىلنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرپ ئۆسمە پەيدا قىلىشتا چوڭ رول ئوينايدۇ .ئىسسىقلىقى يۇقىرى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن تۆۋەن ! ئەگەر بەك ئامراق بولسڭىز ، ئۈچ ۋاق تاماق ۋە يېتەرلىك ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىڭ
8. مېۋە شىرنىسى ( گودوڭ ) دەيدىغان نەرسە
بۇ خىل يېمەكلىكنىڭ تەركىبىدە ئادەمنى راك قىلىدىغان ئۈچ چوڭ ئامىلنىڭ ھەممىسى تولۇق بار . چېرىشتىن ساقلاش دورىسى بەك كۆپ ، تەم تەڭشىگۈچ زىيادە ئارتۇق ئارلاشتۇرۇلىدۇ ،شۇڭا جىگەرنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىدۇ ،ئەگەر راك دىگەن بۇ كېسەلنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ باقاي دېسڭىز ھەر كۈنى مۇشۇنداق مېۋە شىرنىسى
( گودوڭ ) دىن بىر تال يەپ بېرىڭ ،ئۇزۇنغا قالماي ئارزۇيڭىز ئەمەلگە ئاشىدۇ . ياشانغانلار يېگەندە دىققەت قىلىڭلار ،تۈرۈپ قېلىپ بىردەمدە جان ئالىدۇ بۇ !
9.توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەر
مەسلەن : ماروژنا ، چوڭا مۇز قاتارلىقلار … ئادەتتە سەمىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرشتىن باشقا بەك چوڭ زىينى يوق ،ئەمما بەك كۆپ يېمەڭ ! ئەگەر مەندىنمۇ ئورۇق ئاۋاق ئادەم بولسڭىز ئاز تولا يەپ قويسڭىز ھىچقىسى يوق !
10. كاۋاپ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر
بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە راكنى پەيدا قىلىدىغان ئۈچ چوڭ ئامىل تولۇق بولغاندىن باشقا يەنە راكىنى پەيدا قىلدىغان ئۇششاق سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق !
بەدەندىكى ئاقسىلنىڭ شەكىل ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ ، ئاق قان كېسلى ۋە ئۆسمە كېسەللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاشۇرۇپ ،ئاسانلا كاردىن چىقىردۇ ،
(بىر زىق كاۋاپ = 60 دانە خوڭخې ماركىلىق تاماكا )
چۈنكى كۆمۈردىن چىققان نىكوتىن قاتارلىق ماددىلارنىڭ ھەممىسى كاۋاپقا چاپلىشىدۇ ،ئەگەر بەك ئامراق بولسڭىز كاۋاپنى ئوتۇندا پۇشۇرۇپ ئۆزىڭىز قىلىپ يەڭ، ئۈرۈك ئوتۇنى بولسا تېخى ياخشى. كاۋاپ يېگەندە ۋىتامىن C لىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىڭ . مەسلەن : ئالما قاتارلىق ھەر خىل مېۋە چىۋىلەر ۋە پىياز قاتارلىق سەي كۆكتاتلار.
سالامەت بولاي دېسڭىز يېمەك ئىچمەككە دىققەت قىلىڭ !

تەييارلىغۇچى: ئىزدىنىش تورىدىن بلۇبۇكىس.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ