مۈشۈككە ياققان ئاپتاپ بالىلارغا ياقماسمۇ؟

مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

24-001
كىچىكىمىزدە چوڭلارنىڭ شەھەرلىكلەر بىلەن يېزا-سەھرانىڭ ئادەملىرىنى سىلىشتۇرۇپ قىلىشقان پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق. ئاساسلىقى شەھەرلىكلەر كۈندە گۆش يەپ تۇرسىمۇ ئاپتاپ كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن رەڭگى ئاق، كۈچسىز بولىدىغانلىقى، قىلىدىغان ھەركەتنىڭ تايىنى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاسانلا قان بېسىمى دېگەندەك كېسەللەرنىڭ جىق بولىدىغانلىقى؛ يېزا-سەھرا كىشىلىرىنىڭ كۈندە گۆش يېمىسىمۇ ئېتىزدا ئاپتاپقا قاقلىنىپ ئىشلەپ، ئاچچىق تەر بىلەن بەدەندىكى كېسەللەرنىڭ قالمايدىغانلىقى، كۈزنىڭ ئاپتىپىدا ئىشلىگەن ئادەمنىڭ بىر تال زاغرا نان بىلەن ئېرىق سۈيىنى ئىچىپ قورساق توقلىسىمۇ ئىككى قوي يېگەندەك كۈچ-قۇۋۋەتكە تولىدىغانلىقى دېگەندەك پاراڭلار بولۇپ تۇراتتى. ئوغۇلبالىلارنىڭ چېچى سەل ئۆسۈپ قالغۇدەك بولسا، بېشىڭ ئاپتاپ كۆرسۇن دەپ چاچنى چۈشۈرتكۈزىۋېتەتتى.
سەھرادىكى تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىگە چىققان شەھەرلىك ئاق-سېرىق، پاكىز ئەمما ئاجىز كۆرىنىدىغان بالىلار سەھرادىكى رەڭگى بۇغدايئۆڭ، قاراماتاق، ئۈستىباشلىرىدىن توپا ئۆرلەپ تۇرغان بالىلار بىلەن چىلىشقا چۈشكەندە يېڭىلىپ قالاتتى. مانا، ئاپتاپ كۆرگەننىڭ پايدىسى، دەپ قوياتتى چوڭلار. بىزنىڭ ئۆيدىكى مۈشۈكلەر ھويلىنىڭ قەيىرىگە ئاپتاپ چۈشسە شۇ يەرگە يۆتكىلىپ سوزۇلۇپ يېتىپ قۇياش نۇرىدىن ھوزۇرلىنىپ كېتەتتى. ئاپتاپنىڭ بەلەنلىكىنى مۇشۇ مۈشۈك جىنىدا بىلىدىكەن ھە، دەپ قوياتتى چوڭ ئانام.

cat1
فىرانسىيەدە ئوقۇپ كەلگەن بىرسىدىن فىرانسىيەدە يۈزىدە داغ-سەبگۈن بار كىشىلەرنىڭ ئاپتاپقا قاقلىنىشقا پۇرسىتى بار، ئىقتىسادىي شارائىتلىرى ياخشى ئاقسۆڭەكلەر، دۆلەتمەنلەر دەپ قارىلىدىغانلىقى، ئەكسىچە يۈز تېرىسى ئاقپۇسماق، سۈزۈك كىشىلەرنىڭ شارائىتى بىر قەدەر تۆۋەن كىشىلەر دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم.
قوياش نۇرى ھەر قانداق ئادەم ھەقسىز بەھرىمان بولسا بولىدىغان نىئمەت. قۇياش نۇرىدا ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر قۇۋۋەتلەرنىڭ سۈمۈرلىشىدە ھالقىلىق رول ئوينايدىغان ماددىلار بولغاندىن سىرت روھىمىزغا قۇۋۋەت بىرىدۇ. قۇياش ھاياتلىق ۋە ئىنىرگىيە مەنبەسىدۇر. قۇياش نۇرىنىڭ ئوبدانلىقىنى ئىت-مۈشۈك، گۈل-گىياھ، ئۆسۈملۈكلەرگىچە بىلگەن يەردە بىزلەر بەھرىلەنمىسەك قانداق بولىدۇ؟!!!
كىچىك بالىلار ئاپتاپتا ئويناپ بەرسە سۆڭەك-ئۇستىخانلىرىنىڭ بىجىرىم، پەي-مۇسكۇللىرىنىڭ چىڭ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق. بۇنىڭ پايدىسىنى ھەر قانداق ئوزۇق بىلەن سىلىشتۇرۇش ئىمكانسىزدۇر. شۇڭا بالىلارغا ئىمكان بار ئاپتاپتا ئوينايدىغان شارائىتلارنى ھازىرلاپ بىرىش كېرەك. پەقەت بولمىغاندىمۇ ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئىلىش كۈنلىرى يېزا-سەھرالارغا ياكى ئاپتاپ ئوبدان چۈشىدىغان باغچىلارغا ئىلىپ بىرىپ ئوينىتىش كېرەك. ياز كۈنلىرى قۇياش نۇرى بەك كۈچلۈك بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا كېيىملىرىنى سالدۇرۇپ يالاڭاچ ئاپتاپقا قاقلانسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بولسا شۇ بانادا سىزمۇ ئاپتاپقا قاقلىنىۋېلىڭ. بۇ خۇددىي ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى ساغلاملىقنى ئاسراش ئورۇنلىرىغا بىرىپ كۈتۈنگەندەك بىر ئىش. ئاپتاپقا قاقلىنىشنىڭ كۈتۈنۈش ئورۇنلىرىدىن ئەۋزەل تەرىپى بىكارلىق بولغانلىقىدۇر.
ئۇنىڭدىن باشقا قوياش نۇرىغا قاقلىنىپ ئويناپ بەرسە بالىلارنىڭ يېراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردە مۇنداق دېيىلىپتۇ:
ئاۋسترالىيەدە تاماملانغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە، بالىلارنى ھەر كۈنى ئىككى – ئۈچ سائەت ئاپتاپسىندۇرۇش ۋە سىرتتا ئوينىتىش بالىلاردا كۆرۈلىدىغان يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن.
سىنگاپوردىكى ئالتە ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ %30ىدە يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى بار ئىكەن. ئەمما بۇ نىسبەت ئاۋسترالىيەدە %1.3 ئىكەن. ئىككى دۆلەتتىكى بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش، تېلېۋىزور كۆرۈش ۋە يان تېلېفون ئويناشقا سەرپ قىلغان ۋاقتى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش ئىكەن، ئەمما سىرتتىكى ھەرىكەت ۋاقتىدا زور پەرق بار ئىكەن. بۇ تەتقىقاتقا مەسئۇل پىروفېسسورنىڭ كۆرسىتىشىچە: سىنگاپوردىكى بالىلارنىڭ كۈندە سىرتتا يۈرۈش ۋە قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يېرىم سائەتلا ئىكەن. ئەمما ئاۋسترالىيەدىكى بالىلارنىڭ كۈندىلىك سىرتتا ئويناش ۋە ئاپتاپتا يۈرۈش ۋاقتى ئىككى سائەت ئەتراپىدا ئىكەن.

balilar


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ