80خالتا پاراڭلىرى(7)

مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

غىزالىنىشتىكى ئىلمىيلىك تەن سالامەتلىكىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي ئۆگىنىش،خىزمەت، تۇرمۇش ۋە تىجارەت ، ئىش-ئوقەتلىرىمىزدىكى كەيپىيات، پوزىتسىيەلىرىمىزگىچە بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. بۇ يەردىكى ئىلمىيلىك ئۈچ ۋاخ تاماقنىڭ ۋاقتىدا بولىشى بىلەن بىرگە ھەر قېتىملىق داستخاندىكى ئوزۇقلۇق خۇرۇچلىرىنىڭ شۇ ۋاقىتقا نىسبەتەن مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىلىشى، ئوزۇقلۇق تۈرلىرىنىڭ كۆپ خىل بولىشى، تاماقلارنىڭ بەدەن مىزاجغا ماسلاشقان بولىشى شۇنداقلا پەسىل ۋە ھاۋا كىمىلاتىغا قاراپ تەڭشەلگەن بولىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئىلمى غىزالىنىشتا يەنە داستخاننىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى ۋە تەييارلانغان تاماق-غىزالارنىڭ سەنئەتلىك بولىشىنى، رەڭ، تەملىرىنىڭ ئۆز-ئارا ماسلاشقان بولىشىنىمۇ ئادەمنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىلمى تاماقلىنىش-ئوزۇقلىنىشنىڭ تەلەپلىرىدىن بىرى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
بىر مىللەت-قەۋمنىڭ تاماق مەدەنىيىتى ئۇزۇن يىللىق تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشتە ۋۇجۇتقا چىقىدىغان بولۇپ شۇ خەلق ياشىغان جۇغراپىيلىك كىلمات، ھاۋا شارائىتى، تۇپراق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ھوسۇل بىرىدىغان يېمەكلىك خۇرۇچلىرى، شۇ خىل شارائىتتا شەكىللەنگەن مىزاج ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئىستىتىك زوق، تەم سەزگۈلىرى، بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق ئىھتىياجلىرى دېگەندەك كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئۆزىگە مۇناسىپ تاماق تۈرلىرى ۋە تاماقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرىدۇ. بۇ ۋەجىدىن قۇرغاق، ئىسسىق تەكلىماكان بويلىرىدىكى ئادەملەرنىڭ تاماقلىنىش ئادىتى ۋە مىزاج ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن نەملىكى يۇقۇرى شىمالدىكى يۇرت كىشىلىرى ياكى دېڭىز بويلىرىدىكى خەلقلەرنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتى ۋە مىزاج ئالاھىدىلىكلىرىدە رۇشەن پەرقلەر بولىدۇ.

بۇ خىل پەرقلەرگە كۆرە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىش-پەرقلىق جۇغراپىيلىك شارائىتلاردا ياشىغۇچى خەلقلەرنىڭ مىزاجىغا مۇناسىپ ئوزۇقلۇق-يېمەك خۇرۇچلىرىنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدىن چىقىشىدۇر. قۇملۇق، چۆل جەزىرىلەردە ياشىغۇچى ئەرەبلەرگە جۇغراپىيلىك رايۇن خاسلىقى بار يېمەكلەردىن خورما، زەيتۇنلارنىڭ نېسىپ قىلىنىشى؛ دەريا، دېڭىز بويلىرىدا ياشايدىغان خەلقلەر ئۈچۈن ھەر خىل بېلىق ۋە باشقا سۇ جانلىقلىرى، گۈرۈچ دېگەندەكلەر ئوبدان ئوزۇق بولسا، تەكلىماكان بويلىرىدىكى بىزلەر ئۈچۈن ياڭاق، ئۈرۈك، گۈلە-قاق، بۇغداي، قوناق، توپا-چاڭلىق ھاۋا رايى كەلتۈرۈپ چىقرىدىغان ئۆپكە-نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا زۆرۈر بولغان چامغۇر، سەۋزە دېگەندەك كۆكتاتلار، پاقلان گۆشلىرى ۋە باشقا رايۇن خاسلىقىغا ئىگە يېمەكلىك، ئوزۇقلۇق خۇرۇچلىرى ئوبدان ئوزۇق بولالايدىكەن. مىسال ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتساق دېڭىز بويلىرىدا ياشىغۇچى خەلقلەرگە رىزق قىلىپ بىرىلگەن بېلىق ۋە بېلىق مېيىدا بار ئوزۇقلۇق ئىلمېنتلىرى ۋە ئۇنىڭ ساغلاملىقنى ئاسراشتىكى رولى بىلەن تەكلىماكان ئەتراپىدا ياشىغۇچى بىزلەر ئۈچۈن رىزق قىلىنغان ياڭاق ۋە ياڭاق مېيىنىڭ  رولىنى سىلىشتۇرۇپ كۆرسەك دېڭىزدىن يىراق بىزلەرگىمۇ ياراتقۇچىنىڭ قانچىلىك ئھىسان قىلغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. ياڭاق بىلەن بېلىقتىكى ئوزۇقلۇق ئىلىمېنتلىرىنىڭ سىلىشتۇرمىسىنى كىيىنكى تېمامدا تەييارلاپ يوللاپ قويىمەن.

خوش، دېمەكچىمەنكى ئۆزىمىز ياشىغان نەچچە مىڭ يىللىق ماكان ، شارائىت ئالاھىدىكىلىكىمىزگە ئاساسەن شەكىللەنگەن بەدەن مىزاجىمىزغا يەنىلا مۇشۇ تۇپراقلاردىن چىققان يېمەكلىك ۋە تاماقلىنىش ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن بولغان غىزالار ”ئىسسىق باسىدۇ“. چەتئەللەرگە ئوقۇش ياكى تىجارەت بىلەن چىققانلارنىڭ قارىشىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ تۈركچە تاماقلار، ياۋرۇپاچە سوغۇق، مايلىق تاماقلار شۇ يەردىكى كىشىلەر ئۈچۈن ”ئاچقان يېرىگە“ بارغان بىلەن بىزلەرگە ئىسسىق باسمايدىكەن.

نېمە ئۈچۈن قۇۋۋەت دېيىلسىلا گۆش يادىمىزغا كىلىدۇ؟

مەن ئۇچراتقان كۆپۈنچە كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىگە كۆرە ”قۇۋۋەت“ دېيىلسە ئەڭ باشتا يادىغا كىلىدىغىنى گۆش ئىكەن. بولۇپمۇ ياشلارنىڭ مۇزدەك رەڭلىك سانائەت ئىچىملىكلىرىنى ئىچىشىنى ياخشى كۆرۈشى، يېتەرلىك بەدەن چىنىقتۇرۇشنىڭ بولماسلىقى ۋە باشقا ھەر خىل ناتوغرا تۇرمۇش ئادەتلەرنىڭ تەسىرىدە بەدەن سوۋۇپ ئۆزىنى روھسىز، ماغدۇرسىز ھېس قىلىپ ئاجىزلاپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ زىيادە گۆشلۈك، مايلىك تاماقلار بىلەن بەدەن قۇۋۋەتلىمەكچى بولىدىكەن. ئەسلىدىنلا سوۋۇپ ئاجىزلاپ قالغان بەدەن بۇنداق يۇقۇرى ئىنىېرگىيەلىك قۇۋۋەتلەرنى پارچىلاپ سۈمۈرۈپ بولالماي ئاز كۈندىلا جىگەر ئەتراپىغا ماي توپلىشىپ، قورساق سىلىپ سېمىرىپ كېتىۋاتقان، قان قويۇلۇپ پۇت-قوللار ئېغىرلىشىپ، مېڭىنىڭ ئىنكاسى ئاستىلاپ زىھنى يوللىرى توسۇلۇپ قىلىۋاتقان ئەھۋاللارنى كۆپ ئۇچرىتىمەن.

قەشقەردە خەلق ئىچىدىن چىققان بىر تېۋىپ كىشى بار. ئالدىغا كىرگەن كىشىنىڭ 90% گە شۆۋگۈرۈچ ئىچىشنى بۇيرۇيدىكەن. شۆۋگۈرۈچنىڭ خۇرۇچلىرىنى ھەممىمىز ئاساسەن بىلىمىز، قارا ئۈرۈك، چىلان، يۇمغاقسۈت، تۇرۇپ دېگەندەك -ھەممىسى ھارارەت پەسەيتىپ، سوۋۇتىدىغان، قان -تومۇرلارنى، جىگەرنى ئاسرايدىغان خۇرۇچلار. مۇشۇ تاماق نۇرغۇن ئادملەرگە پايدا قىلىدىكەن. چۈنكى ھازىر كىشىلەرنىڭ تاماق ئىستىمالىدا مايلىق، قورۇما تاماقلار زىيادە بولۇپ قان تومۇر كېسەللىكلىرى، جېگەر ، ئۆت، تالنىڭ خىزمىتىدە مەسىلە ئېغىر بولماقتا. زىيادە ئىسسىق، كۆچلۈك تاماقلار بەدەنگە كىرگەندىن كىيىن يىتەرلىك ھەركەت بولماسلىق سەۋەبىدىن بەدەندە تولۇق پارچىلانماي جىگەر ۋە باشقا قان تومۇرلاردا توسۇلۇش يۈز بىرىپ بۆرەك، يۈرەك، مېڭە دېگەندەك رەئىس ئەزالاردا ئاجىزلاش كۆرۈلىدۇ. چۈنكى قان تومۇرلارنىڭ تارىيىشى بىلەن رەئىس ئەزالارنىڭ سۈمۈرۈش خىزمىتى ئاجىزلايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا شۆۋگۈرۈچ قاينىتىپ ئىچىش ئەلۋەتتە ئاجايىپ شىپالارنى بىرىدىكەن.

سىز ھېرىپ -چارچاپ كىرگەندە ئۆيدە سىزنى تەرلەتكۈدەك سۇيۇق -سەلەڭ تاماق ئىتىلگەن بولسا بۇ ئاش <<ھاردۇق ئىشى>> دىيىلىپ چارچىغان نېرىپلارغا ئارام بىرىدۇ. ھاردۇقنى ئالىدۇ.

پىژغىرىم ئىسسىقتا سىرتتا ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىسسىق زىيادە ھالسىرتىۋەتتى، بۇ ۋاقىتتا غورا، يۇمغاقسۈت دېگەندەك ئىسسىقنى ئالىدىغان سوغۇق تەبىئەتلىك خۇرۇچلارنى سىلىپ سۇيۇق ئاش ئىتىپ ئىچىپ ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىشنىڭ ئالدى ئىلىنىدۇ.

بەزى سوغۇق تەبىئەتلىك تاماق بولمىسىمۇ، ئېغزىغا تېتىغان بولسا، مىجەزىگە ياققان بولسا << بۇ تاماق ھەجەپ ئىسسىق باستى>> دەپ قويىمىز. بۇنى يەنە <<ئاچقان يېرىگە باردى>> دەپمۇ چۈشۈنىمىز.

خوتەندە تېۋىپتا شاگىرت بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە ياز كۈنلىرى ھەپتىدە بىرەر كۈن سەھراغا چىقىپ ئۇستامنىڭ ئېتىزلىقىدا ئىشلەپ قوياتتۇق. كەچتە ئۇستامنىڭ ئۆيىگە بارساق چامغۇر كۆكى، غورا دېگەنلەرنى سىلىپ سۇيۇق ئاش ئىتەتتى، تاماقتا تۇخۇم، گۆش دېگەندەك ئىسسىقلىق خۇرۇچلار پەقەتلا يوق. ۋاي ئاللا، بۇ تاماقنى ئىچىپ ئەتتىگەنلىككە شالىم قۇيۇلۇپ، بېشىم ئاغرىپ ئورنۇمدىن قانداقمۇ تۇرالامەن دەپ ئەندىشە قىلىپ تۇرۇپ بىسمىللا بىلەن ئىككى چىنە ئىچىۋىتىدىغان گەپ. لىكىن ئەتتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرغاندا شۇنداق بىر يەڭگىللىك ھېس قىلاتتىم. سۇيۇق ئاش سوغۇق كىلىپ شالىم قۇيۇلۇپ قالىدىغان ئىش بولمايتتى. مانا بۇ تاماق ئىسسىق بېسىپ مىجەزگە ياققان ئىدى.

بۇ قىسىمدىكى پاراڭلىرىمىزدا ئوتتۇرغا قويۇلغان مەسىلىلەر مەخسۇس تەتقىقات تۈرى قىلىنىپ ئىنچىكىلەپ ئىزدىنىشقا تېگىشلىك تېمىلار بولغاچقا بۇنداق بىر-ئىككى ئېغىز پاراڭلار بىلەن چۇڭقۇرلاپ كىرىپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ كاللىمىزدىن ئۆتكەن پىكىرلەرنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بىردەم پاراڭ سىلىپ بەرگەن بولدۇم. 80خالتا پاراڭلىرى بۈگۈن مۇشۇنچىلىك بۇلۇپ تۇرسۇن. ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ ئىلمى غىزالىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈپ ساغلام ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە ھەممىمىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن! تورداشلىرىمغا رەھمەت!

——————————————

ئادرىسىمىز: قەشقەر شەھەر ھېيتگاھ جامەنىڭ نور بېشى تەرەپ يان ئىشىكى ئۇدۇلى. نوربېشى ئاشخانىسىنىڭ ئۈستى 2-قەۋەتتىكى بىرزات 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت چاي، ھەسەل دۇكىنى
تېلفۇن: 0998-2820877
13565662787

تور بېتىمىز: www.80halta.com


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...