قەھۋە دەملەش ھەققىدە پاراڭلار

قەھۋە ياخشى ئايالغا ئوخشايدۇ، دەسلەپتە بەلكىم ئانچە تېتىماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانچە ئۇنىڭغا باغلىنىپ قېلىۋاتقىنىڭىزنى، ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىپ قالىسىز.
- تورداشلار ھېكمەتلىرىدىن
يانا دېسەم يانا شۇ-كەيىپ قىلىدىغان، تۇيغۇلىرىمىزنى ئوينىتىپ ئاسماندا ئۇچۇرىدىغان ئىچىملىك، چېكىملىك، ناركوتىكلارغا ھەۋىسىمىز بولمىغاندىكىن ھاياتتىن زوقلىنىش ئۈچۈن ، چارچىغان، زېرىككەن تۇيغۇ-نېرۋىلىرىمىزغا تەسەللىي بولسۇن ئۈچۈن چاي، قەھۋەلەر بىلەن بەكرەك ھەپىلىشىپ قالىدىكەنمىز.
ئەمدى گەپ نېمە دېگەندە – ھەر خىل قەھۋەلەرنىڭ دەملىنىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان ئىسىملاردا ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. يەنە قەھۋە پۇرچىقىنىڭ سۈپىتى، تەييارلىنىشىغا قاراپ دەرىجىلىرىنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلىدىكەنمەن. ئەمما مەن ئىزچىل پەرق قىلالمايۋاتقىنىم ‹‹ئىسپرەسسو››، ‹‹موكا››، ‹‹ئامىرىكا قەھۋەسى››، ‹‹كاپىچىنو›› دېگەندەك ناملارنىڭ زادى قەھۋە پۇرچىقىنىڭ تەييارلىنىشىقا قاراپ ئېيتىلامدۇ ياكى قەھۋەنىڭ دەملىنىش ئۇسۇلىدىكى پەرققە قاراپ ئاتىلامدۇ دېگەنلەر كاللامدا ئېنىق ئەمەس ئىدى. خوش، ئۇنداق مەن ھازىر قەھۋەنى قانداق دەملەپ ئىچىۋاتىمەن؟
دەسلەپتە قەھۋە دەملەشكە ئىشلەتكەن ئۈسكۈنەم ماۋۇ:

TB28Eh.aFXXXXXVXpXXXXXXXXXX_!!1799128907
بۇ ئۈسكۈنىنىڭ پۇلىسى ئەرزان، ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن. پەقەت قەھۋە دەملەپ باقمىغان ئادەمگە بىر قېتىملا دەپ بەرسەك دەملىيەلەيدىغاندەك تۇرىدۇ. بۇ ئۈسكۈنىنى دەسلەپتا ئىشلەتكەندە قەھۋەنى بەك ئېسىل دەملىۋەتكەندەك تۇيۇلدى. قەھۋەنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بەك بىلىپ كەتمىگەندىكىن قوشنىلىرىممۇ ماختاپ قويۇپ ئىچىشىپ بەردى.
كېيىن سۈتلۈك قەھۋە دەملىسەك بولىتتى دەپ ماۋۇ ئۈسكۈنىنى ئالدىم:
TB24_e4eVXXXXb0XXXXXXXXXXXX_!!1689954973
بۇنىڭدا ‹‹كاپچىنو›› دەملەيمىز دەپ سۈت ئەكىلىپ قىزدۇرۇپ دەملەپ بېقىپ قاملاشتۇرۇپ بولالماي بىر مەزگىل تاشلاپ قويدۇم. كىيىن توردا ئىزدەپ يۈرۈپ كۆرۈپ باقسام سۈتنى سېمىرتىدىغانغا يەنە بىر خىل ئۈسكۈنە كېتىدىكەن. ئاندىن سۈتنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى بولىشى كېرەك ئىكەن. بۇ شەرتلەرنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن دەملەنگەن قەھۋە قاملاشتى. ئۆزۈمچە كاپىچىنۇ دەملىيەلىگەن بولدۇم.
مەن بۇ ئۈسكىنىنى ئىشلىتىش جەريانىدا بۇنىڭ قەھۋەنىڭ مايلىرىنى ناھايىتى ياخشى ئىرىتەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئادەتتىكى قەھۋەنى دەملەشتىمۇ مۇشۇنى ئىشلەتتىم. ئاۋۋال قەھۋەنى ئېرىتىپ چىقىرىۋالىمەن. ئاندىن قوشۇمچە خۇرۇچلارنى قوشۇپ تەڭشەپ ئىچىپ يۈرۈپ كۆنۈپ قالدىم.
قەھۋە دەملەشتە ئىشلەتكەن يەنە بىر ئۈسكۈنە:
TB2F3fQXVXXXXXaXpXXXXXXXXXX-368868928
بۇمۇ ئاددىي، پۇلىسى ئەرزان بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقى بولغاندىن سىرت توك بولمىغان شارائىتتىمۇ ھەر خىل گاز ئوچاق، مەش دېگەندەكلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇپلا قىزدۇرۇپ دەملەپ ئىچكىلى بولىدىكەن.
شۇنداق قىلىپ بىر ياقتىن ئۈگەنگەچ ، بىر ياقتىن دەملەپ ئىچىپ ، خىرىدارلارغا دەملەپ بىرىپ، خوشى تۇتقانلارغا سىتىپ قويغاچ دېگەندەك كېتىۋاتىمىز.
مەن دەملەپ ئىچىپ قويىۋاتقان قەھۋەلەرنىڭ ماركىلىرى ئاساسلىقى:
كۆكتاغ، ئىللىي، لاۋازا دېگەندەكلەر بولۇپ ئېللىي بىلەن لاۋازا مەن ئىچكەن باشقا قەھۋەلەردىن ئېسىلدەك بىلىندى. تۈرك قەھۋەسى دەملەپ بېقىش ئۈچۈن ئۈلكەرنىڭ تەييار قەھۋە تالقىنىنى ئەكىرىپ دەملەپ باقسام قويۇق لاي سۇدەكلا بىر نېمە بولدى. ئىچكىم كەلمىدى.
قەھۋەخۇمار تورداشلارنىڭ ئانچە-مۇنچە تەجىربىلىرىنى ئاڭلىغاچ ھۈنەر ئۈگۈنۈپ قالساق ئەجەپ ئەمەس دەپ ئۆزۈم بىلگەننى بىرەر قۇردىن دەپ باقتىم.
سىلەر قەھۋەنى قانداق دەملەپ ئىچىسىلەر؟ قەھۋە دەملەشتە قانداق ماركىدىكى قايسى خىل ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىۋاتىسىلەر؟
—————– مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ