تۈرك تائاملىرىدىن – بېلىق شورپىسى (چوربىسى) تەييارلاش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 80خالتا بلوگىنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرى. گۈزەل خانىملار. ئاڭلىسام بەزى ئاياللار تاماق ئېتىشنى مۇھەببەتنى ئىپادىلەشنىڭ بىر خىل ۋاستىسى دەپ قاراپ يولدىشىغا ئۆزگىچە, يېڭىچە تائاملارنى ئىخلاس بىلەن ئىتىپ بىرىدۇ، دەيدۇ. 007 سىزمۇ ئانچە-مۇنچە يېڭىلىق تائاملارنى ئېتىشنى ئۈگۈنۈپ قويۇڭ! بۈگۈن يەنە تۈركچە تائاملاردىن بېلىق چوربىسىنى ئېتىشنى تونۇشتۇرىمەن.
644276_620x413
كېتەرلىك خۇرۇچلار:
بېلىق ……. بىر دانە (تەخمىنەن بىر كىلوگىرام ئەتراپىدا)
پىياز …….. بىر باش
يۇمغاقسۈت … بىر باغلام
كەرەپشە ….. بىر كىچىك باغلام
سۇ ……… 12 بارداق (تۈركچە چاي ئىستاكانى – ئىككى چوڭ چىنە سۇ)
تۇخۇم…. ئىككى دانە
سەۋزە…. تۆت دانە
قارىمۇچ
تۇز
شوخلا … تۆت تال
گۈرۈچ … بىر پىيالە
لىمون سۈيى … يىرىم بارداق
تەييارلاش ئۇسۇلى:
بېلىقنى پاكىز تازىلاپ توغراپ، تېگى تۈز كەلگەن قازانغا سىلىپ سۇ قۇيۇپ ، پىياز، تۇز سىلىپ ئوتتۇرھال پىشقۇچە قاينىتىپ بېلىقنى سۈزۈپ ئىلىۋەتىمىز. ئاندىن توغرالغان سەۋزە، كەرەپشە، شوخلا ۋە گۈرۈچلەرنى قازانغا سىلىپ پۇشۇرىمىز. بۇ ئارىدا بېلىقنىڭ قىلتىرقىنى ئىلىۋېتىمىز. ئاندىن قازاندىكى كۆكتات ۋە گۈرۈچلەر ئېزىلىپ كېتىشتىن بۇرۇن سۈزۈپ ئىلىۋېلىپ بېلىقنى قايتىدىن شورپىغا سىلىپ بەش مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىمىز. بېلىق تولۇق پىشقىچە بىر چىنىگە لېمون سۈيى بىلەن تۇخۇمنى سىلىپ ئارىلاشتۇرۇپ كۆپتۈرۈپ ئۈستىگە قايناۋاتقان شورپىدىن بىر قانچە قوشۇق قۇيۇپ قاچىنى تولدۇرۇپ قويىمىز. ئاندىن سۈزۈپ قويغان كۆكتاتلارنى ۋە گۈرۈچنى قايتىدىن قازانغا سىلىپ ئارقىسىدىن كۆپتۈرۈپ قويغان لىمون ۋە تۇخۇمنى قازانغا تۆكۈپ، يۇمغاقسۈتنى سىلىپ تېز-تېز ئارىلاشتۇرۇپ ئوتنى ئۆچۈرىمىز. قاچىلارغا ئۇسسۇپ قارىمۇچ سېپىپ داستخانغا قويساق بولىدۇ.
تەييارلاپ يوللىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

http://hunerlibayanlar.blogspot.com


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ