كېرەكلىك خۇرۇچلار:
4 تال ئۇزۇنچاق چوڭ پىدىگەن (چەيزە)
2 باش پىياز
2 چىش سامساق
2 تال شوخلا
2 تال كىچىك كۆكمۇچ
4-5 تال يۇمغاقسۈت
2-3 چاي ئىستاكانى (تۈركچە) زەيتۇن يېغى
1 تال چاقماق قەنت
1 چاي قوشۇقى تۇز
ھازىرلاش ئۇسۇلى:
1. پىدىگەنلەرنى ئالا- بالداق ئاقلاپ، تۇزلۇق سۇدا 30 مىنۇت قويۇپ ئاچچىقىنى ئالىمىز. ئاندىن ئاشخانا لۆڭگىسىدە قۇرۇتۇپ، قىزىغان مايدا قىزارتىپ سۈزىۋالىمىز.
2. بىر تاۋىدا چاسا توغرالغان سامساق، پىياز، كۆكمۇچنى ئازلا زەيتۇن يېغىدا قورۇيمىز. ئاندىن چاسا توغرالغان شوخلا، تۇز ۋە چاقماق قەنتنى ئارىلاشتۇرۇپ سۈيى تارتىلغانغا قەدەر پىشۇرىمىز. ئوچاقتىن چۈشۈرگەندە ئىنچىكە توغرالغان يۇمغاقسۈتنى قوشۇپ، تەييارلىۋالغان پىدىگەننىڭ ئوتتۇرىسىنى قوشۇق بىلەن يېرىپ سالىمىز.
3. دۇخاپكىنىڭ لىسىگە سېلىپ تاۋىدا ئېشىپ قالغان ئارىلاشمىغا 1 چاي ئىستاكانى سۇ قۇيۇپ پىدىگەنلەرنىڭ ئۈستىگە تۆكىمىز، ئاندىن 180 گىرادۇس قىزدۇرۇلغان دوخوپكىدا 15 مىنۇت پىشۇرىمىز.
http://www.misssgibi.com/imam-bayildi-tarifi دىن دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم تەرجىمىسى.