ئەنئەنىۋى ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى

90fba60916020f407f2307

ئەجدادلىرىمىز خېلى بۇرۇنلا چامغۇرنى شورپىغا سالسا بولىدىغانلىقىنى، قورۇمىلارغا ئىشلەتسە تەمىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. چامغۇردا سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار كۆپرەك بولۇپ، بۇنداق تەركىبلەر ياغدا ئېرىمەيدۇ. سەۋزىنى قورۇغاندىكى تەم ئۇنى شورپىغا سالغاندىكى تەمدىن ياخشى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەركىبىدە ياغدا ئېرىيىدىغان ۋىتامىنلار كۆپ. بۇ ئەينى ۋاقىتتا ئىلىمىي ئۇزۇقلىنىش ئۇسۇللىرى ئىچىدىكى مۇھىم بايقاش ئىدى. ئەجدادلىرىمىز پىياز، يۇمغاقسۇت، سامساق، پىننە، زەنجىۋىل، زىرە، توغرىغا، كاۋاۋىچىن، قارىمۇچ قاتارلىق دورا -دەرمەكلەر ۋە كۆكتاتلار بىلەنمۇ يېمەكلىكنىڭ تەمىنى تەڭشەشتىن سىرت، يەنە ھەر خىل مېۋىلەرنىڭ قاقلىرىنى ئۇماچ، سۇيۇقئاشلارغا سېلىپ ، تاماقنىڭ تەمىنى ياخشىلىغان ھەم تەبىئىتىنى تەڭشىگەن.
________________________________________

ھەر خىل ئېچىتىش تېخنىكىسى، پۇراقلىق ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىش، شېكەر ئېلىش( ئەڭ ئىپتىدائى بولغىنى يانتاق شېكىرى ۋە ئارپا شېكىرى ئېلىش)، ھەسەلدىن پايدىلىنىش، سۈتتىن ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى ئىشلەش، ئۈزۈم سىركىسى، قىزىلگۈل قىيامى، ئانارگۈل قىيامى، پىننە قىيامى، بوزا، قىمىز، قارىئۆرۈك قىيامى قاتارلىقلارنى ياساش تېخنىكىسىنىڭ تارىخى خېلى ئۇزاق. بۇلار ئەجدادلىرىمىز كەشىپ قىلغان ئەنئەنىۋى يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك تۈرلىرى ھېساپلىنىدۇ.
ئەجدادلىرىمىز مىلادىدىن خېلى بۇرۇنلا ئۈزۈمدىن ئۈزۈم سىركىسى، غورىدىن غورا سىركىسى ياساش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلغان. دورىگەرلىك ساھەسىدە ئۈزۈمدىن ئۈزۈم شارابى ياسىغان. سىركە ۋە ئىچىملىكلەرنىڭ تەمىنى تەڭشەش ئۈچۈن، ئۇلارغا ھەسەل، تەرەنجىۋىل(يانتاق شېكىرى)قوشۇپ، سىركىنىڭ قىرتاق ۋە چۈچۈمەل تەمىنى تەڭشەپ، ئۇنى سىركەنجىۋىل ( شېكەر قوشۇلغان سىركە) گە ئايلاندۇرغان. ئوزۇقلىنىشنىڭ بۇنداق تۈرلىرىدە يېمەكلىكنىڭ تەمىنى تەڭشەشنىڭ ئۆزىلا يېمەكلىكنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنى كۈچەيتىدىغان بىر خىمىيىلىك تېخنىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئەجدادلىرىمىز ياشىغان شارائىتىغا قاراپ ئوزۇقلۇق تۈرلىرىنى سەرخىللاشتۇرغان. ئۇماچ، سۇيۇقئاش، تېرىق ئۇمىچى، گۈرۈچ تائاملىرى، كۆكتاتلاردىن چامغۇر، كاۋا، سەۋزە قاتارلىقلار دېھقانچىلىق رايونلىرىدا ياشايدىغانلارنىڭ ئاساسىي ئوزۇقلۇقى بولسا، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ياشىغانلار گۆش، سۈت، قېتىق، پىشلاق ۋە ئۇچار -قانات گۆشلىرىنى ئاساسىي ئوزۇقلۇق قىلغان.
ئەينى ۋاقىتتلاردا سۈتتىن خام قايماق ئېلىش، سۈتنى قاينىتىپ پىششىق قايماق ئېلىش، قېتىق ئۇيۇتۇش، قېتىقتىن سۈزمە، ئىرىمچىك، قۇرت ئىشلەش، تېرىقتىن بوزا ئىشلەش، تۆگە، ئات سۈتلىرىدىن قىمىز ئىشلەش، ھەر خىل ياغلىق دانلارنى ئېلىش، ئاشتۇزى بىلەن چىگىت يېغىنى چۈچۈتۈپ، چىگىت يېغى تەركىبىدىكى چېگىت فىنولىنى چۆكمىگە ئايلاندۇرۇپ، چېگىت يېغىنى زەھەرسىزلەندۈرۈش، زىغىر، قىچا، زاغۇن ياغلىرىنى پىياز ئارقىلىق داغلاپ، ئۇنىڭدىكى زىيانلىق تەركىبلەرنى پارلاندۇرۇپ چىقىرىۋېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار يېمەكلىك سانائىتىنىڭ ئاساسىي ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، لاي سۇغا زەمچە ياكى قۇم -شېغىل سېلىپ، سۇدىكى لەيلىملەرنى چۆكمىگە ئايلاندۇرۇش بىلەن سۇنى مىكرۇبسىزلاندۇرۇش، خېمىرغا خېمىرتۇرۇچ ياكى توغرىغا قوشۇش ئارقىلىق يېمەكلىكنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاپ، يەنى يېمەكلىكنىڭ نەملىك ساقلاش ئىقتىدارى، يۇمشاقلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكىنى ئاشۇرۇپ ئۆپكە -ھىسىپ، قۇيماقلارغا ھەر خىل خۇرۇچ ۋە زەمچە قوشۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاپ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ئاشۇرغان.
ئەجدادلىرىمىز خېلى بۇرۇنلا چامغۇرنى شورپىغا سالسا بولىدىغانلىقىنى، قورۇمىلارغا ئىشلەتسە، تەمىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. چامغۇردا سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار كۆپرەك بولۇپ، بۇنداق تەركىبلەر ياغدا ئېرىمەيدۇ. سەۋزىنى قورۇغاندىكى تەم ئۇنى شورپىغا سالغاندىكى تەمدىن ياخشى بولىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە ياغدا ئېرىيىدىغان ۋىتامىنلار كۆپ. بۇ ئەينى ۋاقىتتا ئىلىمىي ئۇزۇقلىنىش ئۇسۇللىرى ئىچىدىكى مۇھىم بايقاش ئىدى. ئەجدادلىرىمىز پىياز، يۇمغاقسۇت، سامساق، پىننە، زەنجىۋىل، زىرە، توغرىغا، كاۋاۋىچىن، قارىمۇچ قاتارلىق دورا -دەرمەكلەر ۋە كۆكتاتلار بىلەنمۇ يېمەكلىكنىڭ تەمىنى تەڭشەشتىن سىرت، يەنە ھەر خىل مېۋىلەرنىڭ قاقلىرىنى ئۇماچ، سۇيۇقئاشلارغا سېلىپ ، تاماقنىڭ تەمىنى ياخشىلىغان ھەم تەبىئىتىنى تەڭشىگەن.

08-123773948
‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى›› ئەجدادلىرىمىز ئوتتۇرا ئەسىر ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىستېمال قىلغان تاماق تۈرلىرى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىدىغان بىردىنبىر مەنبە. ئۇنىڭدا 80 نەچچە خىل تاماق تۈرى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۇنداق تاماقلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئۇن، گۆش، سۈتتىن تەييارلىندىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلگەن.
ئۇنداقتا بۇنداق ئەنئەنىۋى ئۇزۇقلىنىشنىڭ ئاساسىي نېمە؟ بۇنداق ئۇزۇقلىنىشنىڭ ئەنئەنىسى ‹‹ سۇ، ھاۋا، ئوت، تۇپراق ›› تىن ئىبارەت تۆت تادۇ چۈشەنچىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيان يېمەكلىكلەرنى مۇنداق ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىغان:
(1) تەبئىتى ئىسسىق يېمەكلىكەرنى تەڭشەپ ئىستېمال قىلغان. ئۇنىڭ ھازىرقى مەنبەسى: ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر، يەنى تەركىبىدە ناترىي، كالىي، كالتىسي، ماگنىي قاتارلىق ئېلېمېنتلار كۆپرەك يېمەكلىكلەر بولۇپ، بۇنداق يېمەكلىكلەر تەركىبىدە ئورگانىك ئىشقارلارمۇ مول. ئەجدادلىرىمىز ئىسسىق تاماقنى قوقاق بولىدۇ دەپ قاراپ، ئۇنى ئىستېمال قىلغاندا تەڭشەپ ئۇزۇقلنىشنى ئۇنتۇمىغان.
(2) بارلىق مېۋە ( كۆكتات)لارنى سوغۇق ياكى سوغۇق يەل، دەپ قارىغان. مەسىلەن:شاپتۇل، يۇمغاقسۈت، پىياز، ئۈزۈم قاتارلىقلار. ئەجدادلىرىمىز ئۈزۈم بىلەن شورپىنى ھەرگىز بىللە ئىستېمال قىلمىغان. شويلىنى ساقلاپ يېيىشكە بولمايدۇ، توخۇمنى قورۇسا قۇقاق بولىدۇ دەپ قاراپ، يېمەكلىكلەرنى سۇدا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىشتەك ئەنئەنىسىنى ياراتقان. شۇنداقلا مىجەزىگە خىل كېلىدىغان ئۇزۇقلىنىش ئۇسۇلىنى تاللىغان. مەسىلەن: ئۇماچ، سويۇقئاش، نان، گۆش، سۈت، كاۋا، چامغۇر، سەۋزە، پىياز، سامساق، قوغۇن-تاۋۇز ، تەرخەرمەك قاتارلىقلارنى دائىم ئىستېمال قىلغان. كاۋىنى 1-ئايدىن كېيىن ۋاقتى ئۆتتى،دەپ قاراپ ئىستېمال قىلمىغان.
ئەجدادلىرىمىز ئانار شەربىتىگە لىمۇن، بىيە ۋە ئەنجۈر قىياملىرىغا شېكەر ياكى ھەسەل قوشۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەمىنى تەڭشەپ، ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ئاشۇرغان ھەم قىياملارنىڭ ساقلىنىش ۋاقتىنى ئۇزارتقان. ئەجدادلىرىمىز گۆشنى تۇزلاپ ساقلاش ۋە گەمىلەردە سوغۇق ساقلاش، توڭ شاپتۇلنى بۇغدايغا كۆمۈپ پىشۇرۇش، نەشپۈتنى قۇمدا ساقلاش، ئەنجۈر قېقىنى شېكەرگە مىلەپ قۇرۇتۇش، ئۈزۈمنى ئېسىپ قۇرۇتۇشقا ئوخشاش ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ، يېمەكلىكلەرنى ساقلاپ ئىستېمال قىلىشنىڭ بەلگىلىك ئىلمىي ئاساسىنى ياراتقان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىستېمال مۇھىتىمىزدا ئۆزگىرىش بولۇپ، يامان خاراكتىرلىك كېسەللەر كۆپەيمەكتە. زىيادە ئاچچىق قۇرۇمىلار، ئۇلارغا قوشۇلىدىغان ھەرخىل خۇرۇچلار، ئۆلچەمسىز ئىچىملىكلەر، ھەددىن ئارتۇق ئىشلىتلىگەن قارىمۇچ، كاۋاۋىچىن قاتارلىقلار نۇرغۇن كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولماقتا. بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ‹‹ كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ›› دېگەن سۆزىنىڭ ئىسپاتىدۇر. شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەڭشەپ ئۇزۇقلىنىش ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىلمىي ئۇزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بىرىش ھەر بىرىمىزنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك زور ئىش.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...