سوغۇق ھاۋا قان بېسىمنى ئۆرلىتىدۇ

yurek

ئادەتتىكى ئەھۋالدا قان بېسىمى قىش پەسلىدە ياز پەسلىدىكىدىن يۇقۇرى بولىدۇ. بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب، سوغۇق ھاۋادا قان تومۇر تارىيىپ بەدەن تېمپېراتۇرسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ساقلىنىدۇ. يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش نىسبىتىمۇ قىش پەسلىدە يۇقۇرى بولىدۇ. قان بېسىمى يۇقۇرى ئادەملەر تېمپېراتۇرىنىڭ جىددىي ئۆزگىرىشىگە بەكرەك دىققەت قىلىشى كېرەك.
قان بېسىمى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ.
قان بېسىمى بىر كۈن ئىچىدە ئۆزگىرىپلا قالماي، يەنە پەسىل سەۋەبىدىنمۇ پەرقلىق بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھەر قانداق ئادەمنىڭ قان بېسىمى ياز پەسلىدە تۆۋەنرەك، قىش پەسلىگە بارغاندا سوغۇقنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئۆرلەيدۇ.
ھاۋا تېمپېراتۇرسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغاندا، بەدەندىكى ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قان تومۇر قىسقىريدۇ. سوغۇق بولغاندا بىز تۈگۈلىۋالىمىز، سىمپاتىك نېرۋا جىددىيلەشكەن ھالدا تۆۋەن تېمپېراتۇرغا تاقابىل تۇرىدۇ. دېمەك، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە ئىنكاس پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ، سوغۇق بولغاندا تەسلەشمۇ تىزگىنلىنىدۇ ۋە بەدەندىكى تۇز(ناترىي)نىڭ چىقىرۋېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ، بۇمۇ قان بېسىمنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبكە ئايلىنىدۇ.
سوغۇق بولغاندا ھەممە ئادەمنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ. يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك، قىش كۈنلىرى تالاغا چىقىدىغان چاغدا قىلىنراق كىيىنىپ سوغۇقتىن ساقلىنىشى كېرەك.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...