ئەرلەردىكى نۇرمالسىز دەپ قارىلىدىغان نۇرمال ئەھۋاللار

جىنسىيەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبلىك نۇرغۇن كىشىلەردە ئادەتتە نۇرمال بولغان ئەھۋاللارنىمۇ نۇرمالسىز دەپ قارايدىغان، ھەتتا ئۆزىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىدىن گۇمان قىلىپ دائىم تەشۋىشتە يۈرۈيدىغان ئەھۋاللار ئېغىر بولماقتا. جىنسىي تۇرمۇش كەيپىياتنىڭ ساز بولۇشى بىلەن ئۆزىنى ئۇنتىغان ھالدا مەستخۇشلۇق ئىچىدە ئىلىپ بىرىلىدىغان تەبئىي جەريان بولغاچقا يۇقۇردىكىدەك ئۆزىدىكى بەزى ئەھۋاللارنى نۇرمالسىز دەپ قارايدىغان ئەندىشە كاللىسىغا ئورناپ قالغان كىشىلەرنىڭ بەدىنى ساغلام، جىنسىي ئىقتىدارى نۇرمال بولسىمۇ نېرۋىسىغا تەسىر قىلىپ بېكىپ كەتكەن تەشۋىش سەۋەبلىك راستىنلا جىنسىي تۇرمۇشتا مەغلۇپ بولىشى ياكى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قىلىشى مومكىن. بۇ ئەھۋال تەجىربىسىزرەك دوختۇر-تېۋىپلارغا كۆرۈنۈپ جىنسىي ئاجىزلىقى، مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، شەھۋىتى كۈچلك ئاچكۆزرەك ئايال زاتى تەرىپىدىن كەمسىتىلىش نەزىرىدە قارالغان مۇشۇ خىلدىكى ئەرلەرنىڭ ئەسلىدىكى گۇمانى تېخىمۇ كۈچىيىپ جىسمانىيتى، جىنسىي ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى نۇرمال بولسىمۇ نېرۋا خاراكتېرلىك جىنسىي ئاجىزلىققا دۇچار بولىشى مومكىن. 80خالتا بلوگىغا تورداشلارنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى سۇئاللىرى كۆپ يوللىنىپ بۇ مەسىلىلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلدۇرغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ تېما تەييارلاندى. تۆۋەندە مەن سۇئالىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، تورداشلار يازغان خېتىدە نۇرمالسىز دەپ ئەندىشە ئىچىدە تىلغا ئالغان، ئەمەلىيەتتە نۇرمال بولغان ئەھۋاللار تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ.

 1.شەھۋىتى قوزغالغاندا ئەرلىك ئەزا ئۇچىدىن مەزى سۇيۇقلىقى كىلىشنى كېسەللىك دەپ قاراش -ئادەتتە شەھۋەتنى قوزغاشقا سەۋەب بولىدىغان ھەركەت، كۆرۈنۈش، جۆرىسى بىلەن ئوينىشىش، قۇچاقلىشىش دېگەندەك ئەھۋالدا ئەرلىك ئەزا ئۇچىدىن ئازغىنە سۇيۇقلۇق ئاجرىلىپ چىقىشى مومكىن. بۇ ئەھۋالدا بەزى ئەرلەردە  ئۆزىدە چاتاق چىققاندەك ھېس قىلىپ كۆڭۈل غەشلىكى ئىچىدە شەھۋەت سۇسلايدۇ ، دە- جىنسىي ئەزاسى بوشۇشۇپ نۇرمال جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزەلمەي قالىدۇ.  ئەمەلىيەتتە شەھۋەت قوزغالغاندا يىنىك دەرىجىدە سۇيۇقلۇق ئاجرىلىپ چىقىش نۇرمال ئەھۋال بولۇپ بۇ جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىغانلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەس.

مىسال: 20 ياشلاردىكى بىر ياش ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ چەتئەلنىڭ مۇھەببەت ۋەقەلىكى تەسۋىرلەنگەن بىر كىنونى كۆرىۋېتىپ ئارىلىقتا جىنسىي تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلەر چىققاندا ئەرلىك ئۇچىدىن يېنىك سۇيۇقلۇق ئاجىرلىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىدە كېسەللىك بار ئىكەن دېگەن ئەندىشە بىلەن تېۋىپقا بىرىپ ئۆزىدە ئاسانلا مەنىي ئىقىپ كېتىدىغانلىقىنى، جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېيتىپ دورا تەييارلاپ بىرىشنى ئېيتىدۇ. تېۋىپ ئەتراپلىق پاراڭلىشىش، مىزاجىنى كۆرۈش جەريانىدا مەسىلىنىڭ ئۇ ياش ئېيتقاندەك ئەمەسلىكىنى بايقاپ ئۇنىڭغا مەزى سۇيۇقلۇقى بىلەن مەنىينىڭ ئوخشىمىغان ئىككى گەپ ئىكەنلىكىنى، ئادەتتە ئەرلەردە شەھۋەت قوزغانلغاندا ئەرلىك ئەزا ئۇچىنىڭ نەملىشىپ قىلىشىنىڭ نۇرمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، بۇنداق ئۆزىگە پىسخىك بېسىم پەيدا قىلىپ ئازابلىنىپ يۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن شەھۋەتنى قوزغايدىغان، سېرىق كىنو-رەسىم دېگەندەكلەرنى تولا كۆرمەسلىكنى ئېيتىپ ھېچقانداق دورا قىلماي مەسىلىنى ھەل قىلىپ ھىلىقى ياشنى يولغا ساپتۇ.

2.ئەرلىك ئەزانى كىچىك دەپ قاراش – بىلىشىمچە بۇ خىل ئەندىشە ئوپچە مۇنچىغا چۈشۈش، ئامېرىكلىقلار ئىشلىگەن سېرىق كىنولارنى كۆرۈش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئەرلىك ئەزاسى بىلەن ئۆزىنىڭنىكىنى سىلىشتۇرۇشتىن پەيدا بولىدىكەن. بەزىلەر ھەتتا ئوپچە مۇنچىغا چۈشۈپ ئۆزىنىڭكىنى كىچىك ھېسابلاپ ئىككىنجى قېتىم باشقىلار بىلەن ئوپچە مۇنچىغا بىللە چۈشۈشتىن نۇمۇس قىلغانلىقىنى بايان قىلىشىدۇ. مانا بۇ ئەھۋال ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ بىر-بىرنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا قارىماسلىق، بىر يوتقاندا ياتماسلىق دېگەن ئۇلۇقلار سۆزىگە ئەمەل قىلمىغاندا كىلىپ چىقىدىغان ئۆزىدىن گۇمان قىلىش، ئۆزىنى كەمسىتىش دېگەندەك بىھۇدە ئىچ-پۇشۇقى ۋە باشقا پىسخىك بىنۇرماللىقلار بولسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە، زەكەرنىڭ ئۇزۇن -قىسقا، چوڭ -كىچىك بولىشى بىلەن جىنسىي تۇرمۇشنىڭ كۆڭۈللۈك بولىشى ئوتتۇرسىدا ئالاھىدە مۇناسىۋەت يوق دىيەرلىك. چۈنكى ئاياللارنىڭ جىنسىي سەزگۈر رايۇنى دىلچىق ۋە چوڭ-كىچىك جىنسىي لەۋلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىرىدە بولىدۇ. چەتئەللىك مەخسۇس تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتىغا كۆرە ئاياللارنىڭ جىنسىي ھوزۇرنى ھېس قىلىش، غىدىقلىنىش چۇڭقۇرلىقى 3cm دىن  5cm غىچە بولۇپ ئۇنىڭدىن ئىچكىرسىنىڭ سەزگۈرلىكى ئاساسەن بولمايدىكەن. شۇڭا زەكىرى كىچىك كىشىلەر جىنسىي تۇرمۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ ئايالىنى  ھوزۇرلاندۇرالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىشنىڭ پەقەتلا ئورنى يوق.

تېمىنىڭ داۋامىنى تۆۋەندىكى تۈرلەر ئارقىلىق جانلىق بايان قىلىمىز، نەزىرىڭىز يازمىنىڭ داۋامىدا بولسۇن!

3.بىر قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىن يەنە تېزلا جىنسىي مۇناسىۋەتكە كىرەلمەسلىكلىنى جىنسىي ئاجىزلىق دەپ قاراش؛

بەزى ئەرلەر بىرىنجى قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىن تېزلا يەنە جىنسىي قوزغىلىش بولماسلىقنى بىر خىل كېسەللىك دەپ قاراپ ئۆزىدە جىنسىي ئاجىزلىق كۆرىلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولۇپ ئۆزىگە روھىي بېسىم يۈكلەپ قويىدۇ. ساغلام ئەركەكلەردە ھەر قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ تولۇق لەززەت ھېس قىلغاندىن كىيىن مەلۇم ۋاقىت جىنسىي قوزغىلىش بولماسلىق ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلىشى نۇرمال ئەھۋال بولۇپ بۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئەر-ئايال ھەر ئىككىلىسىنىڭ روھىي كەيپىياتى، يېشى، موھىت، سالامەتلىك ئەھۋالى، چارچاش ئەھۋالى، مىزاج ئالاھىدىلىكلىرى دېگەندەك ئەھۋاللارنىڭ تەسىرى بولۇپ جىنسىي ئاجىزلىق بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. قارىشىمچە ئەرلەرنىڭ مىزاج پەرقىگە قاراپ جىنسىي ئىشتىھاسىنىڭ ئوخشىماسلىقى ئادەتتە بەلغەم خىلىت (ھۆل سوغۇق مىزاج) لىق كىشىلەرنىڭ جىنسىي ئىشتىھاسى بىر قەدەر تۆۋەنرەك بولۇپ سەپرا خىلىت (قۇرۇق ئىسسىق مىزاج) كىشىلەردەك جىنسىي مۇناسىۋەتنى كۆپ تەلەپ قىلمايدۇ. شۇڭا بۇ ئەھۋالنى بىرەر خىل كېسەللىك ياكى ئاجىزلىق دەپ قارالماستىن بەلكى ئەرلەرنىڭ مىزاجىدىكى پەرق دەپ قاراش مومكىن. ئادەتتە ھۆل سوغۇق مىزاجدىكى كىشىلەر بىر قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن قانائەتلىنىشى مومكىن. بۇ ھەم شۇ كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ زورلاپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش پايدىسىزدۇر.  كۈندۈلۈك تىرىكچىلىك مەشغۇلاتى بىلەن چارچىغاندا تەكرار جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئىستىكى تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا ھەر خىل ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ تەكرار جىنسىي تەلەپنىڭ بولماسلىقىنى بۆرەك ئاجىزلىغانلىق دەپ ئۆزىگە روھىي بېسىم قىلماسلىقى كېرەك.

قوشۇمچە: يۇمغاقسۈت، قېتىققا ئوخشاش ھۆللۈك، سوغۇقلۇقنى كۆپەيتىدىغان ئوزۇقلۇق غىزالار ئادەتتە ھۆل سوغۇق مىزاج كىشىلەرنىڭ بەدىنىنى بوشۇتۇپ، نېرىپلارنىڭ سەزگۈرلىكىنى ھەم جىنسىي ئىشتىھاسىنى تۆۋەنلەتسە، قۇرۇق، ئىسسىقجان كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈپ جىنسىي تەلىپىنى ئاشۇرىدۇ. شۇڭا مىزاج ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەھممىيىتى زور دەپ قارايمىز.

4. ئۇزۇن ۋاقىت ئايالىدىن يىراقتا ئايرىلىپ تۇرۇپ ئۇچراشقان تۇنجى جىنسىي مۇناسىۋەتتە مەنى تېز كېتىشنى جىنسىي ئاجىزلىق دەپ قاراش؛ بۇ زىيادە ئىچىرقاش، جىنسىي ھاياجان كەلتۈرۈپ چىقارغان نۇرمال ئەھۋال بولۇپ جىنسىي ئىقتىدارىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىك ئەمەس.

مىسال: بىر ئەر روھىي چۈشكۈن ھالدا تېۋىپنىڭ يېنىغا بىرىپ ئۆزىدىكى مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىدىن داتلاپتۇ، مەسىلىنىڭ ماھىيتىنى سۈرۈشتە قىلسا ئۇ كىشى ئايالى بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت يىراقتا بولغانلىقى ئۈچۈن جەم بولغان تۇنجى مۇناسىۋەتتە زىيادە ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن رەسمى جىماغا كىرىشىپ بولماستىنلا مەنىي يۈرۈپ كەتكەن. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۆزىدە ئېغىر مەسىلە باردەك تەشۋىشتە قالغان . بۇ ئىش ئۇ كىشىنىڭ نېرۋىسىغا بەك تەسىر قىلىپ كەتكەن بولغاچقا قايتا جىنسىي قوزغىلىش بولالمىغان. تېۋىپ ئۇ كىشىگە، ئۇزۇن مەزگىل جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يىراق تۇرغان ئەرلەردە بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلىشىنىڭ نۇرمال ئىش ئىكەنلىكىنى، زىيادە ھاياجانلىنىپ كەتمەي ئۆزىنى ئەركىن قويۇپ بىرىپ قىلسا ھېچقانداق چاتاق چىقمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ يولغا ساپتۇ. دېگەندەك 2-3كۈنلەردىن كىيىن ئۇ كىشى تېۋىپقا ئالاھىتەن رەھمەت ئېيتقىلى كەپتۇ.

5. ئىھتىلام بولۇشنى جىنسىي ئاجىزلىق دەپ قاراش؛

ئىھتىلام بولۇش جىنسىي تەشنالىقنىڭ ئۇيقۇ ھالىتىدىكى تەبئىي ئىنكاسى بولۇپ شۇ ئارقىلىق (يەنى شەيتان ئاتلاش) چىڭقىغان نېرىپلارنى بوشىتىدۇ، بويتاقلىقتىكى قۇترىغان جىنسىي ئىستەكلەرگە تەبئىي رەۋىشتە ئارام بىرىدۇ. يېغىلغان ئارتۇق قۇۋۋەتلەرنى تارقىتىدۇ، ھارارەتنى پەسەيتىدۇ. بەزى توي قىلغان ئەرلەردىمۇ ئىھتىلام بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ قالىدىغان بولۇپ بۇ ئەھۋال ئايالىنىڭ جىنسىي تەلىپىنىڭ تۆۋەن بولىشى ياكى شۇ ئەر جىنسىي غىدىقلىنىش موھىتىنىڭ تەسىرىدىن رىئاللىقتا تولۇق جىنسىي قانائەتلىنىش شارائىتىغا ئىرىشەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن چالا قالغان جىنسىي ئىھتىياجنىڭ ئۇيقۇلۇق ھالەتتىكى تولۇقلىنىشىدۇر.

6. جىنسىي ئىقتىدارىنى سىناپ بېقىش غەرىزىدە ئاياللار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ ئۆزىدىن ئىمتاھان ئىلىپ مەغلۇپ بولسا ئۆزىدە بۆرەك ئاجىزلىقى بار دەپ قاراش؛

بۇ خىل قاراش توي قىلىش ئالدىدىكى ياشلاردا ئېغىرراق بولۇپ ئۆزىگە قورقۇنۇچلۇق روھىي بېسىم يۈكلىۋالىدۇ. شۇ سەۋەبلىك توي قىلىشتىن ئەندىشە قىلىدىغان، داۋاملىق بىر خىل بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە ئۆتىدىغان توي قىلسىمۇ ئالدىدىكى پىسخىك توسالغۇ سەۋەبلىك جىنسىي تۇرمۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە جىنسىي تۇرمۇش مۇئەييەن مۇھەببەت ئاساسى بولۇشنى، ھېچبولمىغاندا ئازادە كەيپىياتتىكى مەستخۇشلۇق ھەم بىر-بىرىگە ئىنتىلىش ئىستىكىنىڭ بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنى سىناش غەرىزدە <<ئىمتاھان>> ئىلىپ بېقىش مۇسۇلمان پەرزەنتىگە نىسبەتەن بىر ھارام ئىش ھەم بۇ ئىشنىڭ ھېچقانداق مۇھەببەت ئاساسى بولمىغان بولغاچقا گۇناھ تۇيغۇسى ۋە ۋە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىكى نېرۋىدىكى سەگەكلىك ھالىتى بۇ جىنسىي مۇناسىۋەت (زىنا)نىڭ مۇۋەپىقيەتلىك بولىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. مانا بۇ تۇنجى قېتىملىق يامان ئاقىۋەت تۇنجى قېتىم جىنسىيەت بوسۇغىسىدىن قەدەم ئالغان ياشلارغا نسىبەتەن پىسخىك مەسىلە پەيدا قىلىدۇ، دە ئۆزىدە جىنسىي ئاجىزلىق بار ئىكەن دەيدىغان خاتا قاراشقا ئىلىپ كىلىدۇ. 

7. تېرىكچىلىك مەشغۇلاتى بىلەن چارچاپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن بىر-قانچە قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت قاملاشماي قالسا ئۆزىدە جىنسىي ئىقتىدار چىكىنىپتۇ دەپ قاراش؛

خىزمەت ۋە ھەرخىل روھىي بېسىملار سەۋەبىدىن زىيادە چارچاش ياكى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەن زۇكام دېگەندەك ھاللاردىمۇ بەدەن ماغدۇرسىزلىنىپ جىنسىي تەلەپ تۆۋەنلەش، جىنسىي مۇناسىۋەت خوشياقماسلىق ئادەتتە نۇرمال ئەھۋال بولۇپ بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۆزىنى جىماغا زورلىغاندا ئەرلىك ئەزا چىڭ-يىتەرلىك قاتمايدىغان، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بىرىدۇ دە، ئۆزىدە بىرەر چاتاق چىققانلىقىدىن گۇمان قىلىپ ساراسىمىگە چۈشىدۇ. بۇنداق تاسادىپىي يۈز بىرىدىغان <<مەغلۇبىيەت>> لەرنىڭ ئاندا-ساندا كۆرۈلۈپ قىلىشى نۇرمال ئەھۋال بولۇپ بىرەر قېتىم قىنىپ ئۇخلاش ياكى ئارام ئىلىشقا ئەھمىيەت بىرىش ئارقىلىق ئۆزلىكىدىن ئەسلىگە كىلىدۇ.

8.ئايالىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر سەۋەبلىك ھېسياتى سۇسلاپ ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرماسلىقى سەۋەبلىك ئۆزىدىمۇ كۆرۈلگەن تۆۋەن جىنسىي قوزغىلىشنى بۆرەك ئاجىزلىق دەپ قاراش؛

ئاياللارنىڭ بەدىنى سوۋۇپ جىنسىي تەلىپىنىڭ ئاجىز بولىشى سەۋەبلىك ئەرلىرىگە يېتەرلىك جىنسىي ئىنكاس قايتۇرالمايدۇ. بۇ خىل جىنسىي پاسسىپلىق ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت پەقەت ئەرنىڭلا ئىشىدەك بولۇپ قالىدۇ، دە ئەر كىشى يىتەرلىك جىنسىي قوزغىتىشقا ئىرىشەلمەي پىسخىكا جەھەتتىن جىنسىي مۇناسىۋەتتىن سوۋۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە شۇ ئەرنىڭ بۆرىكى ئاجىزلىغانلىق بولماستىن ئەكسىچە يىتەرلىك جىنسىي قوزغىتىشقا ئىرىشەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن بولغان بولىدۇ. ئەگەر ئايال كىشىنىڭ جىنسىي ھەۋىسى كۈچلىنىپ ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتسىلا ئەر كىشىدىكى بۇ ئەھۋال ئەسلىدىكىدەك ساغلام ھالەتتە ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ.

9.پەرزەنتلىك بولالمايدىغان ئەرلەرنىڭ ئەرلىك ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدۇ دەپ قاراش؛

ئەرلەرنىڭ ئەرلىك شەھۋەتنىڭ قوزغىلىشى ئۇرۇقدان ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ئەرلىك ھورمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، پەرزەنتلىك بولۇش ئىقتىدارى بولسا ئۇرۇقدان ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئۇرۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەرلىك ئۇرۇقنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بولۇشى پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ ئاساسى، لىكىن پەرزەنتلىك بولۇش بىلەن ئەرلىك ئىقتىدار ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم بولۇپ ئەرلىك ئىقتىدارنىڭ تۆۋەن بولىشى پەرزەنتلىك بولالمايدىغانلىقتىن بىشارەت بەرمەيدۇ. ھەم ئۇرۇقنىڭ نىسبىتى تۆۋەن ياكى پەقەتلا تېرىك ئۇرۇق بولمىغان سەۋەبلىك پەرزەنتلىك بولالمىغان ئەرلەرنىڭمۇ ئەرلىك ئىقتىدارى تۆۋەن بولىشى ناتايىن. شۇڭا بۇ ئىككىسىنىڭ بىر-بىرسى بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋىتى يوق. ئادەتتە ئەرلىك ئەزاسى يىتەرلىك قايىم بولالمايدىغان بىر ئەرنىڭ ئەرلىك ئەزاسى ئايالنىڭ جىنسىي يولىغان تولۇق كىرمىسىمۇ ئاجىرتىپ چىقارغان مەنىي تەركىبىدىكى ئۇرۇق جىنسىي ئەزا ئېغىزىغا چىقىپ كەتكەن بولسا، مۇشۇ ۋاقىت ئايال كىشىنىڭ تۇخۇم ئاجىرتىپ چىقىرىش ۋاقتىغا توغرا كەلگەن بولسا ھىلىقى ئۇرۇق تۇخۇم بىلەن ئۇچرىشىپ ھامىلە پەيدا قىلىشى تامامەن مومكىن. لىكىن ئەرنىڭ ئەرلىك ئىقتىدارى ياخشى ھەتتا ئادەتتىكىدىن ئالاھىدىرەك يۇقۇرى بولغان ھالەتتىمۇ ئۇرۇقنىڭ سۈپىتى تۆۋەن بولسا ياكى ئۇرۇقدان ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرالمايدىغان بولۇپ قالسا بۇ ئەرنىڭ پەرزەنتلىك بولالىشى ناتايىن.

10.ئانانىزىم قىلىپ مەنى تېز چىقىپ كەتسە ئۆزىدە جىنسىي ئاجىزلىق بار دەپ قاراش؛

11.ساقال چىقماسلىق، ئاۋازىنىڭ زىل چىقماسلىقى، كۆكرىكىنىڭ كەڭرى، چوڭراق بولۇشىنى نۇرمالسىزلىق دەپ قاراش؛

12.جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا تەرلەپ كېتىشنى بۆرەك ئاجىزلىقى دەپ قاراش؛

13. بىر مۇددەت ئىھتىلام بولماسلىقنى كېسەللىك دەپ قاراش؛

14. بەل ئاغرىپ ياكى تالسا بۆرەك ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن دەپ قاراش؛

15.ئاياللارنى خىيال قىلىپ بولغۇچە ئەرلىك قايىم بولمىسا ئۆزىدە جىنسىي ئاجىزلىق بار دەپ قاراش؛

 داۋامى تەييارلىنىۋاتىدۇ.

  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    (بولدى، يازمايچۇ)

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    • #1
      mutallip

      ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندى يېقىندىن بىرى كىچىك تەرىتىم بەك سېسىك بۇرايدۇ.جىنسى قۇۋىتىم ئاجىز .مەسلىھەت بەرسىڭىز؟قانداق قىلشىم كىرەك.؟

    • #2
      mutallip

      ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندى يېقىندىن بىرى كىچىك تەرىتىم بەك سېسىك بۇرايدۇ.جىنسى قۇۋىتىم ئاجىز .مەسلىھەت بەرسىڭىز؟قانداق قىلشىم كىرەك.؟

    • #3
      kaksenem

      سۇئالىمغا جاۋاپ يېزىلىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرغان ئىدىم. بۇ تېمىدا جاۋاپ يېزىلىدىغاندەك تۇرىدۇ. قارىسام ئۆزۈمدىكى مەسىلە پىسخىك مەسىلە بولسا كېرەك. بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتنى تېما تولۇق پۈتكەندە كۆرسەم بولغۇدەك.

    • #4

    • #5
      iz

      تېۋىپنىڭ دورىسىنى بىر مەزگىل ئىستىمال قىلىپ قان تەكشۈرۈتسەم جىگەر خىزمىتى ياخشى ئەمەس دەيدۇ، مىللىي تىبابەت دورىلىرىنىڭ جىگەرگە زىيىنى بارمۇ قانداق ئەپەندىم؟

    • #6
      iz

      تېۋىپنىڭ دورىسىنى بىر مەزگىل ئىستىمال قىلىپ قان تەكشۈرۈتسەم جىگەر خىزمىتى ياخشى ئەمەس دەيدۇ، مىللىي تىبابەت دورىلىرىنىڭ جىگەرگە زىيىنى بارمۇ قانداق ئەپەندىم؟

    • #7
      Victory

      بىرزات ئەپەندىم، مەن 18 گە كىردىم….

      يۇقارقى 1، 2، 5، 13، 14 ، مىساللاردىن شۇنى كۆرۈپ يەتتىمكى، شۇ قۇرلادىكى ئالامەتلەردىن مەنمۇ ئۆزۈمگە بەلگىلىك پىسخىك بېسىم پەيدا قىلىۋالغان ئوخشايمەن…..

      بىراق، مۇشۇ كەمگىچە باشقىلاردىن سوراشتىن خىجالەت بولۇپ يۈرگەن بىر سوئالنى سىزدىن سوراپ باقاي دېگەن ئىدىم….. يەنى زەكەرنىڭ تولۇق قايىم بولۇش ھالىتى قانداق بولىدۇ؟

      نورمال بولغاندا، زەكەر تۈۋى بىلەن زەكەر غولىنىڭ كېسىشكە بۇلۇڭى 90 گىرادۇس بولامدۇ ياكى 90 گىرادۇستىن يۇقىرى ( تاكى زەكەر ئۇچى يۇقىرى بەدەنگە تولۇق يېرىم قارىغان) ھالەتتە بولامدۇ؟ مەندە زەكەر قايىم بولسا، ئېشىپ كەتكەندە….زەكەر تۈۋى بىلەن زەكەر غولىنىڭ كېسىشكە بۇلۇڭى 90 گىرادۇس بولىدۇ. بۇ مەندىكى ئاجىزلىقمۇ؟

      تېپىشنى ئويلىساڭ دەردىڭگە دەرمان، تېۋىپتىن سىرىڭنى تۇتمىغىن پىنھان….دەپتىكەن. مۇشۇ تېما يولى ئارقىلىق بولسىمۇ سىزدىن بىر مەسلىھەت سورىماق بولدۇم…. جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن؟

    • #8

    • #9
      hayran

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بىرزات ئەپەندىم ،مەن سىلىدىن بىر مەسىلە توغرىسىدا مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم.ئاللاھ خالىسا سىلىنىڭ مەسلىھەتلىرى ئارقىلىق يەلكەمنى بېسىپ تۇرغان بۇ ئېغىر تاغدىن خالاس بۇلسام ئەجەب ئەمەس.مەن يوللىغان ئىنكاسنى باشقىلار كۆرەلمەيدىغان قىلغىلى بولارمۇ؟ مەن ھالىمنى ھىچ كېشىگە ئېيتالمايمەن،ئۆزۈم قانداق قىلىشىمنى تېخى بىلەلمەي بەك قىينىلىپ كەتتىم.ئاللاھنىڭ ھەققىدە مەندىن مەسلىھەتلىرىنى ئايىمىغايلا.

      [reply=Birzat,2011-02-16 03:28 PM]سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە يوشۇرۇن قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. مەن ھازىر ئىچىپ قوياي، چۈشتىن كىيىن يېزىپ قالدۇرۇپ قويسىلا.[/reply]

    • #10

    • #11
      allahbir

      ئاللاھ قوللىرىغا دەرت بەرمىسۇن!!!!!!

    • #12
      allahbir

      ئاللاھ قوللىرىغا دەرت بەرمىسۇن!!!!!!

    • #13
      uzam

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)ئاكا مەن بۇ يىل 19 ياشقا كىردىم مەنمۇ شۇ ئانانىزىم دىگەن بۇ مەينەت ئىش بىلەن بىلمەسلىكىم سەۋەبىدىن 3 يىل شۇغۇللانغان ئەھۋالدىن قارغاندا مەنى تىز كىتىدىغان ئىش بار . بۇرۇن خېلى ۋاقىتقىچە ھەپىلشىپ ئاندىن چىقراتتىم.لىكىن ھازىر بىردەمدە چىقىدۇ. يا كۆنۈپ قالغاندىكىن شۇنداقمۇ.ياكى مەنى راس بالدۇر كىتىدۇ.ھەم بەدىنىم بەك سوغۇق زەكىرىمنى سەل كىچىكتەك ھېس قىلىمەن بۇ ئىشتىن قول ئۈزگىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىدى روھى كەيپىياتىم بەك تۇراقسىز ھەم مىجەزىم بەك تۈۋەن روھى كەيپىياتىم بەك چۈشكۈن ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈيدىكىلە توي گېپى قىلىۋاتىدۇ . بىلمەسلىكىم سەۋەبىدىن شۇ قىلىپ سالغان ئىشلىرىمغا بەك پۇشايمان قىلىۋاتىمەن ماڭا بىر ئامال كۆرسەتكەن بولسىلا

    • #14

    • #15
      يولوچى

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)ئاكا ! اللا قوللىرىغا دەرت بەرمىسۇن ! بۇ تېمىنى كۈرۈپ مەندىكى روھىي بېسىم سەل بوشىغاندەك قىلدى! مەنمۇ بۇرۇن ئانانىزىم بىلەن خېلى ئۇزۇن(4-يىل5) شۇغۇللانغانتىم !
      مىنىڭ سىزگە بىرىدىغان تەكلىپىم : بولسا تور بېتىڭىزدىكى مەزمۇنلارنى كىلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا باشقا تور بەتلەرگىمۇ يوللىساق ،ھازىرغىچە ئانانىزىمنىڭ ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەي يۈرگەن ياشلىرىمىز ساماندەك بۇلۇشى مۇمكىن . شۇڭا ياشلىرىمىزنى تىرىشىپ بۇيولدىن قايتۇرساق دىگەن ئۈمىتتە………….. مەنمۇ بۇ مەزمۇنلارنى بۇرۇن كورگەن بولسام ئۇنداق ئۇزۇن ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانماسلىقىم مۇمكنتى…………….[face76][face08]

    • #16

    • #17
      sfnhyg

      بىېرزات ئاكا ياخشىمۇ سىز،مەن قەشقەردىن سانىيە بولىمەن،مەن بۇتوربەتنى ئوقۇپ باقسام سىزنى قانداق جاۋاپ يازاركىن دەپ مەسىخىرە سۈپىتىدە نۇمۇسسىز ئىنكاسلارنى يوللايدىغانلارمۇ كۆپ ئىكەن.مەن بۇيىل18ياشقا كىرگەن قىز،بۇبىلوگنى تۇيۇقسىز ئىچىپ قاپتىمەن،بۇلارنى كۆرۈپ شۇنداق ئىزا تاتتىم،بىز قىزلار ئوغۇللارنىڭ نەزىرىدە شۇنداق ئەرزىمەس قونچاقتەك ئۆزىگە سىناق قىلىدىغان قىزلارنى بۇنداق زاڭلىق قىلماڭلار.مۇشۇ بىگۇناھ قىزلارنى سىناق قىلغان مۇسۇلمان ئوغلىنىڭمۇ چوقۇم باشقىلار ئاللابۇرۇن سىناق قىلىپ بولغان ئاچىسى،سىڭلىسى،ئاپىسىمۇ بار.بۇدىگەن مۇشۇنداق ئۆتنە جاخان.يۈزى ئىچىلمىغان مۇسۇلمان قىزلارنى توردا باشقا قىزلارغا ئوخشاش كۆرۈپ نۇمۇسسىز گەپلەرنى مۇسۇلمان قىزلىرنىڭ بارلىق شەرمى -ھاياسىنى تورغا كۆتۈرۈپ چىققانلارنىڭ تايىقىنى ئاللاھ بەرسۇن.بۇنداقلارغا ئاللاھ ساقايماس كىسەللەرنى بەرسۇن.بىرزات ئاكا سىز بۇنىڭ سىرتىدا .بۇنۇمۇسسىزلار سورغاندىن كىيىن جاۋاپ بەرمەي ئامالىڭىز يوق.بۇتىمىنى چوقۇم ئوچۇق-ئاشكارا ئىچىپ قويساڭلار بولامدۇ،بەزى نۇمۇسسىزلارغا ئازراق تەسىر قىلسا دەيمەن.بىز قىزلارمۇ بۇنداق نۇمۇسسىزلارغا يول قويمايلى.ئاللاھ جازايىنى بەرگۈچە بىز قىزلار قانۇن ئارقىلىق ئوزمىزنى قوغداپ بۇنداقلارغا پۇرسەت بەرمەيلى.مۇسۇلمان قىزلىرى مەڭگۈ پاك ياشايلې. [face11]

    • #18

    • #19
      iltimas

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىر زات ئاكا. مەن بۇيىل 25ياشتا ،توي قىلمىغان.مېنىڭ زەكىرىمدىن كىچىك تەرەت تامىدىغان، تۇتالمايدىغان، كىچىك تەرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ يەنە تامىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. بۇنداق بولسا، ھەرقېتىم نامازغا تەھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە كىچىك تەرەت (مەنىمۇ ياكى كىچىك تەرەتمۇ بىلمەيمەن)چىقىپ كېتىپ قايتا تەھارەت ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. زەكەردىن سۇيۇقلۇق چىققىنىنى سېزەلەيمەن ، لېكىن بەزىدە سەزمەي قالىمەنمىكىن دەپ ئويلايمەن، بۇ ئەھۋاللار مېنىڭ پاكىز ھالەتتە ناماز ئوقۇشۇمغا تەھدىد ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىر ئوقۇغان نامازلىرىم مەقبۇل بولماي قېلىۋاتامدىغاندۇ دەپ ئەندىشىدە قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.ھەر قېتىم شۇنداق بولغاندا ئىچ كىيىمىمنى ئالماشتۇرىمەن،بەزىدە بىر كۈندە ئ.ۈچ – تۆت ۋاق دېگۈدەك، بۇ ھەم تۇرمۇشۇمغىمۇ قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ھۆرمەتلىك بىر زات ئاكا ، ئېغىر كۆرمەي مەسلىھەت بېرىشىڭىزنى ئۇمىد قىلىمەن، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

    • #20

    • #21
      bahadir0997

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىر زات ئاكا. مەن بۇيىل 26ياشتا ،توي قىلمىغان. كىچىك تەرەت تامىدىغان، تۇتالمايدىغان،رەڭگى سېرىق كىلدىغان كىچىك تەرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ يەنە تامىدىغان .سىيگەندە ئچشىپ كىلدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. 6ئايدىن ئاشتى شۇ سەۋەبتىن روھىم بەك چۈشكۈنلىشىپ كىتىپ باردۇ تېۋىپتىن بىر قانچە قېتىم دۇرا ئېلىپ يىدىم لىكىن ئانچە ئۈنۈمى بولمىدى ماڭا بىرەر ياخشى داۋالاش ئۇسۇلنى كۇرستە سىزمۇ قايسى دورلارنى يىسەم بۇلا ماڭا بىر يول كۇرسەتكەن بولسڭىز ئاللاھنىڭ ھەققىدە مەندىن مەسلىھەتلىرىنى ئايىمىغايلا.

    • #22

    • #23
      muslim1111

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى،مەن ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن توي قىلماقچى بولۋاتىمەن،مەن مەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى بارمۇ-يوقمۇ ئوقمىدىم،شۇ سەل جىقراق يول ماڭسام ياكى ئۆرە تۇرسام بېلىم سەل تالىدۇ،كىچىك ۋاقتىمدىمۇ شۇنداقتىم،تېۋىپتىن دورا ئېلىپ يەپ ساقايغان،يەنە يېقىندىن بېرى بېلىم ئاغىرۋاتىدۇ،بۇ بۆرەك ئاجىزلىقىنىڭ ئالامىتىمۇ؟ئاندىن مەن بۇرۇن بىلمەي ئانانىزىم قىلغان بىلگەندىن كېيىنمۇ قول ئۈزەلمىگەن، بۇنىڭ زىيىنى ئورنىنى تولدۇرغىسىز دەرىجىدىمۇ ؟مەن شۇلارنى ئويلاپ توي قىلىشتىن ئەنسىرەپ قېلۋاتىمەن،ئاندىن توي قىلىشتىن بۇرۇن قانداق تىببىي تەيارلىقلارنى قىلسام بولىدۇ؟مەنىي بالدۇر كېتىش دېگەننى قانداق چۈشەنسەم بولار؟ يا ئۇنى توي قىلىشتىن بۇرۇن بىلمىسە؟ ئەلۋەتتە بىز مۇسۇلمانلارغا سىناق جىنسى مۇناسىۋەت دېگەن ھارام تۇرسا…..(ئاللاھ ساقلىسۇن) ماڭا بىر يول كۆرسەتسىڭز……

    • #24

    • #25
      bill

      ئەسسالامۇ ئەلەيكوم بىرزات دۇختۇر ، مەن 10 يىلدىن بىرى ئانانىزىم بىلەن شوغۇللىنىۋاتىمەن ، بۇنىڭ مىنى باشقا گۇناھلاردىن ساقلايدىغان يول دەپ قارىغاچقا ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم ، سىزنىڭ ئانانىزىم ھەققىدىكى تىمىلىرىڭىزنىڭ كۆرگەندىن كىيىن بىر قەدەر دىېققەت قىلىدىغان بولدوم ، لېكىن ئاشۇ ئىشنى ئويلاپ قالساملا ئۆزەمنى تۇتالماي يەنە قلىپ سالىمەن ، بۇ كىسەللىكنى روھى جەھەتتىن داۋالاش بىلەن بىرلىكتە دورا ئىشلىتىش ئارقىلىقمۇ داۋالىغىلى بولامدۇ ؟ توي قىلىپ جىنىسى ئالاقە قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشكەندىن كىيىن ئۆزى تەبئىي ساقىيىپ كىتەمدۇ ؟ مەن بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئانانىزىم بىلەن شوغۇللانغاندا مەنى سۇيۇقلۇقى خىلى تەستە چىقاتتى ، ھازىر بولسا بىر ئىككى مىنۇتتىلار چىقىپ كىتىدىغان بولدى ، بۇ كىسەللىكنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىدىن دىرەك بىرەمدۇ قانداق ؟ ئەگەر مەن توي كىچىسى ھەققى جىنىسى مۇناسىۋەت قىلساممۇ يەنە شۇنداق تېز چىقىپ كەتسە قانداق قىلارمەن ؟ ئانانىزى نورمال پەرزەنىت كۆرۇشكە تەسىر يەتكۈزەمدۇ يوق ؟ كەچۇرۇڭ ئاكا ، مەن بەك تولا سۇئاللارنى سورىۋەتتىم ، لېكىن مۇنداق ئىككى مەقسىتىم بار ، بىرسى سۇئاللىرىمغا جاۋاپ تاپماقچى ، ئىككىنجسى ئانانىزىم بىلەن شوغۇللىنىىشنىڭ ئاقىۋىتىنى باشقا قېرىنداشلىرىمغا بىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ۋاقتىدا قول ئۇزۇشكە رىغبەتلەندۇرۇش.

    • #26

    • #27
      korax

      كەچۈرۈڭلار قېرىنداشلار مەن ئۆزەمدە بۇلۇپ ئۆتكەن كەشمىشلەردىن سىلەرنى ئاگاھلاندۇر ماقچى،ئۇ بولسا ئانالىزىم دېگەن روھى خارەكتىرنى ئالغان نىجىزدىن يىراق تۇرۇڭلار،ھەممە ئىشنىڭ تەبىئىي بولغىنى ياخشىكەن.ئەگەر سىز مەجبۇرى ھالدا ئېلىپ بارغان ھەرقانداق ئىشنىڭ نەتىجىسى ياخشىدەك قىلغان بىلەن ئاقىۋىتى ياخشى بۇلۇپ كەنمەيدىكەن.ئانالىزىمنى داۋاملاشتۇرغاندا ئادەم مەجبۇرى تۇيغۇغا ئىنتىلىدىغان گەپكەن ،بۇئادەمنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىغا بېسىم ئېلىپ كېلىدىكەن،بۇلۇپمۇ ئۇيقۇسىزلىق،ماغدۇرسىزلىق،روھسىزلىق ھالەتلەرنى كەلتۈرۈپلا چىقماستىم بۆرەكنى زىيادە چارچىتىپ ئۇرۇقلىتىۋېتىدىكەن،بۇنداق بولغاندا توي قىلغاندىن كىيىن يەتمەكچى بولغان مەقسەت كۆزئالدىڭىزدىكى چۇشكە ئايلىنىپ سىزنى پۇشايمانغا قويىدىكەن ،شۇڭا ئانالىزىم بىلەن ئېتىشىۋاتقان نادانلار تىزدىن ئۆزۈڭلارنى تارتىپ كەلگۈسىدىكى گۈزەل تۇرمۇشىڭلارنى كۈتىۋېلىڭلار.سالامەتلىك ھەممىدىن مۇھىم.

    • #28

    • #29
      伤心的男人

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)ئاكا مەن 30ياشقا كىردىم مەنمۇ شۇ ئانانىزىم دىگەن بۇ مەينەت ئىش بىلەن بىلمەسلىكىم سەۋەبىدىن 3 يىل شۇغۇللانغان ئەھۋالدىن قارغاندا مەنى تىز كىتىدىغان ئىش بار . بۇرۇن خېلى ۋاقىتقىچە ھەپىلشىپ ئاندىن چىقراتتىم.لىكىن ھازىر بىردەمدە چىقىدۇ. يا كۆنۈپ قالغاندىكىن شۇنداقمۇ.ياكى مەنى راس بالدۇر كىتىدۇ.ھەم بەدىنىم بەك سوغۇق زەكىرىمنى سەل كىچىكتەك ھېس قىلىمەن بۇ ئىشتىن قول ئۈزگىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىدى روھى كەيپىياتىم بەك تۇراقسىز ھەم مىجەزىم بەك تۈۋەن روھى كەيپىياتىم بەك چۈشكۈن ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈيدىكىلە توي گېپى قىلىۋاتىدۇ . بىلمەسلىكىم سەۋەبىدىن شۇ قىلىپ سالغان ئىشلىرىمغا بەك پۇشايمان قىلىۋاتىمەن ماڭا بىر ئامال كۆرسەتكەن بولسىلا

    • #30

    • #31
      umid5445

      [quote=uzam]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)ئاكا مەن بۇ يىل20 ياشقا كىردىم مەنمۇ شۇ مەنى تىز كىتىدىغان ئىش بار . ئويدېۆلئەر توي گېپى قىلىۋاتىدۇ .ماڭا بىر ئامال كۆرسەتكەن بولسىلا رەخمەت [/quote]

    • #32

    • #33
      azimat

      ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! بىرزات ئەپەندى. سىللىدىن سورايدىغان بىر مەسلىھەتىم بار ئىدى.
      مىنىڭ 6 ياش ۋاقتىمدا تاش بۆرىكىم يوغىناپ قالغان ئىدى،شۇچاغلادا ئۆيدىكىلەر دوراقىلىپ ساقايتقان ئىدى.
      ھازىر24 ياشقا كىردىم،سوغىقىم سەل ئىشىپ قالسىلا تاش بۆرەك ئازراق يوغىناپ قالىدۇ. مەن يىڭى توي قىلغان،توي قىلغىلى 6ئاي بولدى. بۇئەھۋالنىڭ بالىلىق بولۇشقا تەسىرى بولارمۇ؟
      ۋاقىتلىرى بولسا بىلوگ يۈزىدە ياكى تىلفۇن قىلىپ مەسلەھەت بەرگەن بولسىلا.
      تىلفۇن نۇمۇرۇم-13150414398
      ئىمكان بولسا قەشقەرگە بىرىپ دۇكانلىرىدا ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقىم بار ئىدى. خىزمەت ئالدىراش بوپقالدى.
      شۇڭا ئاۋال مەسلەھەت سوراپ باقاي دىگەن ئىدىم.

    • #34

    • #35
      azimat

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !بىرزات ئاكا! بۇيەردە سورالغان سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىلەمدۇ ياكى…
      مەن سۇئالنى قالدۇرۇپ قويغىلى نەچچە كۈن بولدى،تىخچە جاۋاپ يوق. بولمىسا دۇكانلىرىنىڭ مەسلەھەت سوراش نۇمۇر لىرىنى ئومومى ئۇقتۇرۇش قىلىپ يوللاپ قويسىلا بىۋاستە سىللە بىلەن ئالاقىلاشساقمۇ بولاتتى.
      مۇمكىن بولامۇ؟

    • #36

    • #37
      rock

      ياقشىمۇسڭز مىنڭ زەكىرىم 12سانتا كىلدۇ.ۇزەمگە كىچىك بىلىندۇ.بۇنداخ بولسا نورمالمۇ.ازراك ۇزارتىدىگان دورا بارمىدۇ.ېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز

    • #38
      rock

      ياقشىمۇسڭز مىنڭ زەكىرىم 12سانتا كىلدۇ.ۇزەمگە كىچىك بىلىندۇ.بۇنداخ بولسا نورمالمۇ.ازراك ۇزارتىدىگان دورا بارمىدۇ.ېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز

    • #39
      dido

      ياخشىمۇ سىز بىرزات ئاكا مەن بۇ يىل 20 ياشقا كىردىم لىكىن جىنسى ئەزايىم بەكلا كىچىك شۇ سەۋەپتىن كوڭلۈم بەك يېرىم ھەم ئۇزۈمدىن سەل نۇمۇس قىلمەن . شۇڭا جىنسى ئەزانى ئازراقمۇ بولسا چوڭايتېشقا ئامال بولسا كورسەتكەن بولسىڭىىز سىزدىن ئالەمچە خوش بولغان بولاتتىم. سىزگە رەخمەت .

    • #40

    • #41
      سةيدئظأمةر

      كةث 80خالتا ظوقذرمةنلئرئگة:
      نأؤةتتئكئ ظةهؤالدئن قارئغاندا،بئر قئسئم تورداشلار باشقئلار ظئلگئرئ سوراپ، بئرزات ظةپةندئم خصلئ ياخشئ جاؤابلارنئ بئرئپ بولغان سوظاللارنئ يةنة قايتا سورايدئكةنسئلةر.بذداق قئلساثلار ظةپةندئمنئ چارچئئپ قذيئسئلة،شذثا،مئنئث تةؤئسسئيةم بلوگنئ ظئزچئل ،تةپسئلئ كأرإپ ظادةتلةنسةثلا،ظأزإثلا سورئماقچئ بولغان سوظاللارغا جاؤاب تاپالمئغاندا ظاندئن ،سذظالئثلارنئ سورئساثلا،تصخئمذ قاناظةت هاسئل قئلالارسئلةرمئكئن.

    • #42

    • #43
      adeltursun

      مەنبۇيېل 16ياشقاكېردېم لېكېن زەكېرېم بەك كېچېك بەدېنېممۇ يوگان كانداك كېلېشېم كېرەك ئامال تەپ بەگەن بولسېگېز

    • #44
      adeltursun

      مەنبۇيېل 16ياشقاكېردېم لېكېن زەكېرېم بەك كېچېك بەدېنېممۇ يوگان كانداك كېلېشېم كېرەك ئامال تەپ بەگەن بولسېگېز

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...