ھەسەل ۋە بالىلار ساغلاملىقى

little_girl_eating_honey_600-01616966

كۆپۈنچە ھاللاردا ھەسەل ھەرىلىرى جاڭگال، تاغ، ئېدىرلىقلاردا بولىدىغان ئۆسۈملۈك چېچەكلىرىدىن ھەسەل ئىشلەپ چىقىرىدىغان بولغاچقا سانائەتنىڭ ئېس-تۈتەكلىرى، دېھقانچىلىق دورىلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان موھىت بۇلغىنىشنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىمايدۇ دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا مەيلى بالىلار ياكى چوڭلارغا بولسۇن سۈپەتلىك، ئىشەنچلىك ساپ ھەسەل تەبئىي ‹‹يېشىل يېمەكلىك›› بولۇپ، مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىپ بەرسە كۆپ خىل مىنرالنى ماددىلار بەدەننىڭ ھەر قايسى ئەزا-توقۇلمىلارنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن ھەزىم سىستېمىسىغا تەۋە ئەزالارنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرىشىدىمۇ ئالاھىدە رول ئوينايدۇ. جۈملىدىن بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ھەسەل ئىچكۈزۈپ بىرىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك پايدىلىرى بار:
1. ھەسەلنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل مىنىرال تەركىبلەر، ۋېتامىنلار بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى زۆرۈر ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلايدۇ.
2. مېڭىگە كېرەكلىك ئوزۇقلارنى تەمىنلەپ، يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ زىھنى قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ. ئەقىللىق، ساغلام بولىشىغا ياردەم بىرىدۇ.
3. ئومومىي بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ ئاسان زۇكام ، يۆتەل بولۇپ قالىدىغان، ئىشتاھاسىزلىق قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
4. ھەزىم سىستېىسىنى ياخشىلاپ يېگەن ھەر خىل قۇۋۋەتلەرنىڭ ئىھتىياجلىق ئەزالارغا سۈمۈرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
5. تېرىنى سۈزۈپ چىرايلىق چوڭ بولىشىغا ياردىمى بولىدۇ.
…..
ھەسەل تاتلىق بولغان بىلەن بالىلار چىشىنىڭ ئېمال قەۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاۋسترالىييەلىك بالىلار مۇتەخەسىسىسلىرى بالىلارغا چىش چىقىش مەزگىلىدە، چىش مىلىكىگە ھەسەل سۈركەپ قويۇش كېرەك، دەپ قارىغان.
بالىلارغا نەچچە ياش ۋاقىتتىن باشلاپ ھەسەل يېگۈزۈپ بەرسە بولىدىغانلىقى ھەققىدە پەرقلىق كۆز قاراشلار بولۇپ بەزىلەر بىر ياشتىن ئاشقاندا دېسە يەنە بەزىلەر ئىككى ياشتىن باشلاپ ھەسەل يېسە بولىدۇ دەپتۇ. كۆپۈنچە ئاتا-ئانىلار مۇشۇ ھەقتە مەندىن تولا سورايدۇ. ئائىلە ئەمەلىيىتىمگە كۆرە مەن بالىلىرىم ئالتە ئايلىق بولغاندىن باشلاپلا ھەسەل يېگۈزىدىغان بولۇپ دەسلىپىدە يالىتىپ قوياتتىم. سەل چوڭراق بولغاندا سوۋۇتۇلغان قايناقسۇغا مۇۋاپىق تەڭشەپ ئىچكۈزۈپ ياكى يۇمشاق نانغا مىلەپ بەرگەن.
- مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

ئەمىسە، ئىشەنچلىك ساپ ھەسەلنى قەيەردىن ئالساق بولا دەپ ئويلىنىپ قىلىۋاتقان بولسىڭىز 80خالتا دۇكىنىمىزدىكى ئېسىل ھەسەللىرىمىز نەزىرىڭىزدىن ساقىت بولمىسۇن!
مەنزىلىمىز: 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت چاي، دورا-دەرمەك، ھەسەل دۇكىنى
قەشقەر شەھەر ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7- رايون A بۆلەك 018-نۇمۇر (2-قەۋەت) يەنى ھېيتگاھ مەسچىت ئالدى مەيدان نوربېشى تەرەپ گۈمبەز يېنىدىكى نوربېشى ئاشخانىسىنىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدە. ھېيتگاھ مەيداندىكى چوڭ تېلۋىزوردىن 50 مېتىر نېرىدا. ھېيتگاھ مەسچىت نور بېشى تەرەپتىكى يان ئىشىكى ئۇدۇلىدا.
تېلفۇن: 0998-2820877
يانفۇن:13565662787
باش ئۇستام: مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

 


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ