جىنسىي ئىستەكنى سۈئىي ئۇسۇللار بىلەن قانائەتلەندۈرۈش زىيانلىقمۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم مۇھەممەتتۇرسۇن ئەپەندى .
مەن سىلىدىن بىر مەسلىھەت سوراش نىيىتىدە بولغىلى خىلى بىر ۋاقىتلار بولغان بولسىمۇ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى بۈگۈنگچە سوزۇلۇپ كەلدى ، بۈگۈن ئۆزلىرىگە بايان ئەيلەي ، جاۋاپلىرىنى ئايىمىغايلا!
1.مەسىلە : مەن توي قىلغىلى توت يىل بولغان .ھازىر 2  پەرزەنتلىك بولدۇم . ئەمما خىزمەت سەۋەبىدىن ئائىلەمدىن ئايرىلىپ ئىچكىرى ئۆلىكىدە 2 يىل تۇرماقچى بولۇپ (ئويدىن ئايرىلغىلى 2 ئايدىن ئاشتى )يىلدا بىر قايتىمەن  ، بۇ جەرياندا مەن ئۇزۇن مەزگىل بويتاقلىق ھاياتمغا قايتىشقا توغىرا كىلىدكەن . مۇشۇ ئۇزۇن مەزگىل جىنسى مۇناسىۋەتتىن توختاش ئەرلەرنىڭ  جىنسى ئىقتىدارى ئاجىزلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرامدۇ ؟ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا قانداق ئالدىنى ئىلىش  ئۇسۇلۇنى قوللانسام بولىدۇ ؟
2.مەسىلە : بەزى دوسلىرىمدىن ئاڭلىسام توي قىلغاندىن كيىن تۇيۇقسىزلا جىنسى مۇناسۋەتتىن ئۇزۇن ۋاقىت توختاش يۇقارقىدەك كىسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ دىيىشدۇ ،بىر ئاساسى بارمۇ ؟ يەنە ئۇلار ماڭا ”سۇلىياۋ ئايال ”ياكى سۈنئىي پەرىجە ئىلىپ بىرگە بولۇشنى تەۋىسيە قىلىشتى . بۇ ھەقتە مەسلەھەت بەرگەن بولسىلا!

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
ساغلام جىنسىيەت پىسخىكىسىغا ئىگە ئەرلەردە ئىككى – ئۈچ يىل (جىنسىي مۇناسىۋەتتىن خالىي) بويتاق ھايات كەچۈرگەنگە جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلاپ كېتىشى ناتايىن. خۇددىي نۇرمال ئەركەك 13 يېشىدا بالاغەتكە يەتكەن بولسا 26-27 ياشقىچە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن خالىي ياشىسىمۇ جىنسىي ئىقتىدارى كاردىن چىقمىغاندەك بىر ئىش. بويتاقچىلىق ھاياتتا جىنسىي ئەزالارغا، نېرۋا-كەيپىياتقا پايدىلىق بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ ئۇيقۇلۇقتىكى تەبئىي ئىھتىلام بولۇشتۇر. ئىھتىلام بولۇش جىنسىي تەشنالىقنىڭ ئۇيقۇ ھالىتىدىكى تەبئىي ئىنكاسى بولۇپ شۇ ئارقىلىق (يەنى شەيتان ئاتلاش) چىڭقىغان نېرىپلارنى بوشىتىدۇ، قۇترىغان جىنسىي ئىستەكلەرگە تەبئىي رەۋىشتە ئارام بىرىدۇ. يېغىلغان ئارتۇق قۇۋۋەتلەرنى تارقىتىدۇ، ھارارەتنى پەسەيتىدۇ. شۇڭا بويتاقچىلىق سەۋەبىدىن جىنىسي ئەزالاردا بېسىم پەيدا بولۇپ جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلاش ئەھۋالى كىلىپ چىقىشتىن ئەنسىرەش ئورۇنسىز بولسا كېرەك!
مەسىلە شۇ يەردىكى بويتاقچىلىق تۇرمۇشتا دىققەتنى جىنسىيەتكە زىيادە مەركەزلەشتۈرۋېلىش سەۋەبلىك يالىڭاچ ئاياللارنى، جىنسىي مۇناسىۋەت كۆرۈنۈشلىرىنى تولا خىيال قىلىش، كوچا-كويلاردىكى، تېلۋىزۇردىكى يىرىم يالىڭاچ، ناز خۇلۇقلۇق ئاياللارغا شەھۋەت نەزىرىدە قاراش دېگەندەكلەر ئاقىۋېتىدە ئانانىزىمغا ئادەتلىنىپ قىلىش سەۋەبلىك ئاقىۋەتتە جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلاش، جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئايالىدىن زوق ئالالماسلىق دېگەندەك جىسمانىي ھەم پىسخىك مەسىللەر كىلىپ چىقىشى مومكىن. بۇ ھەقتە ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى تەييارلاپ 80خالتا بلوگىمىزدا ئىلان قىلغان. تەپسىلاتنى شۇ تېمىلاردىن كۆرۈپ باققايسىز!

سۈنئىي پەرىجە ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان سۈنئىي ئۇسۇلدا جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇش ئانانىزىمغا ئوخشاشلا خۇمار قىلىش، ئادەتلىنىپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ جىسمانىي ھەم روھىي جەھەتتىن ئىنسانغا زەرەر يەتكۈزىدۇ. ئەخلاقىي نۇقتىدىن ئىلىپ ئېيتقاندىمۇ بۇ بىر ئەركەكنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئالدىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدا مۇھەببەت ۋە قوشۇلۇشنى ئىنتايىن گۈزەل شىرىنلىك ئىچىدە داۋام ئەتتۈرىدىغان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت بۇ كاتتا نىئمەتنى دەپسەندە قىلغانلىق.

بويتاقلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز شۇكى – ئومومىي جەھەتتىن ساغلام ئەركەك بولۇش ئۈچۈن شارائىتىڭىز يار بەرسە خۇدا نىسىپ ئەتكەن بىرسى بىلەن توي قىلىڭ، ئەگەر شارائىتىڭىز يار بەرمىسە ئارىلاپ بولسىمۇ قورسىقىڭىزنى ئاچ تۇتۇڭ . زىيادە قۇۋۋەتلىك غىزالارنى كۆپ ئىستىمال قىلماڭ، كۆپرەك بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىڭ، ۋاقتىڭىزنى ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن ئالدىراش تۇتۇڭ، شەھۋەتنى قوزغاشقا سەۋەب بولىدىغان موھىتتىن ئىمكان بار يىراق يۈرۈڭ.
مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
2009-يىل 12-ئاي


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ