ئەرلىك ئەزاغا زىيانلىق ئامىللار

sad_man
1. زىيادە ئاچچىقلىنىش، روھىي چۈشكۈنلۈك، غەم-ئەندىشىنىڭ كۆپ بولۇشى، قاتارلى ناچار روھىي كەيپىياتلار قۇۋۋىتى شەھۋانيىنى كېسىپ جىنسىي ھەۋەس سۇسلىشىش، زەكەر قايىم بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. يېتەرلىك ئۇخلىمىغاندا بەدەندىكى قۇۋۋەتلەرنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ جنسىي ھەۋەس سۇسلىشىدۇ، زەكەر قايىم بولمايدۇ.
3. جنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئاز بولۇشى ياكى زىيادە كۆپ بولۇشى ۋە ياكى پەقەت بولماسلىقى زەكەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاستۇرىدۇ.
4. ئوزۇقلۇقنىڭ ناچار بولۇشى زەكەرنىڭ تولۇق تىكلەنمەسلىكى، زەكەر بوشىشىش ۋە زەكەر يىگىلەش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. ئانانىزىمنىڭ كۆپ بولۇشى زەكەرنىڭ تۈزۈلۈشىدە غەيرىيلىك پەيدا قىلىپ، زەكەرنىڭ ئاجىزلىشىشىنى، تۈۋى تەرەپ ئىنچىكە، ئۇچى توم بولۇشىنى ھەم زەكەرنىڭ مايماقلىقىنى ، يېگىلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6.زىيادە سوغۇقلۇق تەسىرىدىن زەكەر ئىستىرخاسى * كېلىپ چىقىدۇ.
7. ھەرخىل جىنسىي ھەۋەس قۇزغاتقۇچى ھورمۇن تەركىبلىك دورىلارنى ئۇزاق مۇددەت ئشلەتكەندە زەكەردە زىيادە قان تولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، زەكەرگە ئوزۇقلۇق ماددىلار تولۇق يېتىپ بارالماسلقتىن زەكەرنىڭ يىگىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
8. ھەددىدىن زىيادە تار ئىچ كىيىم ۋە تار ئىشتانلارنى كىيگەندە زەكەرنى داۋاملىق بېسىپ تۇرغانلىقتىن قان ئايلىنىش ياخىشى بولماي، زەكەرنىڭ تۈزۈلۈشىدە غەيرىيلىك بولۇش بىلەن بىرگە زەكەر يىگىلەش ۋە جىنسىي ئىقتىدار توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
9.دائىم جنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى خىيال قىلىش، شەھۋانى مەزمۇندىكى ئۈن-سىن فىلىملىرىنى ۋە گىزىت -ژورناللارنى كۆرۈش قاتارلىقلار زەكەرنىڭ زەئىپلىكىنى ۋە جىنسىي ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ.

* ئىسـتىرخا: ئومومىي بەدەن ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ سەزگۈ ۋە ھەرىكەت نېرۋىلىرىنىڭ خىزمىتى سۇسلىشىشتىن كېلىپ چىقىدىغان، ئوتتۇرا ياشلىق ۋە ياشانغانلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ، كېسەللەنگەن جاينىڭ سېزىمى ساقلىنىپ قالسىمۇ، ھەركىتى سۇسلىشىپ كېتىش ياكى بوشاپ كېتىش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ يىرىم پالەچلىنىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
پايدىلانغان ماتېريال:
ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسراش


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ