ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰلىشىش ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ

قەدىمكى تېبابەتتە ”بۆرەك ئاجىزلاپ كېتىش“ تىكى ”بۆرەك“ پەقەت بەدەندىكى بۆرەك ئەزاسىنىلا كۆرسىتىپ قالماستىن ، بەلكى ئادەمنىڭ جىنسىي كۈچى ، جىنسىي ئالاقىسى ، جىنسىي تۇرمۇشى ، كۆپىيىش سېستىمىسنىڭ ئەھۋالى ، ئۆسۈپ- يېتىلىشى ، ھەزىم قىلىش ، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ نورمال بولۇش بولماسلىقىغا قارىتىلغان ئىدى . ”بۆرەك ئاجىزلاش ئالامىتى“ مۇ ناھايىتى كەڭ بولغان بىر ئۇقۇم بولۇپ ، ئۇ سۈيدۈك سېستىمىسى ، روھى ساغلاملىق ھەم ھەزىم قىلىش ، قان ، نەپەس ئېلىش قاتارلىق سېستىمىلارغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللك . شۇڭلاشقا ، بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ ئالامەتلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولىدۇ ، ئومۇمەن تۆۋەندىكىچە :

man_sad_bed
بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ مېڭە جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:
ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش .
مېڭە ئاجىزلىشىش ،دېققىتىنى مەركەزلةشتۈرەلمەسىلىك ، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەش.

بۆرەك ئاجىزلىشىشنىڭ كەيپىيات جەھەتتىكى ئىپادىسى:
كەيپىيات تۇراقسىز بولۇش
كەيپىياتنىڭ باشقۇرۇش تەسكە چۈشۈش ، باش قېيىش ، ئاسان ئاچچىقلىنىش ، جاھىل بولۇپ قېلىش ، خامۇش بولۇپ قېلىش
بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ ئىشەنچ – ئىرادە جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:
ئىشەنچسىز بولۇش كېرەك .
ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئاجىزلاش، خىزمەت قىزغىنلىقى بولماسلىق ، تۇرمۇشتا قىزغىنلىق بولماسىلىق ، ياشاش نىشانى بولماسىلىق.

بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت جەھەتتىكى ئالامەتلىرى:
جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ؛ ئەرلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان قىزىقىشى تۆۋەنلەش ، جىنسىي ئىستىكى تۆۋەنلەش ، جنسىي ئەزايى تۇرماسلىق ، ياكى تۇرسىمۇ قاتتىق بولالماسلىق ، مەنى(ئىسپىرما) تۇتالماسلىق ، بالدۇر چىقىپ كېتىش ، مىكروسكوپتا ئىسپىرمىنى كۆزەتكەندە ، ئىسپىرمىنىڭ ئاكتىپلىقى تۆۋەنلەش ، ئىسپىرما ھۆجەيرلىرى ئازلاش ، بالىلىق بولالماسلىق .
ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى نورمال يېتىلمەسلىك ، ھەيز قالايمقانلىشىش ، جىنسىي ئىستىكى تۆۋەنلەش ، بالىلىق بولالماسىلىق .
بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ سۈيدۈك سېستىمىسىدىكى ئالامەتلىرى:
كىچىك تەرەت سانى كۆپىيىش ، كىچىك تەرەت قىستاش ، كىچىك تەرەت رەڭگى سۇسلىشىش .

بۆرەك ئاجىزلىشىنىڭ يەنە باشقا ئالامەتلىرى:
بالدۇر ئاجىزلىشىش؛ ئۇنتۇغاق ، ئۇيقۇسىزلىنىش ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ، سۆڭەك ، بوغۇملار ئاغرىش ، بەل ، تىزلار سىرقىراپ ئاغرىش ، كۈچسىزلىنىش ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش ، ئاڭلاش سېزىمى ئاجىزلىشىش . چاچ چۈشۈش ، چاچ بالدۇر ئاقىرىش . چىش بوشاپ كېتىش .
چىرايى سۇلغۇنلىشىش ، قارا چەمبىرەك چوڭقۇرلاش ، تېرە رەڭگى نۇرسىزلىنىش ، تېرە يىرىكلىشىش ،قۇرغاقلىشىش ، بالدۇرلا قورۇق كۆرۈنۈش ، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىكى تۆۋەنلەش . ئاياللارنىڭ كۆكسى ساڭگىلاش ، بەل ، قورساقتا مايلار يىغىلىش قاتارلىق پۈتۈن بەدەن ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ .


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...