ئەركەكلەرنى كېسەلچان قىلىۋاتقان سەۋەبلەر

ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﺵ، ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﭖ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ئاﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺗﻰ . ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯘﭼﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﭖ، ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﭖ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻘﺎ ئۇﺭﯗﻧﯘﺵ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻳﺎﺧﺸﻰ ئاﻗﯩﯟﻩﺕ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﺑﭽﯩﺴﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﻧﺴﺎ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﯩﻴﯩﺪﯗ.ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﺵ ئاﻻھىدﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻠﯩﻤﺪﯗﺭ . ھەﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ھەرخىل ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ھاﺯﯨﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ئۇﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ 1000 ﺧﯩﻠﺪﯨﻦ ئاﺭﺗﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ. ئەﺭﻟﻪﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻤﯘ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺕ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻯ ھېسابلىنىدۇ. ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺋﯩﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﯩﻠﺖ، ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﺰﺍﺟﻐﺎ ﻳﺎﺗﯩﺪﯗ، ئاﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺗﻪھلىل ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ئاﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻼﺝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ. ﺑﯩﺰ بۈگۈن 80خالتا ( www.80halta.com ) بلوگىمىزدا ئەﺭﻟﻪﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯘﭼﻰ ئاﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ئۆﺗﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯘ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺋﯩﻜﻜﻰ خىلغا ﺑﯚﻟﯩﻨﯩﺪﯗ:
1. ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ
(1) شەھۋەتكە بىرىلىش. ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩتنىڭ كۆپ بولىشى؛ شەھۋانىي ھەﯞﻩﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ئاﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﻛﯚﭖ ئوﻳﻼﺵ، شەھۋانىي ﻛﯩﺘﺎﭖ ، ھىكاﻳﻪ، ﺭﻭﻣﺎﻥ، شەھۋانىي كۆرۈنۈشلۈك ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ، ئانانىزىم يەنى ئەرلىك ئەزاسىنى قولىدا ياكى باشقا نەرسىلەرگە سۈركەپ مەنىي چىقىرىپ لەززەتلىنىشكە خۇمار بولۇپ قىلىش ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻣﯘ ﻣﻪﻧﯩﻲ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﻰ ﺋﯩﺸﺸﯩﻘﻰ، ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ، ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلاش ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئاياللارنىڭ زىيادە يالىڭاچلىشىشىمۇ ئەرلەردە مەزى بېزى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.
(2) ﻻﺯﺍ، ئاﭼﭽﯩﻘﺴﯘ، ھاﺭﺍﻗﻘﺎ ئوﺧﺸﺎﺵ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ؛
(3)ﻧﻪﺷﻪ، ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ، ﺧﯩﺮﻭﺋﯩﻦ، ئۇﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ھەرﺧﯩﻞ ﺯﻩھەﺭﻟﯩﻚ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺷﻪھۋەتنى ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﻜﯜﭼﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ؛
(4) ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﻠﯩﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ئەﺭﻟﻪﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ئۇﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺳﻪﭘﺮﺍ ئوﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺟﺎﺭﺍھىتى، ئۆﺗﻜﯜﺭ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﯰﺭﯗﻗﺪﺍﻥ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.
(5) نىكاھ سىرتىدا جىنسىي تۇرمۇشى قالايمىقان ئاياللار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش سەۋەبىدىن سۆزنەك، سىفلىس، غەيرى سۆزنەك شارچە باكتىريەسى دېگەندەك ۋىرۇسلار بىلەن يۇقۇملىنىپ مەزىبېىزى، ئۇرۇقدان ياللۇقلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
(6)روھىي ئامىللار سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ. دەسلەپكى جىنسىي مۇناسىۋەت كەچمىشىنىڭ مەغلۇپ بولىشى سەۋەبلىك جىنسىي ئىقتىدارىغا نىسبەتەن ئىزچىل گۇمان، دەككە-دۈكىدە بولۇش؛ جىنسىي ئىقتىدارى ياكى ئەزاسىنىڭ ئايالى تەرىپىدىن كەمسىتىلىشكە ئۇچرىشى؛ ئۇزۇن ۋاقىت روھىي بېسىم، دىشۋارچىلىق سەۋەبىدىن چۈشكۈنلۈشۈپ كېتىش؛ ئۇزۇن ۋاقىت بويتاق يۈرۈش دېگەندەك ئامىللار سەۋەبىدىنمۇ ئەرلىك ئاجىزلىق كىلىپ چىقىدۇ.
2. ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ
ئۇﺭﯗﻟﯘﺵ، ﺳﻮﻗﯘﻟﯘﺵ، ﺳﻮﻏﯘﻗﺘﺎ ﻛﯚﭖ ﺗﻮﯕﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ، ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ، ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﻏﯩﺰﺍ ﯞﻩ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﯨﺘﺘﯩﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ .ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ئۇﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ئاﭘﺘﺎﭘﺘﺎ ﻗﯧﻠﯩﺶ، ھاﯞﺍﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ئۇزﯗﻥ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺳﻮﻏﯘﻗﻠﯘﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ئۇزﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ؛ ﺳﯜﺭﮔﯜ ﯞﻩ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ھەﻳﺪﯨﮕﯜﭼﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئاﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﺗﺎﺯﻟﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ئەﺭﻟﻪﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯘﭼﻰ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﺩﯗﺭ.
ئۇﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻟﻮﻗﻤﺎﻥ ھېكىمنىڭ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻧﻪسىھەتى ﺑﺎﺭ: ئۇﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﻛﯚﭖ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛﺵ، ﻣﯘﻧﭽﯩﺪﺍ ئۇﺯﯗﻧﺮﺍﻕ ﻳﯘﻳﯘﻧﯘﺵ ﯞﻩ ﻣﯘﻧﭽﯩﺪﺍ ﺟﯩﻤﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻳﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺟﯩﻤﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻛﯚﭖ ئاﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺶ، ئاﭼﭽﯩﻖ – ﭼﯜﭼﯜﻙ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﯩﻴﯩﺶ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻨﻰ ﺗﻪﺧﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ئەﺭﻟﯩﻜﻨﻰ ئاﺟﯩﺰﻟﯩﺘﯩﭗ ئۆﻣﯜﺭﻧﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﺪﯗ.
ئۇنىڭدىن باشقا سانائەت ئىچىملىكلىرىنى كۆپ ئىچىش، توڭلاتقۇدا مۇزلىتىلغان يېمەك-ئىچمەكنىڭ كۆپ ئىستىمال قىلىنىشى، ئۇزۇن ۋاقىت كېچىسى ئۇيقۇسىز قىلىش، ھورۇنلۇق قىلىپ بەدەن چىنىقتۇرماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەرمۇ جىگەرنى ئاجىزلىتىدۇ، ئومومىي بەدەن مىزاجىنى سوۋۇتۇپ پەي-مۇسكۇللارنى بوشىتىدۇ.
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
يازما ئاپتۇرىنى 13565662787 تېلفۇن نۇمۇرى ئارقىلىق ئۈندىدارغا قوشۇلىۋالالايسىز!


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...