زەكەرنى ئاسراشتا يۇقىرقى زىيانلىق ئامىللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى تەدبىرلارنى قوللىنىش لازىم.
1. كەكلىك گۆشى، بۆدۈنە گۆشى، پاقلان گۆشى، باچكا گۆشى، ئالما شەربىتى، ئانار شەربىتى، ئۈزۈم شەربىتى قاتارلىقلار ئىستېمال قېلىنىدۇ.
2.ياڭاق چۆچۆرىسى، قايماق چۆچۆرىسى، گۆش گىردە، پولو، ھەرخىل كاۋاپلار، تۇخۇم قاتارلىقلار ئىستېمال قېلىنىدۇ.
3. ئەنجۇر، بانان، ئۈزۈم ، ياڭاق، بادام قاتارلىقلارمۇ مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىنىدۇ.
4. سەۋزە مۇرابباسى، ياڭاق مۇرابباسى، ئەنجۇر مۇرابباسى، زەنجىۋىل مۇرابباسى قاتارلىقلارنىمۇ مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بېرىش كىرەك .
5. سەۋزە ۋە چامغۇر كۆپرەك سېلىنغان شورپىلارنى ئچىپ بېرش كېرەك.
6. قوي، كالىنىڭ ئۇرۇقدېنىنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە پايدىلىق .
7.زەكەرنى سىرتىدىن تۇخۇم يېغى ۋە زەيتۇن يېغى بىلەن مايلاپ بېرش لازىم. ئولتۇرغاندا پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرماسلىق لازىم.
8. تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىشنى چەكلەش لازىم.
9. قىزىل ئۈزۈمدىن، ياڭاق مېغىزىدىن مۇۋاپىق ئىلىپ سوقماق قىلىپ ئىستېمال قىلىش پايدىلىق.
10. تەرخەمەك ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، بەدىيان، ئىتئۈزۈمى، شاھتەررە، كەرەپشە ئۇرۇقى ھەربىرىنى 10 گرامدىن ئىلىپ، چايلىق سوقۇپ ئىچىشكە بەرسە، سۈيدۈكنى راۋان قىلىپ، سۈيدۈك يولىنى تازلايدۇ، سۆزنەكنى يوق قىلىدۇ.
11. زەيتۇن يېغى بىلەن ئۆچكىنىڭ بۆرەك يېغى، ئۆردەك يېغى، كالا يېغىدىن 30گرامدىن، گۈل يېغىدىن 60 گرام ئىلىپ ئارلاشتۇرۇپ، زەكەرنىڭ ئەتراپىنى داۋاملىق ياغلاشقا بۇيرىلىدۇ.
12. ئۇچار قۇشلارنىڭ گۆشىنى، بولۇپمۇ ئاق قۇشقاچنىڭ گۆشىنى كاۋاپ قىلىپ ئىستېمال قىلسا پايدىلىق.
13 . ماددەتۇل ھايات، لوبوبى كەبىر، جاۋارىش زەر ئۇنى قاتارلىق مۇرەككەپ نۇسقىلىق دورىلار بۆرەك ھەم ئەرلىك ئەزانى كۈچەيتىدۇ. health and body
پايدىلانغان ماتېريال: ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسراش