سۈيدۈك تۇتالماسلىق ياكى تولۇق ئۈزۈلمەسلىكنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ؟

تورداشلار سۇئاللىرىدىن:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇھەممەتتۇرسۇن ئەپەندى، ئوغۇللارنىڭ سوغۇقى ئېشىپ كەتسە سۈيدۈك تۇتالمايدىغان ياكى ئۈزەلمەيدىغان بولۇپ قالامدۇ؟ چوڭلار خېلى كۈنلەرگىچە شۇنداق دەيتتى، ئاساسىنى بىلىپ باقاي دەيمەن.

جاۋاپ:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكىلەرنىڭ قارىشىچە زىيادە ھۆل سوغۇقلۇق سەۋەبىدىن پەي-مۇسكۇللار، نېرۋا-ئەسەبلەر بوشىشىپ بەدەننىڭ تۇتۇش كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا روھىي ئامىللارمۇ بەدەننىڭ تۇتۇش كۈچىنى ئاجىزلىتىۋېتىدىغان ئامىللاردىن بولۇپ ئانانىزىمغا ئادەتلىنىپ قىلىپ ئۇزاقراق داۋاملاشتۇرغان ئوغۇللاردىمۇ دوۋسۇن چىڭقىلىپ بولغۇچە سۈيدۈك قىستاپ كېتىدىغان، ئېغىرراق بولغاندا تۇتالمايدىغان؛ شەھۋەت غىدىقلىنىشقا دۇچ كەلگەندە ئاسانلا قويۇپ بىرىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. بۇ ئاشۇ ئۇزاق ۋاقىت قولىدا غىدىقلاپ چىقىرىش جەريانىدا مېڭىدە شەكىللەنگەن رېفىلكىس سەۋەبلىك بولىشىمۇ مومكىن. بۇ ئىككى خىل ئەھۋال كۆپۈنچە ھاللاردا بىرلەشكەندە ئاندىن سۈيدۈك تۇتالمايدىغان، مەنىي تىز يۈرۈك كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىشى مومكىن.

سۇئال داۋامى: سۈيدۈك تۇتالماسلىق ھاجەتتىن بوشىنىپ قەغەز بىلەن پاكىزلانغاندا كۆرۈلۈپ قالىدىكەن، ئەمما ھاجەت قىپ بولۇپ تاھارەت ئېلىۋەتسە ئۇنداق بولمايدىكەن، سۇنىڭ ئىسسىقلىقى سەۋەبىدىن شۇنداقمىدۇ دېسەم، سوغۇق سۇدا تاھارەت ئالسىمۇ ئۇنداق بولمايدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى نېمىدۇ؟

جاۋاپ:
سىلى باشتىكى سۇئاللىرىدا سۈيدۈك تۇتالماسلىق دېسىلىرى ، سۈيدۈك قىستاپ كەتكەندە ھاجەتخانىغا بىرىپ بولغۇچە چىقىرىپ سالىدىغان ئەھۋاللار دەپ چۈشۈنۈپتىمەن.
كىچىك تەرەتتىن كىيىن يەنە چالىسى قالغاندەك سېزىم بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كىيىن يەنە بىر قانچە تامچە سۈيدۈك كىلىپ قىلىشنى دېمەكچى ئىكەنلا ئەسلىدە.
بۇ ئەھۋال كۆپۈنچە مەزىبېزىنىڭ سۈيدۈك تولۇق چىقىپ بولماستىن بۇرۇن سۈيدۈكنى قېسىپ قويىشى بىلەن بولىدۇ. بۇنى بەزىلەر مۇنداق ئاددىي تىل بىلەن چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ: تۇربىنىڭ جۈمىكى يېڭى، نۇرمال ئىشلەۋاتقاندا سۇنى چۈشۈرۈپ بولۇپ ئەتسەك چىپپىدە توختايدۇ. پەقەتلا تامچىلىمايدۇ. لىكىن جۈمەك كونىراپ قالسا سۇنى تولۇق ئېتەلمەي تامچىلاپ قالىدۇ.
بۇ ئەھۋالدا مەزى بېزى، بۆرەك، دوۋسۇن دېگەندەك سۈيدۈك چىقىرىش سىستېمىسىغا تەۋە ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدىغانغا ئاز تولا چارە قىلسا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
ئەگەر بۇ ئەھۋال سوغۇقلۇق تەسىرىدىن بولغان بولسا تۇتۇش كۈچىنى ياخشىلايدىغان، چېڭىتىدىغان ئىسسىقلىق چارىلەرنى قىلسا بولىدۇ.
- مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...