تورداشلار سۇئاللىرىدىن:
ئەسسالام-ئەلەيكۇم مۇھەممەتتۇرسۇن ئەپەندى، سىزدىن مەنمۇ بىر ئىككى ئەھۋالنى سورىۋالسام، مۇشۇ دۈمبە ئۈستى تەرىپىمگە يامان ئۇششاق قىزىل نەرسىلەر كۆپ چىقىدۇ. بۇ نىمىنىڭ تەسىرىدىن ؟ بۇنىڭ ئالدىنى قانداق ئالسام بولىدۇ ؟
جاۋاپ:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
كەيپىيات، ھورمۇن، يېمەكلىك دېگەندەك ئامىللار سەۋەبىدىن خىلىتلاردا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلگەندە ئاشۇنداق ئۇششاق مۇدۇرلار كۆپ چىقىشى مومكىن. بۇ ئادەتتە توي قىلمىغان ياشلاردا كۆپرەك كۆرىلىدۇ. بۇنىڭغا كۆرىدىغان چارە: زىيادە مايلىق تاماقلاردىن، ئاچچىق يېمەكلەردىن ساقلىنىدۇ. كۆپرەك بەدەن چىنىقتۇرۇپ قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش كېرەك. يۇيۇنۇپ بولغاندىن كىيىن بىسىپ سۈرۈتۈپ بەرگەننىڭمۇ پايدىسى بولىدۇ. ئاندىن دۈمبە تەرەپتىن قان ئالدۇرۇپ لوڭقا قويدۇرۇش ئارقىلىقمۇ بەدەندىكى بۇزۇلغان خىلىتلارنى تازىلاپ مۇدۇرلارنى ئازلىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر خىلىتلارنىڭ بۇزۇلۇشى ئېغىرراق بولۇپ خىلىتلارنى پۇشۇرۇپ، سۈرۈپ تازىلاش ئۈچۈن دورا ئىچىش توغرا كەلسە تەجىربىلىك تېۋىپ-ھەكىملەرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئالسا بولىدۇ.