مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
ھاۋا ئىسسىپ تەشنالىقنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇسسۇزلۇقنى باسىدىغانغا ھەر خىل چاي، تەبئىي ئىچىملىكلەردىن مىزاجىمىزغا ياقىدىغاننى تەييارلاپ ئىچىشنى ئۈگۈنۈپ قويغاننىڭ پايدىسى بار. بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم – چۈلە چېيى دەملەش.
چۈلە چېيىنىڭ تەمى، رەڭگى كۆڭۈلگە ياقىدىغان بولۇپ ئۇنىڭ ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، سوغۇق مىزاجلىقلارنىڭ ئاشقازان ئۈچېيىگە مەنپەئەت قىلىش، ئوزۇق تولۇقلاش، بەدەننىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقىتىدارىنى ياخشىلاش، مەلۇم جەھەتتىن راك ھۈجەيرىلىرىنى تىزگىنلەش دېگەندەك شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى بار.
دەملەش ئۇسۇلى:
8-9 تال تەبئىي قۇرۇتۇلغان گۆشلۈك گۈلە (ئۈرۈك قېقى) نى پاكىز يۇيۇپ چاي چەينىكىگە سالىمىز، ئۈستىگە سوغۇق سۇ قۇيۇپ تۆۋەن ئوتتا بەش مىنۇت قاينىتىمىز، ئاندىن ئوتنى توختىتىپ تەخمىنەن يىرىم سائەت ئەتراپىدا تۇرغۇزغاندىن كىيىن قايتىدىن ئوتنى ئېچىپ سۇ قاينىغاندا سۈپەتلىك قىزىلچايدىن چاي قوشىقىدا ئۈچ قوشۇق سېلىپ بەش مىنۇت قاينىتىپ توختىتىمىز. سەل توختاتقاندىن كىيىن ئەينەك ئىستاكانغا قۇيۇپ شىكەر بىلەن تەمىنى تەڭشەپ ئىچسەك بولىدۇ.
بۇ چاينىڭ تەبئىتى ئىسسىق بولۇپ ئىسسىق تەبىئەتلىكلەر ئازىراق ئىچسە ياخشى. ئەگەر ئىسسىق كىلىشتىن قورقساق بۇ چاي خۇرۇچلىرى تەركىبىگە 8-9 تال يەرلىك چىلان قوشۇپ تەمىنى چىقىرىپ دەملەپ ئىچىپ بەرسەك بولىدۇ.
80خالتا دۇكىنىدا تەييارلىنىدىغان كۈندۈلۈك چاي، قەھۋە، مېۋە شەربەتلىرىنى تەييارلاش ھۈنەرلىرىگە كۆز تاشلاپ تۇراي دەپ ئويلىغان بولسىڭىز 13565662787 تېلفۇن نۇمۇرى ئارقىلىق ئۈندىدارغا قوشىلىۋالالايسىز!