مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
80خالتا بلوگى، «30 كۈنلۈك ئوزۇقلىنىش پىلانى » توپىنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى مەزمۇنلىرى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھاياتىنى ساقلىق ئىچىدە داۋام ئەتمەك ئۈچۈن ئەسلىدىن خاتا بولغان، لىكىن ئىزچىل توغرا قىلىۋاتىمىز دەپ بىلىدىغان كۆنۈپ كەتكەن غىزالىنىش، مىھماندارچىلىق ئادىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ توغرا، ئىلمىي بولغان ئوزۇقلىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ھازىر بولغان ئەزىزلەر! كۇلۇبىمىزغا خۇش كەلدىڭلار! ھازىر بىز يېمەكلىك يېتىشمەسلىك مەسىلىسى ئەمەس بەلكى بەدەن ئىھتىياجىمىزغا ئۇيغۇنلاشقان ئوزۇقلىنىش ئادىتىمىزنىڭ بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن ”ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك“ مەسىلىسىگە دۇچ كىلىۋاتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىھتىياجىمىزدىن ئىشىپ كەتكەن قەنت، ماي ۋە باشقا ھەر خىل ئەخلەت تەركىبلەرنىڭ قورشاۋىدا، تەھدىتى ئاستىدا بىلىپ-بىلمەي تەن ساقلىقىمىزنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلغان بىر ھالەتتە ھاياتىمىزنى داۋام قىلىۋاتىمىز. ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ئاﺩﯨﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ، ﻳﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻭﺯﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ-ياشام ئاﺩﯨﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ئاﺯ ئەﻣﻪﺱ. ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﻧﯘﺭﻣﺎﻟﺪﻩﻙ ﺗﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭘﻤﯘ ﻗﻮﻝ ﺋﯛﺯﻩﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﺗﺎ ئىكەنلىكى ئىنىق، ﺋﯙﺯﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯙﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻜﻪ، ﭼﯩﻘﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯙﺭﯛﭖ-ﺋﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ئاﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﻪﻛﻼ ﺋﻭﻣﻮﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. شۇنىڭ بىلەن بىر پۈتۈن جەمئىيەت، ئائىلە ئەزالىرى ھەر قاچان كېسەللىك ۋەھىمىسى ئاستىدىمۇ بېخرامان ياشاۋېرىدىغان بولۇپ قالدۇق. نۇرغۇنلىغان ساقسىزلىقلار، سوزۇلما كېسەللىكلەر ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان بولغاچقا بارا-بارا بۇ خىل ئەھۋاللار ”ھازىر ھەممە ئادەمدە بار“ دەپ قارىلىپ نۇرمال بىلىنىدىغان نۇرمالسىز تەتۈرلۈك ئىچىدە ھاياتنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز! ئەمەلىيەتتە بىز ”مېنىڭ بەدىنىم“، ”مەن ئۆزۈم“ دەيدىغان بەدىنىمىزنى ئۇنچىۋالا ياخشى چۈشەنمەيمىز. چۈشۈنۈشكىمۇ تۈزۈك كۆڭۈل بۆلۈپ باقمىدۇق. بىلىدىغانلىرىمىز پەقەت پارچە-پۇرات نەرسىلەر بولۇپ ”مەن، ئۆزۈم“ دېگەنگە چۇشلۇق ئەتراپلىق چۈشەنمەيمىز. ئەگەر تېنىمىز ۋە ئۇنىڭ ئىھتىياجىنى ئوبدان بىلگىنىمىزدە نەقەدەر رەھىمسىزلىك بىلەن ئۆزىمىزگە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ يېتەتتۇق. ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯙﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ، ﺋﯙﺯﯨﻤﯩﺰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﻤﯩﺴﻪﻙ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﺰ ﺋﯛﭼﯜﻥ ﺋﺍﺳﺮﺍﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ-ﺗﯧﯟﯨﭙﻼﺭﻣﯘ ﺋﺍﻣﺎﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﺋﺍﺟﯩﺰ ﺗﯧﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﭼﯩﺮﻣﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺷﻨﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﺍﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ئەﻱ ئاﻗﯩﻠﻼﺭ، ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺳﺎﻕ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﻪﻳﻠﻰ! نىھايەتكى ھېچبولمىغاندا بۇ توپقا قوشۇلغانلار، ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ساغلاملىقى، خۇشاللىقى ئۈچۈن توغرا، ئىلمىي بولغان ئوزۇقلىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بەلنى مەھكەم باغلاپ يولغا چىققانلاردۇر! ھەممىمىزگە قولاي بولسۇن! ئۇنداقتا قانداق ئوزۇقلانساق ئىلمىي بولىدىكەن؟ خوش…بۇ ھەقتە زامانىمىزدىكى ئىتراپ قىلىنغان، نوپۇزلۇق كۆز قاراشلاردا تېنىمىزگە ئۇيغۇن بولمىغان يېمەكلىكلەر تۆۋەندىكىلەر ئىكەن: بارلىق خىمىرلار (نان، لەغمەنلەرگىچە) ، شىكەر قوشۇلغان بارلىق يېمەكلىكلەر، ئىچىملىكلەر. ئۆسۈملۈك مايلىرىنى قىزدۇرۇپ پۇشۇرۇلغان ساڭزا-قۇيماقتىن باشلاپ توخۇ پاچىقى، بەرەنگە قەلەمچىسىگىچە. ئەمدى بىزنىڭ ئىجرا قىلماقچى بولغان بىر ئايلىق ئوزۇقلىنىش پىلانىدىكى يېمەكلىك ئۆلچىمى تېخىمۇ قاتتىق بولۇپ ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر دەپ قارىلىدىغان ھەسەل، سۈتلەرنىمۇ مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە ئىستىمال قىلماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇنداق ئادەمنىڭ كاللىسىدىن ئاسان ئۆتمەيدىغان قاراشنىڭ سەۋەبى نېمىكىن دېسەڭلار، مۇشۇ 30 كۈنلۈك قاتتىق بولغان ئوزۇقلىنىش تەلىپىگە ئۇيغۇن غىزالىنىش ئارقىلىق ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بىرى بەدىنىمىزدە توپلىنىپ قالغان ئەخلەت، زەھەرلەرنىڭ تولۇق تازلىنىپ ھۈجەيرە-توقۇلمىلىرىمىزنىڭ قايتا توقۇلۇش جەريانىدا ئىھتىياجلىق بولىدىغان ساپ خۇرۇچلارنىڭ سۈمۈرلۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش. ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺷﭽﯩﻘﯩﺰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭘﺘﯘ: ﺑﯘ ﭘﯩﻼﻧﻨﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ؟ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺗﻮﭘﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯩﺮﯨﻴﺪﯗ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯨﻤﻪﻥ. ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ، ﺩﯨﺌﺎﺑﯩﺖ، ﻫﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ، ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯜﻙ، ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻳﯩﻐﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺋﯧﻨﯩﺮﮔﯩﻴﺴﻰ ﺋﯘﺭﻏﯘﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻫﻮﺭﯗﻧﻠﯘﻕ، ﺷﯧﻜﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﯘﻣﺎﺭﻧﻰ ﺗﺎﺷﻼﺵ (ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻧﺪﻩ ﺷﯩﻜﻪﺭﮔﻪ ﺧﯘﻣﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﻮﻛﺎﻳﯩﻨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﯘﻣﺎﺭﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻫﻪﺳﺴﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮﻛﻪﻥ، ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺋﺎﻣﺮﺍﻗﻼﺭ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺷﯧﻜﻪﺭﮔﻪ ﺧﯘﻣﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻣﻪﻱ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﻪﺯﺭﺍﺋﯩﻞ). ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﯩﺰ. ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﺍﻕ ﯞﻩ ﺳﯘﻟﯘﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺟﯘﻣﯘ ﺭﺍﺳﺖ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺟﺎﭘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﯜﭘﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺷﯧﻜﻪﺭﻧﻰ ﺟﺎﭘﺎ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻳﻼ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﻣﯧﯖﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺗﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ. ﺑﯘ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﻫﻪﻳﺪﻩﭖ ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﻣﺎﯕﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﻪﻡ ﻳﻮﻝ ﻣﯧﯖﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﻫﻪﻳﺪﻩﺷﺘﯩﻦ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺟﯩﻜﯩﻠﻪﭖ ﻳﻮﻝ ﻣﯧﯖﯩﺸﻘﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺶ. ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﻧﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻣﻪﻧﺒﻪ – ﺷﯧﻜﻪﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﯞﺍﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻟﻤﺎﻱ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻫﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﻮﺯﻏﯘﺗﯘﺵ. (1) ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﻤﻪﺳﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻼﻳﻤﯩﺰ: ﺑﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﯩﻜﻪﺭ ﯞﻩ ﺷﯩﻜﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﻟﯘﻏﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻻﺭ: ﺋﺎﻕ، ﻗﺎﺭﺍ ﺷﯩﻜﻪﺭ، ﻧﺎﯞﺍﺕ، ﻫﻪﺳﻪﻝ، ﺷﯩﻜﻪﺭ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﭘﯩﭽﯩﻨﻪ-ﭘﯩﺮﻩﻧﯩﻚ، ﺷﺎﻛﯩﻼﺕ، ﻫﺎﺭﺍﻕ، ﭘﯩﯟﻩ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺷﯩﻜﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. (2) ﺩﺍﻥ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ: ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ، ﻗﻮﻧﺎﻕ، ﺋﺎﺭﭘﺎ ﯞﻩ ﻣﻪﻥ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯘﻥ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺋﺎﻕ، ﻗﺎﺭﺍ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﮔﯜﺭﯛﭼﻠﻪﺭ. ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ: ﺩﺍﺩﯗﺭ، ﻳﻪﺭ ﻳﺎﯕﯩﻘﻰ، ﺳﯧﺮﯨﻖ، ﻳﯩﺸﯩﻞ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻣﺎﺷﻼﺭ، ﺩﯗﻓﯘ ﺋﯘﻳﯘﺗﻤﯩﺴﻰ، ﺩﯗﻓﯘ ﺳﯜﺗﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ. (3) ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﯜﺕ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻪﺭ: ﻛﺎﻻ، ﻗﻮﻱ، ﺋﯚﭼﻜﻪ ﺳﯜﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯩﺮﯨﻤﭽﯩﻜﻠﻪﺭ، ﻗﯘﺭﯗﺕ، ﺳﺎﺭﻣﺎﻱ، ﻗﯧﺘﯩﻖ، ﺳﯜﺕ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻼﺭ. (4) ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻣﺎﻳﻼﺭ: ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﭙﻪﺭﻩﺱ، ﻗﻮﻧﺎﻕ، ﺯﺍﺭﺍﯕﺰﺍ، ﺋﻪﺑﺠﻪﺵ ﻣﺎﻱ، ﻳﻪﺭﻳﺎﯕﯩﻘﻰ ﻣﯧﻴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ. (5) ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ-ﭼﯜﺷﺸﻪﻙ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ: ﻣﺎﻳﺪﺍ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﯕﻴﯘ ﻗﻪﻟﻪﻣﭽﯩﺴﻰ، ﺗﻮﺭﺗﻼﺭ، ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ-ﺗﯜﺭﯛﻣﻠﻪﺭ … (6) ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻪﻳﻤﯩﺰ، ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﻜﻪ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻮﺭﯗﻕ-ﺳﯩﻤﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯜﺯﻩﺗﻤﻪﻳﻤﯩﺰ، ﺗﻮﻻ ﺋﯚﺯﻣﻪﭘﺘﯘﻥ ﺳﯜﺭﻩﺕ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﯧﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯜﺯﻩﺗﻤﻪﻳﻤﯩﺰ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻪﻳﻤﯩﺰ؟ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﺰﯨﻤﻜﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﭼﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﯖﻼﺭ ﻫﻪﺭﻗﺎﭼﺎﻥ. ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻳﯩﮕﯩﻠﻰ ﻗﻮﻳﻤﯩﺴﺎ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺗﺎﻏﺎﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﻤﯘ ﺑﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﺭﺍﯕﻤﯘ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﻛﻪﺗﺘﯩﯖﻼﺭ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﻨﻤﺎﻱ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﺰﯨﭗ ﺋﯚﺗﻪﻱ، ﺋﯩﺸﺘﯩﻬﺎﻳﯩﯖﻼﺭ ﮔﯜﻟﻘﻪﻗﻪﻟﯩﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯘﻥ. (1) ﮔﯚﺷﻠﻪﺭ (2) ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ (3) ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭ (4) ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭ (5) ﻣﺎﻳﻼﺭ: ﻛﻮﻛﯘﺱ ﻣﯧﻴﻰ، ﺯﻩﻳﺘﯘﻥ ﻣﯧﻴﻰ، ﻗﯘﻳﺮﯗﻕ ﻣﺎﻱ (6) ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﺗﯧﺘﯩﻘﯘﻻﺭ (7) ﺗﯘﺧﯘﻣﻼﺭ (8) ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻣﯧﯟﻩ ﯞﻩ ﻣﯧﻐﯩﺰﻻﺭ: ﻳﺎﯕﺎﻕ، ﺑﺎﺩﺍﻡ، ﻳﯩﻤﯩﺶ ﭘﯩﺴﺘﻪ، ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ، ﺋﺎﻟﻤﺎ … ﻗﺎﻗﻠﯩﺮﻯ بۇ جەرياندا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارنى، يەيدىغان تاماقلىرىمىزنى كۈندە-كۈندە ئورتاقلىشىپ تۇرغايمىز! ھەممىمىزگە ئاسانلىق بولسۇن!
ئۈندىدار ۋە تېلىفۇن نۇمۇرى: 13565662787