مۇھەممەتتۇرسۇنۇن زۇنۇن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ”ئۆمۈرلۈك ساغلاملىق پىلانى“ توپىمىزغا خۇش كەلدىڭىز!
ياخشى پىلانلىنىپ باشلانغان بىر ئىشنىڭ نەتىجىسى كۆپۈنچە ھاللاردا مۇۋەپپەقىيەت بولغىنىدەك ھاياتىمىزنى ساغلاملىق ئىچىدە داۋام ئەتكۈزۈش ئۈچۈن، سالامەتلىكىمىز ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىمىزدىمۇ ياخشى بىر پىلاننىڭ بولۇشى ئىنتايىن زۆرۈر.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن توپىمىزدا ئا. ۋىكتور. سىگنونىڭ ”ئۆمۈرلۈك ساغلاملىق پىلانى“ ناملىق كىتاۋېدىكى مەزمۇنلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا پاراڭلارنىڭ بولىشىنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ھاياتلىقىمىزنى ئوبدان پىلانلاپ، تەرتىپلىك سەرەمجانلاشتۇرۇۋېلىشىمىزغا ئازدۇر-كۆپتۇر پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ساغلام ياشاش ئۈچۈن بەدىنىمىزنى ۋە تەبىئەتنى بىرەر قۇر چۈشۈنۈپ قويمىساق بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ. بەدىنىمىزنى چۈشەنگەندە ئۇنىڭغا ئىھتىياجلىق ئوزۇقلارنى ئۇنىڭ تەبىئىتىگە، قانۇنىيىتگە ئۇيغۇن شەكىلدە تەمىنلەپ بىرەلەيمىز.
روھىي كەيپىيات تەڭشەش، ساغلام تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش، بىرەر ئىشنى بولسىمۇ غەيرەت قىلىپ داۋاملاشتۇپ ئادەتلىنەلىسە باشقا ئىشلارنىمۇ تەرتىپلىك، ئەستايدىل قىلىدىغان خاراكتىر يېتىلىدۇ.
بۇ پروگراممىنىڭ مەقسىتى تاسادىپىي ھادىسە، ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان قازالارغا ئۇچرىمىغان ئەھۋال ئاستىدا ساغلام ھالەتتە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن ئۇل سېلىش.
بۇ پروگراممىدا روھىي ھالەتنىڭ ساغلاملىققا بولغان تەسىرىدىن باشلاپ ، ئوزۇقلۇقلار، يۇيۇنۇش، ئېغىز تازىلىقى، ھەركەت، ئۇيقۇ، جىنسىي تۇرمۇش، گۈزەللىك دېگەندەك ھەر جەھەتتىكى ساغلاملىققا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلارنى توغرا ئۇسۇلدا ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرۇش .
بۇلارنى بىر يىلدا تاماملايمىز. بىر يىل داۋاملاشتۇرۇشتىكى مەقسەت: بىر يىل بوشاشماي بەدىنىمىزنىڭ تەبئىتىگە تولۇق ماسلاشقان ئادەت يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق يېڭىچە، تامامەن ساغلام ھۈجەيرە-توقۇلمىلار بىلەن پۈتۈپ چىققان بىر بەدەنگە ئىگە بولۇش.
”ئۆمۈرلۈك ساغلاملىق پىلانى“ نىڭ ئاپتۇرى ئا. ۋىكتور سىگنونىڭ قارىشىچە ساغلام ياشاش ئۈچۈن بەدىنىمىزنى ياخشى چۈشۈنىشىمىز كېرەك ئىكەن. ئىنتايىن سىپتا توقۇلغان گىلەمگە ئوخشاش بەدىنىمىزمۇ ھۈجەيرە، توقۇلمىلارنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ بۇ ھۈجەيرىلەر بىر تەرەپتىن ئۆلۈپ ئورنىغا يېڭىدىن ھۈجەيرە، توقۇلمىلار پەيدا بولۇپ تۇرىدىكەن. تەخمىن قىلىنىشچە ئادەم بەدىنى تولۇق بىر يىلدا بىر قېتىم تامامەن ئالمىشىپ بولىدىكەن. دېمەكچى بەدىنىمىزنىڭ ئۆلىۋاتقان كونا ھۈجەيرىلەرنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن ھۈجەيرىلەر توقۇلۇپ يېڭى بەدەنگە ئالمىشىپ پۈتكىچە بولغان جەريان بىر يىلدا تاماملىنىدىكەن. بەدىنىمىزنىڭ بۇ خىل تەكرار قايتا توقۇلۇش جەريانىغا كېرەكلىك بولىدىغان خۇرۇچلار تېنىمىزنىڭ ئىھتىياجىغا ئەڭ ئۇيغۇن شەكىلدە يېتەرلىك تەمىنلەنسە يېڭىدىن توقۇلۇپ ئالماشقان تېنىمىزنىڭ ھاياتى كۈچى يۇقۇرى بولىدۇ. بۇ جەريانغا كېتەرلىك خۇرۇچلار ئەڭ ئاددىي نەپەس ئىلىشتىن گېلىمىزدىن ئۆتىۋاتقان بىر لوقما تاماققىچە، بىر يۇتۇم سۇدىن يۇيۇنۇشقىچە، ھەتتا ھەر بىر ئاددىي ھەركىتىمىز، كەيپىياتىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلارغىچە بولىدىكەن.
ئۇيغۇر تېبابىتى نەزىرىيېسى ھاياتلىق ئىلمىدا ئىنسان تەبىئەتتىكى بارلىق مەۋجۇداتلار بىلەن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولۇپ ئۇنىڭ ياشاش ئۇسۇلى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن شەكىلدە بولسا ساغلام ياشىيالايدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابىتىدە ساغلام ۋە تېمەن ياشاش ئۈچۈن ھەركىم ئۆزىنىڭ مىزاجىنى ياخشى چۈشۈنىشى بىلەن بىرگە ياشاشتىكى زۆرۈر ئىھتىياجلاردىن بولغان تەبىئەتتىكى يېمەكلىك، سۇ، ھاۋا دېگەندەكلەرنىڭمۇ مىزاجىنى بىلىشى ۋە بەدەن ئىھتىياجىغا ئۇيغۇن شەكىلدە قوبۇل قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا روھىي كەيپىيات، تۇرمۇش-ياشاش ئۇسۇلى، ئوزۇقلىنىش دېگەنلەرنىڭ سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ 40 ياشقا كىرىپمۇ مىزاجىنى، ساغلاملىقنى ئاسراشتىكى ئەقەللىي ئىشلارنىمۇ بىلمەيدىغان كىشىلەرنى قوپال قىلىپ ھايۋانغا ئوخشاتقان ئىكەن.
كىشىلەر كۆپ ھاللاردا ئۆزىگە ئۆزى ھەر خىل توسالغۇلارنى پەيدا قىلىپ ئۆزىنىڭ ساغلام ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش يولىنى توسۇپ قويىدۇ. 100 ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرگەنلەرنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە ئىقتىدارى يوق. ئۇلار پەقەت ئاڭلىق ئاڭسىز رەۋىشتە ئۆزىنى تەڭشەپ ھاياتلىق مېخانىزمى ۋە تەبىئەت بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ كەڭ تەبىئەت ئاتا قىلغان ساغلاملىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈردىن بەھرىمان بولالىغان.
دوكتۇر سىگنو شۇنداق دەيدۇ:بەزى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە تۇرمۇش مىزانى بولمىسىمۇ ئوخشاشلا 100 ياشقىچە ياشىيالايدۇ. بۇ تاساددىپىيلىق ئەمەس، چۈنكى، تەبىئەتتىكى بىر قىسىم تاسادىپىي ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى مۇقەررەرلىككە ئىگە. 100 ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرۈشكە ئۇنچىلىك تىرىشىپ كەتمىگەن ئاشۇ 100 ياشلىقلار يوشۇرۇن رەۋىشتە تەبىئەتنىڭ بەزى قانۇنىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىپ كەلگەن. بەزىدە ھەتتا بىر قىسىم ئەقەللى بولغان تازىلىق شارائىتلىرىنى ھازىرلىماي تۇرۇپمۇ ئوخشاشلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلىگەن. بۇ ھەرگىزمۇ تۇرمۇشنىڭ قانۇنىيىتى يوق دېگەنلىك ئەمەس. پەقەت ئۇلار ئويلاپ كەتمىگەن خالاس. ئۇلارنىڭ بىر قىسىم تۇرمۇش ئادەتلىرى دەل يەنە بىر قىسىم تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ ناچار تەسىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ ئۇلارنىڭ تېنىنى تەڭپۇڭ ھالەتتە ساقلىغان. ئەگەر ئۇلار توغرا بولغان تۇرمۇش قانۇنىيىتىگە تولۇق ئەمەل قىلغان بولسا تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى شۈبھىسىز ئىدى. گەرچە بەزى كىشىلەر تۇرمۇش قانۇنىيىتىگە سەل قاراپمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلىسىمۇ ، ئەمما سىز ئۇلارنى دورايمەن دېسىڭىز نەتىجە كۈتكىنىڭىزدەك چىقىشى ناتايىن.سىزنىڭ بۈگۈنكى تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىز كېلەچەكتىكى ساغلاملىقىڭىز ۋە بەختىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا “ نېمە تېرىسىڭىز شۇنى ئالىسىز“، كېلەچەكتە ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولامدۇ كۆتەمۇ، ساغلام بولالامسىز كېسەلمۇ، خۇشال يۈرەمسىز ياكى ھەسرەت چېكىپمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۈگۈنكى ئەجرىڭىزگە باغلىق.
تارىختا، رىۋايەت، چۆچەكلەردە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ، پادىشاھلارنىڭ ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسىنى ئىزدەپ ”ئابىھايات“، ”ئابىي كەۋسەر“ بۇلاقلىرىنى ئىزدىگەنلىكى رېۋايەت قىلىنىدۇ.ئۇلار ئادەمنى قېرىتماي، ھەمىشە ياش، ساغلام، جەلپكار پېتى ساقلايدىغان خىسلەتلىك بۇلاقنى ئىزدەيدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، ساغلام ياشاش، ياشلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى ياكى ئابىھايات، ئابىيكەۋسەر بۇلاقلارنى ئىزدىگەنلىكى ۋە شۇنىڭغا ئۈمۈت باغلىغانلىقىنى تامامەن چۈشەنگىلى بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ ياشاش ئادەمنىڭ ئەڭ تەبىئىي ۋە ئەقەللىي بولغان ئارزۇسىدۇر. بىز بۈگۈنكى كۈنىمىزدىمۇ ساغلام، ياشلىق باھارىمىز ئۇرغۇپ تۇرغان ھالەتتە ئۇزۇن ياشىشىمىزنى ئۈمۈت قىلىمىز. ئەينى دەۋىرلەرگە نىسبەتەن كۈنىمىزدە ئادەم بەدىنى ۋە تەبىئەت ھەققىدە ئىنسانلارنىڭ چۈشەنچىسى نەچچە مىڭ ھەسسە يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى. ھازىر ئۆز بەدىنىمىزنى ياخشى چۈشىنىپ، تېنىمىزنى تەبىئىيتىگە ئۇيغۇن ھالدا ئاسراپ ، تاساددىپىي ھادىسىلەرگە ئۇچرىمىغان ئەھۋالدا ساغلام ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش قولىمىزدىن تامامەن كېلىدۇ.
بۈگۈنكى كۈنىمىزدىمۇ كۆپىنچە كىشىلەر، ساغلاملىق ۋە ياشلىقنى، تاشقى شارائىتقا يەنى ھەر خىل دورا ۋە، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا، باغلاپ، شۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەر ”مەڭگۈ ياش، ساغلام تۇرۇش ئۈچۈن ئابىي ھايات، ئابىي كەۋسەر بۇلاقلىرىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگىنىدەك ساددا قاراشتا بولىدۇ. ساغلاملىق ۋە ئىلمىي تۇرمۇشنى چۈشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت ئۆزىگە تايانغاندىلا، ياشلىقنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يېتەلمەي دورىغا ۋە ھەر خىل ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا مۇراجىئەت قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەكسىچە ئۆزىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ دە، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتىن يىراقلاپ كېتىدۇ، دورىنى ئابىكەۋسەر دەپ بىلىدىغان كىشىلەر ئاخىرىدا ئۆزلىرى قۇتقۇزغۇچى دەپ قارىغان دورىنىڭ، ئۆزىنى نابۇت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ، بىراق كۆپ ھاللاردا ئۇلار كېچىككەن بولىدۇ.
دېمەك بىزنىڭ ساغلاملىقىمىز، ياشلىقىمىزنى ئەبەدىيلىككە ئىرىشتۈرەلەيدىغان “ ئابىھايات “ يوق ئىكەن، تەن ساقلىقىمىزنى ئاسراپ، ياشلىقىمىز ۋە ھاياتىي كۈچىمىزنى ئۇزۇنراق داۋاملاشتۇرۇپ ھاياتتىن زوقلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟
ئەتىكى پاراڭلىرىمىز ”بەدەن ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە “ بولىدۇ.
تېلىفۇن ۋە ئۈندىدار قوشۇلۇش نۇمۇرى: 13565662787