”ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئۈندىدار توپى“ قۇرۇلۇپ ئالدىنقى بىر باسقۇچنى خىلى يامان ئەمەس تاماملىغان بولدۇق، بۇ جەرياندا خىلىلا تەجىربە، ھاسىلاتلارغا ئىرىشكەن بولدۇق. بۇلار ھازىرقى بىز يېڭىدىن باشلىغان ئوزۇقلىنىش پروگراممىسىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك داۋاملىشىشىغا كۈچلۈك ئاساس بولدى دەپ قارايمەن. بۇ توپتا باشتىن ئاخىر توغرا، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي، بەل قويىۋەتمەي داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان دوستلىرىمىز بار. بۇلار بۇ جەرياندا ھېس قىلغان ئۆزگىرىشلەرنى ئىزچىل مەن بىلەن ئورتاقلىشىشنى توختىتىپ قويمىدى. ئىلمىي ئوزۇقلىنىش پىلانىنى ساغلام بىر روھىي ھالەتتە 2-3 ئايغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بىر ئاغىينىمىزنىڭ تۈنۈگۈن ماڭا يوللىغان ئۇچۇرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي!
ئىلمىي ئوزۇقلىنىشنى مىجەزىمگە ماس ھالدا ھازىرغىچە ئوبدان داۋاملاشتۇرۋاتىمەن، قورسۇقۇمنىڭ بىر قىسمىنى ئاچ قويۇپ قويۇشقا ئادەتلىنىپ قالدىم ، ئىلگىرى شۇنچە قۇۋۋەتلىك يىگەنلىرىمدە چىرايىم ساغىرىپ قالاتتى، باياتىن ساقىلىمنى ئېلىۋېتىپ چىرايىمغا قىزىللىق يۈگۈرۈپ قالغىنىنى بايقىدىم ، بارغانچە ئوي پىكىرىم سۈزۈكلىشىپ كىتىۋاتىدۇ ، بۇ نىمە دىگەن ياخشى ئىش، ھېلىمۇ ئىلگىركى خاتا غىزالىنىش ئادىتىم سەۋەبلىك بۇ بەدىنىم ، بۇ مېڭەم ، بۇ پىسخىكام جايىدا تۇرۇپتۇ. ئاددىيسى ماشىنامغىمۇ بىر قېتىم خاتا ئاپتول ئالماشتۇرۇپ ساغىنىمغا مىنى بىرمۇنچە جاپاغا قويدى، ئادەم بەدىنى نىمە دىگەن مۇكەممەل ، نىمە دىگەن سىرلىق، نىمە دىگەن ھېكمەتلىك. ئەتە بۇ يەردىكى بىر ئايلىق خىزمىتىمنى ۋاقتىنچە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ئۆيگە قايتىمەن ، ئايالىمنىڭ تۇغۇتى يېقىنلىشىپ قالدى، بايا تەييارلىق قىلۋېتىپ كۆزۈمنىڭ قىزىرىپ قالىدىغان ئىشى ئوڭشالغانلىقىنى بايقاپ قالدىم ، كۆزۈمنىڭ ئېقى قىزىرىپ قالىدىغان بوپقاغان، بايا قارسام روشەن ھالدا ياخشى بوپ قاپتۇ، ياخشى ئىشلا بولۇۋاتىدۇ. تۆۋەندە يوللىماقچى بولغىنىم بۇ بۇرادەرنىڭ ھەپتە بۇرۇن يوللىغان تەسىراتى:
ماڭا پروگراممىنى ئىجرا قىلىۋاتقىلى بۈگۈن ئىككى ئاي بوپتۇ، ھىس قىلغانلرىمىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي، باشتا ئىزدىنىشتىكى تاشچى قىزنىڭ يازمىسىنى كۆرگەندە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتىگە ماس كەلمىگەچكە پەقەت كاللامدىن ئۆتمىگەن، يازمىدىكى ئىنكاسلاردا ھەممەيلەن پايدىسى بولغانلىقىنى ئىنكاس قىپتۇ، بۇنى كۆرۈپ ئىككىلىنىپ يۈرگەندە، ھەكىمنىڭمۇ بۇ پروگراممىنى ئىجرا قىلىپ پايدىسىنى كۆرگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن مەنمۇ ئىجرا قىلىپ سىناپ بېقىشنى ئويلىدىم، لېكىن بۇ پىروگراممىنى ئىجرا قىلغاندا ئازراق ئورۇقلايدىكەنمىز، بەدىنىمدە ئاساسەن ماي يوق(قاندىكى ماينى ھېساپقا ئالمىغاندا)مۇسكۇل بولغاچقا ئورۇقلاپ مۇسكۇللىرىمنى يوقىتىپ قويۇشنى خالىمايتىم، يازمىدىكى ئىنكاسلارغا كۈندە دېگۈدەك دىققەت قىلىپ تۇردۇم، ئىنكاسلاردا ئۇيقۇسى ياخشىلانغانلار، روھلۇق بولۇپ قالغانلار كۆپكەن، ئۇيقۇم ياخشى بولمىغاچقا كۈندۈزى بەك ھارغىن يۈرەتتىم، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىممۇ بارغانسىرى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتاتتى، باشىلارغا بېرىپ تۇرغان پۇللارنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدىغان بوپقالغان ئىدىم، ئاخىرى ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ، ئۇيقۇم ياخشىلىنىپ قالسا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىم ئەسلىگە كېلىپ، باشقىلارغا بېرىپ تۇرغان پۇللىرىمنى ئىسىمگە ئالالىسام ئۇرۇقلاپ ئاجىزلاپ كەتسەممۇ مەيلى دېگەننى ئويلاپ ئىجرا قىلىشنى باشلاپ كەتتىم، باشلاپ ئەتىسىلا شۇنداق روھلۇق بوپقالدىم، داۋاملاشتۇرۇش ئىرادەم تېخىمۇ كۈچەيدى، ئۈچ تۆت كۈندىلا تەرەت راۋانلىشىپ كەتتى، ئاندىن ئانچە مۇنچە ئېغىزىم پۇراپ قالىدىغان ئىشلار يوقىدى، لېكىن ئون كۈن بولاي دېگەندە بەك تەرلەيدىغان ماغدۇرسىزلىنىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىشكە باشلىدى، ئىسسىق كېلىدىغان تاماقلارنى يەپ تۇرساممۇ، بىكاردىن بىكارغا سوغۇق تەرلەيدىغان بوپقالدىم، ئازىراق ھەرىكەت قىلساملا خۇددى سۇغا چۈشكەندەكلا تەرلەيدىغان بوپكەتتىم، شۇنداقتىمۇ چىشىمنى چىشلەپ داۋاملاشتۇرىۋەردىم، يىگىرمە كۈن بولغاندا تەرلەيدىغان ئەھۋاللار يوقاشقا باشلىدى، لېكىن بەش كىلو ئورۇقلاپ كېتىپتىمەن، كېيىن بارا بارا ئۇيقۇم ياخشىلىنىپ كەتتى، بۇرۇن گۆشنى كۆرسەممۇ ئىسسىق كېلىپ كۆزۈم تورلاشقاندەك بولاتتى، ئۇ ئەھۋاللارمۇ يوقاپ كەتتى، بىر ئاي بولاي دېگەندە ھارغىن يۈرۈيدىغان ئۇزۇن ئولتۇرسام پۇت قول قولىشىدىغان ئەھۋال ئاساسەن تۈگىدى، جىسمانى جەھەتتىكى چىدامچانلىقمۇ ئاشقاندەك ھىس قىلدىم، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىممۇ ياخشلىنىپ بېشىم ئاغرىيدىغان، ئاسان تىرىكىدىغان ئىشلارمۇ ئازايدى، قان قويۇقلۇق تۈگەپتۇ، شۇنداق قىلىپ بىر توشقاندا پەرزنى بۇزاي دەپمۇ بۇزغۇم كەلمىدى، مانا ھازىر ئىككى ئاي بوپتۇ، يول ماڭسام بەك يەڭگىل ھىس قىلىمەن، شۇنچە جىق ماڭساممۇ پۇتۇم تالمايدىغان ھارمايدىغان بوپكەتتىم، يەكشەنبە كۈنى ئېتىزلىقتا ئالتە سائەتتەك بىدە ئورساممۇ چارچاش ھىس قىلمىدىم، ئەتىگەنلىرى شۇنداق يەڭگىل قوپىمەن، بۇ ئىككى جەريانىدا چەتئەللىكلەرنىڭ تاماقنى نىمىشقا گىراملاپ ئۆلچەپ يەيدىغانلىقىنى، بەدەن ساپاسىنىڭ، ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ نىمىشقا بىزدىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم، بەدىنىمىزنى چۈشىنىشىمىز، ئاسرىشىمىز كىرەكلىكىنى چۇڭقۇر تونۇپ يەتتىم.
ئاخىرىدا بىزگە مۇشۇنداق ئىسل ئىشنى تونۇشتۇرغان تاشچى قىزغا، بىزنى يىتەكلەپ، چۈشەنمىگەنلەرنى قايىل قىلىپ، پىروگراممىنى ئىجرا قىلىشىمىزغا تۈرتكە بولغان بىرزات ھەكىمگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.بۇ بۇرادەرنىڭ يازمىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئۇ ئىلمىي ئوزۇقلىنىش پروگراممىسىنى ئىجرا قىلىشتا قىزغىن ھەم ئەستايدىل بولغان. ئاندىن ئەڭ موھىم بولغىنى مۇشۇ ئىشلارغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن!
كاللىمىزدا قانداق ئىدىيە بولسا، نېمىگە بەك دىققەت نەزىرىمىزنى بەرگەن بولساق، شۇ بىزنىڭ ھاياتىمىزغا، تۇرمۇشىمىزغا، ساغلاملىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەلكىم شۇ ئىدىيە، شۇ دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرگەن ئىشنىڭ كونتورۇللىقىدا بولىمىز.
شۇڭا ساغلاملىققا نىسبەتەن ياخشى بولغان روھىي ھالەت شەكىللەندۈرۈش بىلەن بىرگە بۇنىڭغا پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرەيلى! گالۋاڭلىق، خامۇشلارچە روھىي كەيپىيات چىچىلاڭغۇلىقىنىڭ ئاسارىتىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ پۈتۈن دىققىتىمىزنى ساغلاملىقىمىز ۋە ھاياتىمىزنىڭ بەرىكەتلىك بولىشىغا، ھاياتىي كۈچىمىزنى ئۇرغۇتۇشقا مەركەزلەشتۈرەيلى! ۋاقتىمىز ۋە زىھنىمىزنى، ئىقتىسادىمىزنى بىھۇدە زايا قىلمايلى!
دورا ئىلانلىرى ۋە ھەر خىل ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، ھاياتلىق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، گۈزەللەشتۈرۈش مەھسۇلاتلىرىغا پەرۋا قىلماڭ!
بەدىنىمىزدە توختىماي ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرىدىغانلىقى، كونىرىغان، ئۆلۈك ھۈجەيرىلەرنىڭ ئورنىغا يېڭى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئالمىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ!
يېڭىدىن شەكىللىنىدىغان تېنىمىزنى ساغلام، گۈزەل قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن دىققىتىمىزنى ياخشى روھىي كەيپىيات تۇرغۇزۇش، ئىلمىي غىزالىنىش ئادىتى تۇرغۇزۇش، توغرا تۇرمۇش، ياشاش ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەيدىغان ساغلاملىق پەلسەپىسىگە مەركەزلەشتۈرەيلى!
ھەر بىر ئوي-خىيالىمىز، كەيپىياتىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ قېنىمىز ۋە ھۈجەيرىلىرىمىزگە، ئەڭ يىراق نېرىپلارغىچە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېسىمىزدىن چىقارمايلى!
سۈرەتنىڭ تۇتۇق چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن كامىرانىڭ فوكۇسنى توغۇرلىغاندەك، قىلىۋاتقان ئىشىمىزنىڭ-ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىرىمىزنىڭ دەل، ئۈنۈملۈك بولىشى ئۈچۈن دىققىتىمىزنى مۇشۇ ئىشقا مەركەزلەشتۈرەيلى!
ھەرگىز بەل قويىۋەتمەڭ!
مەن سىلەرنى سالامەتلىكى ئۈچۈن باش قاتۇرسىكەنلا ئەمەس، بەلكى ئاكتىپ، ئۈمۈتۋار روھىي ھالەتنى ساقلاپ، بەلنى مەھكەم باغلاپ توغرا بولغان ياشاش ئادىتى، جۈملىدىن ئىلمىي غىزالىنىش ئادىتى يېتىلدۈرسىكەن دەيمەن.
www.80halta.com- مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
80خالتا بلوگى-“ئىلمىي غىزالىنىش توپى“ دىكى پاراڭلاردىن