ئىلمىي غىزالىنىش ئۆمۈرلۈك ساغلاملىق پىلانىدىكى موھىم ئامىل بولسىمۇ يالغۇز غىزالىنىشنى تەرتىپكە سىلىپ توغرا غىزالىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىقلا ئۆمۈرلۈك ساغلاملىق ئارزۇيىمىزغا تولۇق يېتەلمەيمىز!
مەن ئالدىنقى قىتىم روھىي كەيپىياتنىڭ ھەزىم سىستېمىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ يېگەن ئوزۇقلىرىمىزنىڭ پارچىلىنىش، سۈمۈرلۈش جەريانىغا ھەتتا ئۈچەينىڭ ئەخلەت تازىلاش جەريانىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئازىراق توختالغان ئىدىم. ئاخىرىدا روھىي كەيپىياتتىكى ھەر بىر ئۆزگىرىشنىڭ ماس قەدەمدە قاندا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ يىراق نېرۋا ئۇچلىرىمىزغىچە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقان ئىدىم. بۈگۈن تاللىغان تېما، ئۆمۈرلۈك ساغلاملىق پىلانىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ”قۇياش نۇرى ۋە ئاپتاپسىنىش“ ھەققىدە بولىدۇ.
بىزدە ئەتىيازنىڭ ئاپتىپى ئادەمنى ئېزىپ سۆلىنى قويمايدۇ، كۈزنىڭ ئاپتىپى قۇۋۋەت بىرىدۇ دەيدىغان قاراش بار، ھەمدە بۇنى ”ئەتىيازنىڭ ئاپتىپىغا كىلىنىڭنى سال، كۈزنىڭ ئاپتىپىغا قىزىڭنى“ سال دەيدىغان ماقال-تەمسىل بىلەن ئىپادىلىگەن. بۇ ماقالە قىزى بىلەن كىلىنىگە تەڭسىز كۆزدە قارايدىغان شەكىلدە ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ كۈزنىڭ ئاپتىپىنىڭ نەقەدەر موھىملىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بىرىدۇ.
ئەتىيازدىكى ئاپتاپنىڭ ئادەمنىڭ سۆلىنى قويمايدىغانلىقى ھەققىدە مېنىڭ قارىشىم، ئەتىيازدا توڭلار ئىرىۋاتقان پەيتتە قۇياش نۇرىنىڭ يەردىن قايتقان ھارارىتى ئادەم بەدىنىنىڭ قىش پەسلىدىن باھارغا ئۆتىۋاتقاندا بولىدىغان ئۆزگىرىش بىلەن بىرىكىپ شۇنداق تەسىر بىرىشى مومكىن. لىكىن بۇنىڭغا قاراپلا ئەتىيازدىكى ئاپتاپنى زىيانلىق دېگىلى بولمايدۇ.
قۇياش نۇرى ئادەمنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئىنتايىن موھىم ئامىل بولۇپ، بىز قۇياشنىڭ بارىچە ھاياتلىق ۋە ئېنېرگىيىنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى، دەل- دەرەخ، گۈل -گىياھ، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشتە قۇياشقا تايىنىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بىز ئىت، مۈشۈك ۋە باشقا ھايۋانلارنىڭ ھۇزۇرلىنىپ قاقلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. ئەلۋەتتە، بۇ ھايۋانلار مۇھتاج بولغان نەرسىلەرنىڭ بىزگىمۇ كېرەكلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ قويۇشىمىز كېرەك. بىز ئاپتاپ كۆرمىگەن ئادەم بىلەن، ئۆزىنى ئاپتاپقا سېلىشنىڭ لەززىتىنى تېتىغان ئادەمنى ئوڭايلا پەرقلەندۈرەلەيمىز. ئالدىنقىسىنىڭ چىرايى تاتىراڭغۇ، جانسىز بولىدۇ. كىيىنكىسىنىڭ مەڭزى قىزىل، كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ھالەتتە بولىدۇ.
ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﺍ-ﺳﻪﻫﺮﺍﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯘﻕ. ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﮔﯚﺵ ﻳﻪﭖ ﺗﯘﺭﺳﯩﻤﯘ ﺋﺎﭘﺘﺎﭖ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭﻩﯕﮕﻰ ﺋﺎﻕ، ﻛﯜﭼﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﻳﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻳﯧﺰﺍ-ﺳﻪﻫﺮﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﮔﯚﺵ ﻳﯧﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﯧﺘﯩﺰﺩﺍ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻘﺎ ﻗﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺗﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻛﯜﺯﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﯩﭙﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺯﺍﻏﺮﺍ ﻧﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺮﯨﻖ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺗﻮﻗﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻱ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻛﯜﭺ-ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﻮﻏﯘﻟﺒﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯧﭽﻰ ﺳﻪﻝ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﯘﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯧﺸﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﺎﭖ ﻛﯚﺭﺳﯘﻥ ﺩﻩﭖ ﭼﺎﭼﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﺗﻜﯜﺯﯨﯟﯦﺘﻪﺗﺘﻰ.
ﺳﻪﻫﺮﺍﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﻕ-ﺳﯧﺮﯨﻖ، ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻛﯚﺭﯨﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺳﻪﻫﺮﺍﺩﯨﻜﻰ ﺭﻩﯕﮕﻰ ﺑﯘﻏﺪﺍﻳﺌﯚﯓ، ﻗﺎﺭﺍﻣﺎﺗﺎﻕ، ﺋﯜﺳﺘﯩﺒﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻮﭘﺎ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ. ﻣﺎﻧﺎ، ﺋﺎﭘﺘﺎﭖ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ، ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ ﭼﻮﯕﻼﺭ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﻰ ﻣﯜﺷﯜﻛﻠﻪﺭ ﻫﻮﻳﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﭘﺘﺎﭖ ﭼﯜﺷﺴﻪ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ ﺳﻮﺯﯗﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﯨﺪﯨﻦ ﻫﻮﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﯜﺷﯜﻙ ﺟﯩﻨﯩﺪﺍ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﻫﻪ، ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﻧﺎﻡ.
كۈن نۇرىغا قاقلىنىپ بېرىش زۆرۈر. شۇنداقلا كۈنگە قاقلانغان ۋاقتىمىزدا بەدىنىمىزنىڭ كۈن نۇرى بىلەن ئۇچرىشىدىغان قىسىملىرى ئوچۇق بولۇش كېرەك.
ئەگەر بىز بەدىنىمىزنى قۇياش نۇرىغا بىۋاسىتە قاقلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلساق ئۇنداقتا، چىملىققا بىر قەۋەت رەخت يېپىپ قويغاندەك ئىش بولىدۇ. ئەينەكتىكى ئەكسىمىزگە قاراپ باقساق بەدىنىمىزنىڭ كۈن كۆرمىگەن جايلىرىنىڭ نۇرسىز، جانسىز ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.
بىز ئادەتتە بۇنداق ھالەتكە ئادەتلىنىپ كەتكەچكە، بۇنى نورمالدەك ھېس قىلىمىز، لېكىن ھەمىشە ئاپتاپ كۆرىدىغان كىشىلەرگە سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، بۇنىڭدىكى پەرقنى كۆرۈۋالالايمىز.
ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮﺳﯩﺪﯨﻦ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪﺩﻩ ﻳﯜﺯﯨﺪﻩ ﺩﺍﻍ-ﺳﻪﺑﮕﯜﻥ ﺑﺎﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻘﺎ ﻗﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﻪﺭ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﺋﺎﻗﭙﯘﺳﻤﺎﻕ، ﺳﯜﺯﯛﻙ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.
ئىمكان بار كۈندە بىر ئاز ۋاقىت چىقىرىپ ئاپتاپقا قاقلىنىپ بىرىشىمىز، شارائىتنىڭ يېتىشىچە بەدەننىڭ كۈن نۇرى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىدىغان قىسمى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى. بۇ ھالەت بىر قانچە مىنۇتتىن، 15-20 مىنۇتقىچە بولسا كۇپايە. ئۆينىڭ كۈنگەي دېرىزىسى چوڭراق بولسىغۇ سىلەرنىڭ تەلىيىڭلار، باللىرىڭلارنىمۇ ئاپتاپقا سالالايسىلەر، ئورۇن كۆرپىلەرنىمۇ قاقلىغىلى بولىدۇ. بۇ سالامەتلىك ئۈچۈن موھىم ئىشلاردىن بىرسى ئەلۋەتتە. ئائىلىدە كالتىسىي تولۇقلاشقا ئىھتىياجلىق، سۆڭەك شالاڭلاشقان ياشانغانلار قۇياش نۇرىغا قاقلىنىشقا تېخىمۇ ئىھتىياجلىق.
دوكتۇر ۋىكتور سىگنو مۇنداق دەپتۇ:
ئەگەر ئۆيىڭىزنىڭ دېرىزىسى يوغان بولسا قۇياش نۇرى ئوبدان چۈشىدۇ. بولغاندا مەخسۇس ئاپتاپقا قاقلىنىمەن دېيىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. ئەگەر بۇنداق شارائىت بولمىسا ئۆزىڭىزگە قۇياش نۇرىدىن بەھرىمەن بولىدىغان شارائىت يارىتىشىڭىز زۆرۈر. نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەردىكى كىشىلەر كۈن نۇرىغا چۆمۈلۈش ئۆيى ئارقىلىق بۇ ھاجىتىدىن چىقىدۇ.ئەگەر سىز تۇرىدىغان جايلاردا بۇنداق قولايلىق شارائىتلار بولمىسا، ئۆيىڭىزنىڭ دېرىزىسىدىنمۇ كۈن نۇرى تولۇق چۈشمىسە ئۆگزە ياكى لەمپىلەرگە مۇشۇنداق ئۆيدىن بىرنى سىلىۋالسىڭىز كۆپ پۇل كەتمەيدۇ. سىزگە مۇھتاج بولغىنى يېتەرلىك قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈش ھەمدە ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش.
ئاپتاپقا قاقلانغاندا بەدىنىڭىزمۇ ھەرىكەتلىنىپ تۇرسۇن. بۇ ھەم بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە نەپەسلىنىش مەشىقى ئىشلەشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى. بۇ ئۈچ ئىشنى بىرلا ۋاقىتتا قىلسىڭىز ۋاقىتنى تېجەپلا قالماي يەنە رازى بولغۇدەك ئۈنۈمىگىمۇ ئېرىشەلەيسىز. شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇشۇم زۆرۈركى ياشلىقىڭىزغا قايتىشنى، ساغلام تۇرۇشنى ئويلىسىڭىز تولۇق كۈن چۈشمەيدىغان جايدا ياشىماڭ ياكى ئۇخلىماڭ.
ئاپتاپقا قاقلانغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا: كۈن نۇرى بەك كۈچلۈك ۋاقىت، جايلاردا ئاپتاپقا قاقلىنىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك! ئەگەر كۈن نۇرى كۈچلۈكتەك، تېرىنى كۆيدۈرۋاتقان سېزىم بولسا كۈن نۇرىدىن قوغدىنىش مېيى سۈرۈۋالساق زىيادە كۈچلۈك قۇياش نۇرىنىڭ زېيىنىنى ئازلىتالايمىز.
ﻗﻮﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﻯ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻫﻪﻗﺴﯩﺰ ﺑﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯩﺌﻤﻪﺕ. ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﻣﯜﺭﻟﯩﺸﯩﺪﻩ ﻫﺎﻟﻘﯩﻠﯩﻖ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﺭﻭﻫﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﺪﯗﺭ. ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺖ-ﻣﯜﺷﯜﻙ، ﮔﯜﻝ-ﮔﯩﻴﺎﻫ، ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭ ﺑﻪﻫﺮﯨﻠﻪﻧﻤﯩﺴﻪﻙ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟
ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﺘﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺳﯚﯕﻪﻙ-ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﻢ، ﭘﻪﻱ-ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﯩﯔ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﺯﯗﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﺴﯩﺰﺩﯗﺭ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﺘﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻻﭖ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﻫﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﻡ ﺋﯩﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﺰﺍ-ﺳﻪﻫﺮﺍﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﭘﺘﺎﭖ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻏﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻳﺎﺯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﻪﻙ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻛﯧﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻳﺎﻻﯕﺎﭺ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻘﺎ ﻗﺎﻗﻼﻧﺴﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘ ﺑﺎﻧﺎﺩﺍ ﺳﯩﺰﻣﯘ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻘﺎ ﻗﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﯔ. ﺑﯘ ﺧﯘﺩﺩﯨﻲ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺵ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﻛﯜﺗﯜﻧﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ. ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻘﺎ ﻗﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﯜﺗﯜﻧﯜﺵ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯗﺭ.
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻮﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﯖﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﭙﺘﯘ:
ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪﺩﻩ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ – ﺋﯜﭺ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﺴﯩﻨﺪﯗﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﯩﺶ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
ﺳﯩﻨﮕﺎﭘﻮﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ %30ﯨﺪﻩ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﻧﯩﺴﺒﻪﺕ ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪﺩﻩ %1.3 ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻮﻗﯘﺵ، ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻭﺭ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﻳﺎﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻘﺎ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻜﻰ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺯﻭﺭ ﭘﻪﺭﻕ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﭘﯩﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﯩﭽﻪ: ﺳﯩﻨﮕﺎﭘﻮﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻫﯧﺴﺎﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪﺗﻼ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﺵ ﯞﻩ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﺘﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
بۇ تېمىنى ئىلگىرى بلوگىمدا يازغان قىسقا بىر پارچە ماقالەم بىلەن ”ئۆمۈرلۈك ساغلاملىق پىلانى“ دىكى مەزمۇنلاردىن قىسمەن نەقىل ئالدىم. ئاۋازنى يېزىققا ئايلاندۇرۇش دىتالى ماڭا بەك ئەسقاتتى. كاللامدا ئويلىغانلىرىمنى دەپ بەرسەم كاتىپىمدەك خاتىرلەپ بىرىدىكەن. ئازىراق تەھرىرلەپلا يوللىسام سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلارغا ئوخشىغان تاماقتەك ھىدىنى پۇرۇتۇپ تەييار بولىدىكەن/::D
ئەگەر يۇقۇردىكى مەزمۇنلىرىم يارىغان بولسا، قاچان ئوقۇپ چىقسىڭىز، كىچىككىنە ھاياجان قوزغىيالىسا كۆڭۈل قىلىپ ئۆز رازىلىقىڭىز بىلەن قىزىل بولاق ئاتسىڭىز بولىدۇ. /:,@-D –
سالۇن ۋە باشقا تور بىكەتلەرنىڭ بلوگىمدىكى يازمىلارنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىلان قىلماسلىقىنى سەمىگە سالىمەن.
بۇ مەزمۇنلار «ئىلمىي ئوزۇقلىنىش توپى»دا سۆزلەنگەن بولۇپ ئۈندىدارىمغا قوشۇلماقچى بولسىڭىز: 13565662787 نۇمۇر ئارقىلىق قۇشۇلۇشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.
مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن