ئارمان: مەن شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى ئېتىزلىقىمدا ئىشلەيمەن، ئەتىگىنى قورۇما ياكى شورپا ئىچىپ ئېتىزلىققا چىقسام چۈشكىچە ھېرىپ قالىمەن، ئىچىم قىززىپ بىئارام بولۇپ ئارام ئېلىشقا مەجبۇر بولىمەن، لېكىن ھەكىمنىڭكىدەك سالات، خام سەي يەپ چىقسام ئاسان ھېرىپ قالمىدىم، چۈشتە ئارام ئالمايمۇ ئىشلىيەلىدىم، دېمەك خام كۆكتاتلار بىلەن قورۇما، گۆش، شورپىغا قارىغاندا جىقراق ئۆرە تۇرغىلى بولىدىكەن.
ئاچچىقىم بەك تىز كېلىدۇ، ئۆزۈمنى باسالمايمەن، خوتۇن ھېلىمۇ چىدايدۇ مىجەزىمگە.
شۈكران:
مانداق كۆكتاتلا يېسە ئۆرە تۇرغىلى بولـمايدۇ.
قانچە ئىسسىقلىق قىلسام كۆتۈرىمەن، كەپتە، قوي پاچىقى يەپ تۇرسام مىجەزىم بەلەن، جۇشقۇن، جانلىق بولۇپ قالىمەن. ئازىراقلا سوغۇقلۇق قىلسام سۆلۈم قالمىغاندەك جانسىز بولۇپ لەقۋالىشىپ قالىمەن.
بۇ ئىككىسىنىڭ ئەھۋالىدىن نېمىنى چۈشۈنىۋالغىلى بولىدۇ؟تەھلىل: ئىلمىي ئوزۇقلىنىش توپىمىزدىكى بۇ ئىككىسىنىڭ مىزاجى تۈپتىن پەرقلىق بولغاچقا، ئوخشاش بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئۇلارنىڭ تېنىدە بولىدىغان ئىنكاسىمۇ پەرقلىق بولغان. يەنى ئارماننىڭ مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق – سەپرا خىلىتىغا تەۋە بولغاچقا ھۆل سوغۇق تەبىئەتتىكى كۆكتاتلار، مېۋىلەر ئۇنىڭ مىزاجىغا ياقىدۇ. سەپرانى كېسىپ كەيپىياتىنى تەڭشەشكە ياردىمى بولىدۇ. ئەگەر ئارمان ئۆزنىڭ ئەسلى مىزاجى بولغان قۇرۇق ئىسسىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىغان قورىما تاماق، مايدا قورىغان تۇخۇم، قوي پاچىقى، كاۋاپلارنى كۆپ يېسە ياكى ئادەتلىنىپ قالسا مىزاجىدا نۇرمالسىزلىق كۆرۈلۈپ ئومومىي بەدەن تەڭپۇڭسىزلىشىدۇ. قاننىڭ ھارارىتى كۈچىيىپ سەپرا ئۇلغىيىدۇ. مېڭىنىڭ ئىنكاسى تېزلىشىپ كېتىپ پىسخىكىسىدا مەلۇم نۇرمالسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۈچنى كونتۇرۇل قىلالمايدۇ.
شۈكراننىڭ مىزاجى بولسا ھۆل سوغۇق – بەلغەم خىلىتىغا تەۋە. بۇ دېگەنلىك ئومومىي بەدەن ھارارىتى سوغۇقراق، ھۆللۈك زىيادىرەك بولغاچقا بەدەن ھارارىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ ھۆللۈكنى تارقىتىدىغان، پەي، نېرىپلارنى چىڭىتىدىغان قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرگە ئىھتىياجى بولىدۇ. ھەر خىل قورىما، كاۋاپ، ياڭاق دېگەندەك قۇرۇق ئىسسىق يېمەكلىكلەر سوغۇق بەدەنگە ھارارەت بىرىدۇ، قاننى جانلاندۇرۇپ پەي، نېرىپلارغا كۈچ بىرىدۇ.ئۇيغۇر تېبابەت نەزىرىيىسى بويچە قارىغاندا ئادەمنىڭ مىزاج، خىلىتى 40 ياشلارغا كىرگۈچە ھەر خىل ئىچكى-تاشقى ئامىللار، يېمەك-ئىچمەك ئادىتى، ياشىغان جۇغراپىيلىك ماكان، ئىقلىم شارائىتى، تۇرمۇش ئادىتى دېگەندەك سەۋەپلەردىن ئۆزگىرىپ تۇرىشى مومكىن. شۇڭا بەدەندىكى تۆت خىلىت-سەپرا، سەۋدا، بەلغەم، قان قاتارلىقلارنىڭ نۇرمال، تەڭپۇڭ ھالىتىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بىرىش، يېمەكلىك ۋە باشقا جەھەتلەردىكى تەڭشەش چارىلىرىنى بىلىش كېرەك دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئوزۇقلىنىش پروگراممىسىدا تەشەببۇس قىلىنغان يېمەكلىكلەر ئىچىدىن ئۆز تەبىئىتىمىزگە، مىزاجىمىزغا ئۇيغۇن بولغانلىرىنى ، ياقىدىغانلىرىنى كۆپرەك؛ مىزاجىمىزغا بەك ماس كىلىپ كەتمەيدىغان يېمەكلىكلەرنى ئازىراق يەپ مىزاج تەڭپۇڭلىقىمىزنى ساقلىيالىساق بۇ ”ئىلمىي ئوزۇقلىنىش پىلانى“ نىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ زور بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.
ساغلام ياشاش ئۈچۈن بەدىنىمىزنى ۋە تەبىئەتنى بىرەر قۇر چۈشۈنۈپ قويمىساق بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ. بەدىنىمىزنى چۈشەنگەندە ئۇنىڭغا ئىھتىياجلىق ئوزۇقلارنى ئۇنىڭ تەبىئىتىگە، قانۇنىيىتگە ئۇيغۇن شەكىلدە تەمىنلەپ بىرەلەيمىز.بۇندىن كىيىن ئانچە-مۇنچە ئادەملەرنىڭ پەرقلىق مىزاجلىرى ۋە ئىلمىي ئوزۇقلىنىش پىلانىدا يېيىشكە بولىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ تەبئىتى-مىزاجى ھەققىدە قىسقا-قىسقا توختىلىپ قويىشىم مومكىن.
قان خىلىتى-ھۆل ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى.
بۇ ئىنسانلار مىزاجىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولۇپ مىزاجى ھۆل ھەم ئىسسىق بولغاچقا بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ گۆش ۋە ياغ قاتلاملىرى خېلى ياخشى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ.
بەدەن ھارارىتى ئۈستۈنرەك، تېرىلىرى سىلىق ۋە چىرايى نۇرلۇق قىزىل، تېتىك ھەم قۇۋۋەتلىك.
ئېغىزى تاتلىق، تولا ئەسنەيدىغان، ئۇيقۇسى كۆپرەك بولىدۇ.پۇت قوللىرى ئاسان قوللىشىپ قالىدۇ. بۇ مىزاجدىكى كىشىلەر كۆپرەك تېرە كېسەللىكلىرى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە بۆرەك كېسەللىكلىرى بىلەن كېسەللىنىشى مومكىن.
بۇلارنىڭ تۇغما مىزاجى بىلەن خۇلقى مىجەزى ۋە روھىي ھالىتىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا بۇ خىلدىكى كىشىلەر خۇش پېئىل، ئوچۇق، ئەقىل ۋە پىكىر قابىلىيىتى ئورتاھال، سىرتقى تەسىراتلارغا بولغان قوزغىلىش ھېسسىياتى كۈچلۈك ھەمدە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، تۇتۇۋېلىشى خېلى ياخشى بولىدۇ.ئۇلار ئادەتتە قۇرۇق سوغۇق خاراكتېردىكى مەسىلەن كالا گۆشى، پىستە دېگەنگە ئوخشاش غىزالار بىلەن ئوزۇقلانسا مەنپەئەت قىلىدۇ، قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتتىكى دورىلار ياخشىراق ئۈنۈم بېرىدۇ.
بۇ مىزاجدىكى كىشىلەر ھۆل ئىسسىق مەسىلەن، قوي گۆشى ئوخشاش غىزالارنى ئۇزۇن مۇددەت كۆپ ئىستېمال قىلسا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
سەۋدا-قۇرۇق سوغاق مىزاج كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى
قۇرۇق سوغۇق مىزاج كىشىلەرنىڭ بەدىنى چىڭراق لېكىن ئورۇقراق، سوغۇقراق، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى ئاز تەرەققىي قىلغان بولىدۇ.
ئۇيقۇسى ئازراق بولىدۇ. بۇ مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ تۇغما مىزاجى بىلەن ئەمەلىي ھاياتىدىكى خۇلقى ۋە روھىي ھالەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا سەۋدايى مىجەزى كۈچلۈك، ئاستا تەسىرلىنىدىغان، خىيالپەرەس، قورقۇنچاق، خىيالىي ھېسسىياتى كۈچلۈكرەك بولغاچقا ئەمەلىيەتتىن يىراقراق پىكىرلەرنى قىلىدۇ.
ئەقىل پاراسىتى، توغرا پىكىر قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنرەك، سەلبىي پىكىرلەرگە ھەم روھى ئازاب چېكىشكە مايىلراق كېلىدۇ.
ئادەتتە كىشىلەرگە ئارىلىشىشنى خالىمايدىغان بولغاچقا روھىي كېسەللىكلەر ۋە نېرۋا خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرى بىلەن كۆپرەك ئاغرىيدۇ. سەۋدا مىزاج كىشىلەرنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا قان، بەلغەم ، سەپرا ماددىلىرىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشلىرىنىڭ ئاخىرقى مەھسۇلى سەۋدا خىلىتىگە مەنسۇپ بولغاچقا، داۋالاش نەتىجىسى ئىنتايىن ئاستا بولىدۇ. سەۋدا خىلىتىنى پۇشۇرۇپ( يېتىلدۈرۈپ )بەدەندىن سۈرۈپ چىقىرىشقىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.يۇقۇردىكىلەرنى مۇتلەق توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، نىسپى پايدىلانساڭلار بولىدۇ. ئالدىنقى مەزمۇندا سۆزلىگەندەك ئادەمنىڭ ئەسلى مىزاجى ھەر خىل ئىچكى-تاشقى ئامىللار، يېمەك-ئىچمەك ئادىتى، ياشىغان جۇغراپىيلىك ماكان، ئىقلىم شارائىتى، تۇرمۇش ئادىتى دېگەندەك سەۋەپلەردىن ئۆزگىرىپ تۇرىشى مومكىن.
بۈگۈنكى تەكىتلەيدىغان مەزمۇن: ئەگەر شارائىتى بولغىنىدا ھەر بىر ئادەمنىڭ قەرەللىك كۆرىنىپ مىزادىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش ئۇسۇلى ھەققىدە كۆرسەتمە ئىلىپ تۇرىدىغان تەجىربىلىك، بىلىمى مول بولغان مۇقىم ھەكىمى (دوختۇرى) بولىشى زۆرۈر دەپ قارايمەن. تولا تېۋىپ، دوختۇر ئالماشتۇرۇش ئاقىلانىلىك ئەمەس.
ئائىلە ھەكىمى بولىشى كېرەك. ئۇ شۇ ئائىلىنىڭ يېمەكلىك، تۇرمۇش ئادەتلىرى، ئىرسىيەت-جەمەت كېسەللىكى ھەققىدە چۈشەنچىسى بولىشى ھەم بۇنى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مىزاجىدىكى ئۆزگىرىشلەر، بەدىنىدىكى ساقسىزلىقلارغا باغلاپ توغرا بىر يەكۈن چىقىرىشى ۋە شۇ ئاساستا كۆرسەتمە بەرسە ئومومىي ساغلىق ئۈچۈن كۆپ ئەھمىيەتلىك بولاتتى.
- مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
80خالتا بلوگى-“ئىلمىي ئوزۇقلىنىش پىلانى“ توپىدىكى بۈگۈنكى مەزمۇن خۇلاسىسى
ئۈندىدارغا قوشۇلۇش ئۈچۈن: 13565662787 تېلفۇن نۇمۇرى ئارقىلىق قوشۇلسىڭىز بولىدۇ