چايان، ھەرە، ئۆمۈچۈك چىقىۋالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن

ئادەتتە چايان، ئۆمۈچۈك، ھەرە چىقىۋالغانغا زەھەر قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۆيدە سىركە ( ئۈزۈم سىركىسى، ئالما سىركىسى) ساقلاپ قويىمىز.
ھاۋا بەك ئىسسىق، يېزىغا بىرىپ چوڭلار بىلەن بىللە تۇرىۋاتقىلى نەچچە كۈن بولغان ئىدى. كەچتە خام قىش تاملىق كونا ئۆيگە چىقىپ ياتساق بولامدىكىن دېسەم ، ئۇ ئۆيدە چايان چېقىۋالمىسۇن بالام، ئۆزۈڭنىڭ «بىتۇن» ئۆيۈڭدە يېتىۋەر، دېدى ئانام. چايان چېقىۋىلىشىدىن ئەنسىرەپ ، ھە بوپتۇ دەپ «بىخەتەر بىتۇن» ئۆيدە ئۇخلاپ ياتسام نەق شۇ كېچە سەھەردە «بىخەتەر ئۆي » دە ئوشۇقۇمنى چايان چېقىۋالسا بولىدۇ. تەقدىر قىلىنغان ئىشلاردىن قىچىپمۇ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ دېگىنى مۇشۇ ئىكەندە، دېگەنلەرنى ئويلىدىم.
تۇنجى قىتىم چايان چېقىۋالغاندا مۇسكۇللارنىڭ ئىچىدە بىر نەرسە يېرىپ ماڭغاندەك ئاغرىق ئەتراپقا تارايدۇ. كۆيگەندەك، ئىچىشقاندەك، پىچاقتا تىلغاندەك لوقۇلداپ ئاغرىيدۇ. بەدەننىڭ نەشتەر ئۇرۇلغان تەرىپى يەنى يىرىم بەدەن ھەركەت سېزىمىنى يىنىك دەرىجىدە يوقاتقاندەك ئېغىر تۇيۇلىدۇ. ئاغرىقمۇ بەدەننىڭ يېرىمىغا دېگۈدەك تارقىلىپ ئاغرىيدۇ. ئەمما، كىيىنكى قېتىملاردا تەكرار چايان چىقىۋالسا ئاغرىق دەرىجىسى بالدۇرقىدەك ئېغىر بولمايدىغاندەك … ھەر قېتىمدا سەل يىنىكلەپ ماڭىدىغاندەك ھېس قىلدىم.
ھاياتىمدا 4-5 قېتىم چايان چېقىۋالغان بولغاچقا قاتتىق ئۇخلاپ ياتقان ۋاقىتتا چايان چىقىۋالسىمۇ شۇ زامان چايان نەشتەر ئۇرغانلىقىنى بىلەلەيمەن. چاچراپ قوپۇپ چىراقنى يېقىپ ئورۇن-كۆرپىنى مالتىلاپ يۈرۈپ چاياننى تاپتىم. مىجىپ ئۆلتۈرۈپ بولۇپ يېرىم پىيالە كەلگۈدەك سىركىگە تەڭ نىسبەتتە سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ قۇيۇپ ئىچىۋەتتىم. تىزىمنىڭ تۆۋىنىنى بوغىۋەتتىم. قولياقلىققا سىركە تۆكۈپ چايان نەشتەر ئۇرغان ئورۇنغا بېسىپ تېڭىۋەتتىم. ھەركىتىم بەك تېز بولغاچقىمۇ ياكى نەچچە قىتىم چايان چىقىپ بەدىنىمدە قارشىلىق پەيدا بولۇپ چايان زەھىرى ئۇنچە تەسىر قىلىپ كەتمىدىمۇ بىلمىدىم ئىلگىركى ۋاقىتلاردىكىدەك بەك ئىچىنىشلىق ئاغرىپ كەتمىدى. گەرچە چۈشكىچە ئاغرىق دەستىدىن دۇكانغا بارالمىغان بولساممۇ بەك ۋايجانلاپ كەتكۈدەك قىينىلىپ كەتمىدىم. سىركىنى ۋاقتىدا ئىچەلىسە زەھەر قايتۇرۇش ئۈنۈمى ئوبدان بولىدۇ. سىركە بولمىسا ساپ كالا سۈتى بولسىمۇ بولىدۇ.

بىز ئادەتتە سەھرادا بالىلارنى ياكى چوڭلارنى ھەرە چىقىۋالسا لاي سۈركەيمىز ياكى تۇز سۈركەپ ، سىركە ئىچكۈزسەك بەك ۋاي دەپ كەتكۈدەك ئاغرىق ياكى ئىششىق كۆرۈلمەي ساقىيىپ كېتەتتى. ئاندىن ئۆمۈچۈك چىقىۋالسىمۇ شۇنداق قىلىمىز، قىزىرەپ يەلتاشمىدەك ئۆرلەپ چىققان ئورۇنغا ھەسەل سۈركەپ قويسام ئاغرىق بىر-قانچە سائەتتە قويۇپ بىرىدىكەن، قىزىللىق 2-3 كۈندە ئوڭشىلىدىغاندەك. ئەمما ئۆمۈچۈكنىڭ تۈرى كۆپ بولغاچقا زەھىرى يامانلىرىغا سىركە ئۈنۈملۈك زەھەر قايتۇرۇش دورىسى بولالماسلىقى مومكىن. مۇشۇنداق زەھەرلىك ھاشارەتلەرگە نىسبەتەن سەزگۈرلىكى يۇقۇرلارغا يۇقۇردىكى چارىلەرنى تېز ۋاقىتتا ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى بولسا دوختۇرغا بارغۇچە قىلغاچ ماڭسا بەزى خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن ساقلىنالىشى مومكىن.

ئەمدى، ئەھۋال بەك خەتەرلىك ئەمەس، لىكىن ئاغرىق بەك قىيناپ جاننى قاقشاتسا بالىلارغا قىزىقارلىق كارتون فىلىملەرنى قويۇپ بىرىش ئارقىلىق دىققەتنى چىچىپ ئاغرىقنى تارقىتىش ئۇسۇلى قوللانسا ئۈنۈمى ئوبدان بولىدىكەن.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتنى كۆرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرىسنى چېكىپ كۆرۈڭ!

./page_2403.html

چوڭلارمۇ دىققەتنى چاچىدىغان بىر ئىشلارنى قىلسا بىر ئاز ئۈنۈمى بولىشى مومكىن. ئۇندىن باشقا چايان چاققاندا ئاغرىقنى يەڭگىللىتىشنىڭ يەنە بىر ئىپتىدايى چارىسى-ئەرخوتۇنچىلىق قىلىش ئىكەن.
بۇ ھەقتە ئىزدىنىشتىكى تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن:
ھەرە زەھىرى رىئاكىسيە قىلىدىغانلار ئادەتتىكى ئادەملەر قوللانغان ئۇسۇلنى قوللانساڭلار ئۈنۈمى بولمايدۇ ، ئەڭ مۇھىمى ھەرە چاققان ھامان دەرھال دوختۇرغا بېرىشنىڭ ياكى ئۆيىدىكىلەرگە بىلەن ئالاقىلىشپ ئۆزىنىڭ ئورنىنى خەۋەر قىلىشنىڭ ئامالىنى تېپىش ، بولمىسا ھاياتقا خەۋپ يېتىدىغان ئىشمۇ بولىدۇ.
ئادەملەردە ھەر تۈرلۈك نەرسىلەرگە رىئاكىسيە كۆرىلىدۇ ، بىر بىرلىرىگە ئوخشمايدۇ ، رىئاكسيە كۆرۈلسە قان بېسىمى تۆۋەنلەش ، نەپەس قىسلىش ، يۈرەك ھەرىكىتى توسۇلۇش كۆرىلىشى مۇمكىن . شۇڭا چاقچاق قىلماڭلار ، يەر ياڭىقى رىئاكسىيە قىلىپ ئۆلۈپ قالغانلارمۇ بار.
…………….
ھەرە چېقىۋالغاندا ئىششىپ كىتىدىغان ئەھۋال ئادەم بەدىنىنىڭ زىيادە سىزمچانلىق رىئاكسىيىسى تەسىرىدىن بۇلىدۇ.بۇ سىزىمچانلىق بەزى ئادەملەردە تۈۋەنراق، بەزى ئادەملەردە ناھايىتى يۇقىرى بۇلىدۇ.
زىيادە سىزىمچانلىق —ئادەم بەدىنى بىر خىل يات ماددا بىلەن ئۇچراشقاندا ئادەم بەدىنىنىڭ شۇ خىل ماددىغا بولغان ئىنكاسى ھىساپلىنىدۇ.يەنە بىرى ئادەمنى ھاشارەت چېقىۋالغاندا چاققان ئۇرۇن قان تۇمۇردىن يىراق ئورۇن بولسا زىيادە سىزىمچانلىق تىرىدىلا كۈرۈلۈپ ئىچكى ئەزاغا ئانچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.ئەگەر چېقىۋالغان ئۇرۇن قان تۇمۇرغا يېقىن ياكى قان تۇمۇر ئەتراپى ،قان تۇمۇرنىڭ يۇقىرقى قىسىملىرى بۇلۇپ قالسا زەھەر قان تۇمۇر تەرىپىدىن سۈمۈرلۈپ قانغا كىرىپ ئېغىر زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يەڭگىل تىرە رىئاكسىيىسىگە 风油精نى سۈرتىۋالسىڭىز ئوڭشىلىپ كىتىسىز.لىكىن سىزدەك زىيادە سىزمچانلىقى يۇقىرى ،ھاشارەت زەھىرى بىۋاستە قانغا تەسىر قىلغان كىشىلەر چۇقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كىرەك.
………………..


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...