مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
مۇناسىۋەتلىك يازما: [تاشچىقىز] ئوتتۇز كۈنلۈك ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ۋە زەھەر تازىلاش
”ئۆمۈرلۈك ساغلاملىق پىلانى“ نىڭ ئاپتۇرى ئا. ۋىكتور سىگنونىڭ قارىشىچە ساغلام ياشاش ئۈچۈن بەدىنىمىزنى ياخشى چۈشۈنىشىمىز كېرەك ئىكەن. ئىنتايىن سىپتا توقۇلغان گىلەمگە ئوخشاش بەدىنىمىزمۇ ھۈجەيرە، توقۇلمىلارنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ بۇ ھۈجەيرىلەر بىر تەرەپتىن ئۆلۈپ ئورنىغا يېڭىدىن ھۈجەيرە، توقۇلمىلار پەيدا بولۇپ تۇرىدىكەن. تەخمىن قىلىنىشچە ئادەم بەدىنى تولۇق بىر يىلدا بىر قېتىم تامامەن ئالمىشىپ بولىدىكەن. دېمەكچى بەدىنىمىزنىڭ ئۆلىۋاتقان كونا ھۈجەيرىلەرنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن ھۈجەيرىلەر توقۇلۇپ يېڭى بەدەنگە ئالمىشىپ پۈتكىچە بولغان جەريان بىر يىلدا تاماملىنىدىكەن. بەدىنىمىزنىڭ بۇ خىل تەكرار قايتا توقۇلۇش جەريانىغا كېرەكلىك بولىدىغان خۇرۇچلار تېنىمىزنىڭ ئىھتىياجىغا ئەڭ ئۇيغۇن شەكىلدە يېتەرلىك تەمىنلەنسە يېڭىدىن توقۇلۇپ ئالماشقان تېنىمىزنىڭ ھاياتى كۈچى يۇقۇرى بولىدۇ. بۇ جەريانغا كېتەرلىك خۇرۇچلار ئەڭ ئاددىي نەپەس ئىلىشتىن گېلىمىزدىن ئۆتىۋاتقان بىر لوقما تاماققىچە، بىر يۇتۇم سۇدىن يۇيۇنۇشقىچە، ھەتتا ھەر بىر ئاددىي ھەركىتىمىز، كەيپىياتىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلارغىچە بولىدىكەن. بۈگۈنكى ”80 خالتا پاراڭلىرى“ مىزدا بەدىنىمىزنىڭ قايتا توقۇلۇش جەريانىدا ئىھتىياجلىق بولىدىغان ئوزۇقلۇقلار ۋە ھازىرقى زاماندىكى كىشىنى قايىل قىلار ئوزۇقشۇناسلارنىڭ ئوزۇقلىنىش پىلانى ھەققىدىكى تەشەببۇسلىرىنى چۆرىدەپ پاراڭ سىلىشىپ باقايلى.
ھازىر قورىغان تاماقلارنى كۆپ يەپ كېتىۋاتىمىز، ئانچە-مۇنچە سۇيۇق-سەلەڭ، شورپىلىق تاماقلارنىمۇ ئىچىپ قويۇڭلا باللا، ياغ يەپ يالىڭاچ يات دەپتىكەن، قوي يېغىنىڭ خاسىيىتىنى بىلمەيسىلەر-دە، دەپ نەسىھەت قىلاتتى چوڭلار. قوي مېيىنى كۆيدۈرۈپ چىگىدىكىنى ئايرىۋېتىپ تاماقنى ئاشۇ قوي مېيىدا ئېتەتتى. كىيىنچە چامغۇر، تۇرۇپ سېلىپ ئېتىدىغان سۇيۇق ئاشلارنى ئىچمەس بولۇپ كەتتۇق. قوي مېيىدا تاماق ئېتىپ يېيىشنى ئاچارچىلىق زامانىسىدىن قالغان ئادەت، سېمىزلىك، يۇقۇرى قان بېسىم دېگەندەك كېسەللەرنىڭ سەۋەبكارى دەپ قاراپ بىراقلا ئىنكار قىلغان ئىدۇق. مانا ھازىر قىزدۇرۇلغان ئۆسۈملۈك مايلىرىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكى، ئەكسىچە قورىمىلارنى قوي مېيىدا قورۇشنىڭ ساغلاملىققا پايدىلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرغا قويىلىۋاتىدۇ.
ئوزۇقشۇناس جانان كارتاي خانىمنىڭ قارىشىچە سېمىزلىك، يۇقۇرى قان بېسىم، قان مېيى يۇقۇرلاش، دىئابىت كېسەللىكى دېگەنگە ئوخشىغان كېسەللىك ۋە قېرىشنى تېزلىتىدىغان ساقسىزلىقلارغا دۇچار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئۇن، ئۆسۈملۈك مېيى، شېكەر دېگەندەكلەرنى يېمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىدىكەن. قورۇما تاماقلارنى قوي مېيى ياكى سارمايدا قورۇپ يېيىشنى، بەدەن ئىھتىياجلىق شىكەرنى مېۋىلەردىن قوبۇل قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدىكەن. شاكىلات، كەمپىت، پىچىنە، تورت پۇشۇرۇقلارنى، ھەر قانداق سانائەت ئىچىملىكلىرى، تاتلىق شەربەتلەرنى ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك ئىكەن.
30 كۈنلۈك ئوزۇقلۇق پىلانىنى ئوتتۇرغا قويغۇچى ئامېرىكىلىق دوكتۇرنىڭ تەۋسىيەسىمۇ جانان كارتاي خانىمنىڭ قاراشلىرى بىلەن يېقىن كىلىدىغان بولۇپ پەرقلىق تەرەپلىرىنى مۇنداق ئىككى جەھەتتىن دەپ قارىدىم:
جانان خانىم بارلىق ئۆسۈملۈك مايلىرىنى قورىمىلارغا ئىشلەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلغان بولسا ئامېرىكىلىق دوكتۇر زەيتۇن مېيى بىلەن كوكۇس مېيىدىن باشقا بارلىق مايلارنى چەكلەيدىكەن. جانان خانىم بۇغداي ئۇنىدا تەييارلىنىدىغان بارلىق يېمەكلىكلەرگە چەك قويغان بولسا ئاۋۇ ئامىرىكىلىق دوكتۇر بارلىق دانلىق ئاشلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى، سۈت مەھسۇلاتلىرىغا چەك قويۇپتۇ. ئەمىسە زادى نېمە يېسەك بولىدىغاندۇ؟
(1) ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﺎﻻﻝ ﮔﯚﺷﻠﻪﺭ
(2) ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﺎﻻﻝ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ
(3) ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭ
(4) ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭ
(5) ﻣﺎﻳﻼﺭ: ﻛﻮﻛﯘﺱ ﻣﯧﻴﻰ، ﺯﻩﻳﺘﯘﻥ ﻣﯧﻴﻰ، ﻗﯘﻳﺮﯗﻕ ﻣﺎﻱ
(6) ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﺗﯧﺘﯩﻘﯘﻻﺭ
(7) ﺗﯘﺧﯘﻣﻼﺭ
(8) ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻣﯧﯟﻩ ﯞﻩ ﻣﯧﻐﯩﺰﻻﺭ: ﻳﺎﯕﺎﻕ، ﺑﺎﺩﺍﻡ، ﻳﯩﻤﯩﺶ، ﭘﯩﺴﺘﻪ، ﺋﻪﻧﺠﯜﺭ، ﺋﺎﻟﻤﺎ ﻗﺎﻗﻠﯩﺮﻯ…
بۇ خىل ئوزۇقلىنىش تەشەببۇسىنىڭ پايدىسى بولسا ئادەتلەنگەن ئەنئەنىۋى ئوزۇقلىنىش ئادىتىمىز سەۋەبىدىن بەدىنىمىزدە يېغىلىپ قالغان زەھەر، ئەخلەت، ئارتۇق ماي، شىكەرلەرنى تازىلاش، ھاياتى كۈچىمىزنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئىكەن. بىز بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماتېرياللىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللارنى كۆرۈپ بەدىنىمىز ۋە ئۇنىڭ ئىھتىياجى ھەققىدە چۈشەنچىلىرىمىز يېتەرلىك ئېشىپ قايىل بولغان ۋاقتىمىزدا نۇرغۇنلىغان توغرا دەپ قارىلىدىغان، كۆنۈپ قالغان ئوزۇقلىرىمىز ۋە ئۆرۈپ-ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن مىھمان كۈتۈش ئۈچۈن تەييارلايدىغان ھازىرلىقلىرىمىزنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بايقايدىكەنمىز. بۇ ئەھۋالدا تاماق رېتسىپلىرىمىزنى ئۆزگەرتىش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزگە مۇناسىپ كىلىدىغان ئوزۇقلىنىش ئۇسۇللىرى، تاماق رىسالىلەرنى تۈزۈشنىڭ ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكى مانا مەن دەپلا ئوتتۇرغا چىقىدىكەن. بۇ ھەقتە يازغۇچى ئەنۋەر مۇئەللىم بىلەن قىلىشقان سۆھبەتلىرىمىزدىن ئازىراق قىستۇرۇپ قوياي.
ئەنۋەر مۇئەللىم:
- بىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىمىزدە مەسىلە بارمىدۇ؟ يېقىندىن بىرى مۇشۇ ھەقتە تولا ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. ئويلىغانسىرى مەسىلە خېلىلا ئېغىردەك تۇيۇلدى.
مۇھەممەتتۇرسۇن:
- شۇنداق، ھەقىقەتەنمۇ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىمىزدە، يەۋاتقان ئوزۇقلىرىمىزدا، تۇرمۇش ئادىتىمىزدە ساقلانغان مەسىلىلەر ئاز ئەمەس. قارىماققا نۇرمالدەك تۇيۇلىدىغان، لىكىن خاتا بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. بۇلارغا كۆنۈپ قالغان بولغاچقا نۇرغۇنلىرىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ قول ئۈزەلمەيۋاتىمىز، بۇنداق خاتا ئىكەنلىكى ئىنىق، ئۆزىمىز بىلىدىغان نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر ئۆزگەرتىشكە، چىقىلىشقا بولمايدىغان ئۆرۈپ-ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ بەكلا ئوموملىشىپ كەتكەن.
ئەنۋەر مۇئەللىم:
- مەن خىلى بولدى، مۇشۇ ئۆرۈپ-ئادەت نامىدىكى نۇرغۇن نەرسىلەردىن گۇمانلىنىشقا باشلىغان. ئەمەلىيەتتە، خاتا نەرسىلەرگە كۆنۈپ قالغانلىقىمىز ئۈچۈنلا بۇلار توغرا ئىشتەك تۇيۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ، خاتا نەرسىلەرگە كۆنۈپ قالسا توغرىسىنى تېپىش مۇشەقەتلىك بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ توغرا تۇيۇلىدىغان خاتا ئىش ئىزچىل داۋاملىشىپ بىر-بىرىمىزگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالىدىكەن.
چەتئەللىكلەر بىلەن نەچچە يىل ئارىلىشىپ يۈرۈپ ئۇلارنى كىشىلىك مۇئامىلىدە سوغۇق، يۈزسىز، ئادەمگەرچىلىكنى بىلمەيدىغاندەك ھېس قىلاتتىم، كىيىن سالامەتلىكىمنى ئاسراپ نۇرمال بەدەن ئېغىرلىقىمنى ساقلاي دەپ قەتئىي نىيەتكە كىلىپ دىققەت قىلسام يېمەك-ئىچمەك، مىھماندارچىلىق دېگەندەك بەزى جەھەتلەردە بۇلارنىڭ توغرا ئىكەن دەيدىغان قاراشقا كىلىپ قالدىم.
خوش، ئەنۋەر مۇئەللىم ئىزدىنىش ۋە قەتئىي ئىرادىگە كىلىپ ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلىنى تەرتىپكە سالغاندىن كىيىن سالامەتلىك، روھىي كەيپىيات جەھەتلەردە ياخشى بولغان نەتىجىلەرگە ئىرىشكەن بولۇپ پات يېقىندا بۇ ھەقتىكى تەسىرات ۋە تەجىربىلىرىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى ئىكەن. ئىشىنىمەنكى، يېزىلماقچى بولغان ئۇ يازما ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئوزۇقلىنىشنى تەرتىپكە سالماقچى بولغانلارغا ئىلھام بولغۇسى.
مەن“30 كۈنلۈك ساغلاملىق پىلانى“ تەشەببۇسىغا ئەگىشىپ پەقەت بىر ھەپتە ئىچىدىلا خىلى ئۈنۈمىنى ھېس قىلغان بولۇپ كىيىن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن توختاپ قالغان ئىدىم. بۇ قېتىم بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي جەريانلارنى تورداشلار بىلەن ئىمكان بار كۈندە دېگۈدەك ئورتاقلىشىپ ماڭماقچىمەن.
بەدەن ئۆزىمىزنىڭ، ئۆزىمىز كۆڭۈل بۆلمىسەك باشقىلار بىز ئۈچۈن ئاسراپ بەرمەيدۇ. ۋاقتى كەلگەندە دوختۇر-تېۋىپلارمۇ ئامال قىلالمايدۇ. ساقلىقىمىزدىن مەسىلە كۆرۈلۈپ ئاجىز تېنىمىزنى كېسەللىك چىرمىۋالغاندا كۆڭۈل بۆلۈشنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئەي ئاقىللار، سالامەتلىكىمىزگە ساق ۋاقتىمىزدىن باشلاپ كۆڭۈل بۆلەيلى!
-مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
تېلفۇن ۋە ئۈندىدار: 13565662787
www.80halta.com