80خالتا پاراڭلىرى (2)

زامانىمىزدا تاماق، غىزالارنىڭمۇ مودا بولىدىغانلىقىغا بولغان ھەيرانلىقىم ھازىرمۇ سۇسلاپ قالمىدى. بىر زامانلاردا ئۈرۈمچى تىلىۋېزىيە ئىستانىسىنىڭ ئالدىدا خۇيزۇلار ئاچقان ‹‹داپەنجى›› خانىنىڭ توخۇ قوردىقى بەك داڭلىق ئىدى. نەچچىمىز بىرىپ بىر ئۇزۇن ئۆچرەت ساقلاپ ئاران دېگەندە بوشىغان ئورۇنلارغا ئولتۇرۇپ مۇچ، كاۋاۋېچىن، زەنجىۋىللارنىڭ ئاچچىقىنى ئىچىمىزگە تارتىپ، لېۋىمىزگە پۈۋلەپ ئولتۇرۇپ يەپ كېتىشەتتۇق. بىر نۆۋەت ئوخشاپ كەتكەن ‹‹داپەنجى››نىڭ سۈيىنى جىقراق ئىچىۋىلىپ ئاغرىپ قالغان ئىدىم. كىيىنچە ساماۋەر شورپىسى مودا بولۇپ قىز-چوكانلارنى نەگە بارىسە دېسە ‹‹خوگۇخانا››غا دېيىشىپ كېتىشىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. بۇ خوگۇ دېگىنى نېمە بولۇپ كەتتى ئەمدى دەپ سوراپ باقسام، ئاچچىقلا بىر تەڭشەلگەن شورپىغا ھەر خىل كۆكتاتلارنى تاشلاپ پۇشۇرۇپ يەيدىغان تاماق ئىكەن، قىز باللا ئامراق ئىكەن دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ ‹‹نىيۇرۇمىيەن››،‹‹راڭپىزا›› دېگەندەك تاماقلارغا ئوخشىتىپ قىلىپ نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتسىمۇ يەپ باقماپتىمەن. ئارىدا ‹‹تاللا تائاملىرى›› دا غىزالىنىش مودا بولغاندا بىر ئاغىينەم تەكلىپ قىلىپ قالدى. كىرىپ ئولتۇرۇپ ساماۋەر شورپىسىنىڭ ئاچچىق، نۇرماللىرىدىن بولۇپ ئىككى قازان شورپا بۇيرۇتتۇق. كۆكتاتلاردىن، راك، تۇخۇم دېگەنلەردىن ئىلىپ كىلىپ پۇشۇرۇپ يەپ باقتۇق. بۇمۇ يامان ئەمەس تاماق ئىكەن. راكنىمۇ دەسلەپ شۇ ۋاقىتتا يەپ بېقىشىم، كىيىن ‹‹شا يەيلى، شا›› دېيشىپ راك قورۇمىسىنىڭ مودا ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ھازىر ‹‹قۇرۇق قازان قورۇمىسى›› دەيدىغان بىر خىل تاماق مودىمىش. ‹‹تاللا تائاملىرى››نىڭمۇ قىزىقچىلىقلىرى تولا ئىكەن. ئاشۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، يېگەنگە چەك قويۇلمايدۇ دېگەن بەلگىلىمىسى ئادەملەرنى ‹‹ئاچ ئەرۋاھتەك›› ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغىنى كۈلدۈرۈپ تىلىقتۇرغان ئىدى. تاماقنى زورلاپ يەپ، چىڭقىلىپ، تىنالماي قالغان ئادەملەر. بىزمۇ ئۇنى-بۇنى تېتىپ باقىمىز دەپ ‹‹ئاچ ئەرۋاھ›› بولاپ كەتكەنلىرىمىزنى ئويلىسام ھازىرمۇ كۈلگۈم كىلىدۇ. قايسى كۈنى ئالغان كەلپىن ئاچالنىڭ چامغۇرىدىن بىر جىڭ كەلگۈدەك قاپتىكەن. كەچتە يەنە سۆڭەك-ساپاقلار بىلەن پۇشۇرۇپ يېسەك بولامدىكىن دېسەم، باللانىڭ ئانىسى بۈگۈن تاللا بازىرىغا بىرىپ لازىملىق كۆكتاتلارنى ئىلىپ ‹‹خوگۇ›› قاينىتىپ يېسەك دەپ ئارىمىزدا ئازىراق ‹‹كەچلىك تاماققا نېمە يەيمىز›› ھەققىدە ئىختىلاپ پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇ دەيدۇ، چامغۇر دېگەن سېسىپ قالمىغاندىكىن قاچان يېسەك بولىدۇ. مەن دەيمەن، ‹‹خوگۇ›› دېگەننى نەچچە زاماندىن بىرى يېمەيمۇ كۈنىمىز ئۆتكەن، ئەتىگىچە مەن دورا-دەرمەكلىرىنى تەييارلاپ قويسام، شورپىسىنى ئوبدان كەلتۈرۈپ كۆكتاتلارنى پۇشۇرۇپ يەمىز. ئۇنى دەپ-بۇنى دەپ ئاخىرىدا سۆڭەك-ساپاقلار بىلەن چامغۇرنى قاينىتىپ، ئۈستىگە ھەر ھالدا كۆڭلىمىز قوبۇل قىلغان تەييار خۇرۇچنى تۆكۈپ شاماۋەر شورپىسىنى تەييارلىدۇق. ھەر قېتىمقىدەك خوتۇننىڭ سەمىگە كۆكتاتلارنى بەك پاكىز يۇيۇشنى، 15 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ يەنە يۇيۇشنى، بولمىسا قالدۇق دىھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئادەم بەدىنىگە قانداق زىيانلارنى ئىلىپ كىلىدىغانلىقى، يۈز تېرىسىگە بالدۇر قورۇپ چۈشۈرۈپ سەتلەشتۈرۋېتىدىغانلىقى دېگەنلەرنى ئەسلىتىپ قويدۇم. :lol
چامغۇرنى ‹‹ساماۋەر شورپىسى›› غا سىلىپ پۇشۇرۇپ يېسە ئالامەت ئوخشايدىغانلىقىنى، شورپىسىغىمۇ تەمىنىڭ ئوبدان چىقىدىغانلىقىنى بەلكىم ‹‹خوگۇخۇمار››لار ئويلاپ باقمىغان بولىشى مومكىن. خوتۇن دەسلاپتا چامغۇرنى ساماۋەر شورپىسىغا سالسا قانداق بولار دەپ ئىككىلىنىپ قاپتى، مەن ‹‹تازا بولىدۇ›› دەپ سالغان. نەتىجىدە راست دېگەندەك ئالامەت ئوخشاپتۇ.
ئەجدادلىرىمىز خېلى بۇرۇنلا چامغۇرنى شورپىغا سالسا بولىدىغانلىقىنى، قورۇمىلارغا ئىشلەتسە تەمىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. چامغۇردا سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار كۆپرەك بولۇپ، بۇنداق تەركىبلەر ياغدا ئېرىمەيدۇ. چامغۇرنىڭ بۇ خىل خۇسسىيىتىگە قارىمۇ-قارشى ھالدا سەۋزىدە ياغدا ئېرىيدىغان ئوزۇقلۇق تەركىبلەر كۆپ بولۇپ سەۋزىنى قورۇغاندىكى تەم ئۇنى شورپىغا سالغاندىكى تەمدىن ياخشى بولىدۇ. شۇ سەۋەب ئىھتىمال ئەقىللىق ئاتا-بوۋىلىرىمىز سەۋزىنىڭ قۇۋۋىتىنى تولۇق چىقىرىش ئۈچۈن پولۇنى كەشىپ قىلغان بولسا كېرەك. چامغۇردىن ئۆتۈپ سەۋزىگە كىلىپ قالغاندەك تۇرىمىز. جۇڭيى تېبابىتىدە 2-ئادەمگىياھ دەپ تەرىپلىنىدىغان سەۋزىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى، تەمى، سەنئەتلىك گۈزەللىكى ‹‹تائاملار شاھى›› پولۇدىن ئۆزگە تاماقتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپالمايدىغاندەكلا ھېس قىلىمەن. شۇڭا پولۇ مىڭ يىللاپ ئۇيغۇرنىڭ ئىستىمالىدىن چۈشۈپ قالمىغان، مودىدىن قالمىغان دەپ تەرىپلىگۈم كىلىدۇ.

90fba60916020f407f2307

گەرچە پولۇغا ئامراقلىقىمدىن بۆرىكىمگە تاش چۈشۈپ قالغان، بىر ئاز سېمىرىپ قالغان بولساممۇ ئوخشىتىپ ئېتىلگەن پولۇ دېمىقىمغا شۇ قەدەر مېزىلىك پۇرايدۇ. كۆرۈنۈشىنىڭ گۈزەللىكىدىن شاھلارنىڭ داستخانلىرىغىمۇ يارىشىدۇ. بۇ يەردە بىر ئاز ئەسەبىيلىكىم تۇتۇپ پولۇنى ماختاش بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۇنىڭ ساغلاملىق جەھەتتىكى تەسىرلىرىنى سۆزلەشنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن. قوي گۆشى بېسىپ ئېتىلگەن پولۇنىڭ تەبئىتى ئېسسىق بولۇپ بۆرەكنى سېمىرتىش، يىلىك بولۇش، كۆزنىڭ كۆرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇش، رەڭگى-رويىنى چىرايلىق قىلىش، ئومومىي بەدەنگە قۇۋۋەت بولۇش خۇسۇسىيىتى بار.
سەپرا، ئىسسىق مىزاجلىق كېشىلەر پولۇغا توخۇ گۆشى، بىھى سىلىپ ئىتىپ يېسە پولۇدىكى قۇۋۋەتلەرگە ئىرىشىپلا قالماستىن يەنە مىزاجىغىمۇ ياقىدۇ.
سەۋزىنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى كۆپ بولۇپ بەلغەم بوشىتىش، يەل ماڭدۇرۇش، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ نۇرماللىقىنى ساقلاش، ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىلارنىڭ نۇرمال ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، راكقا قارشى تۇرۇش، قىرىشنى كېچىكتۈرۈش، قان تومۇرلار قېتىشىشنىڭ، يۇقۇرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئىلىش رولى بار. سەۋزىنىڭ شۇنچىۋالا مەنپەئەتلىك خۇسۇسىيىتى بولىشىغا كۆرە ، مۇتەخەسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە سەۋزىنى كۆپ ئىستىمال قىلىۋەتسە تېرىنى سارغايتىپ قويىشى مومكىن. ئاندىن سەۋزە بىلەن ھاراق بىرلا ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىنسا، كۆپ مىقداردىكى كاروتىن ئىسپىرت بىلەن بىللە بەدەنگە كىرىدۇ.دە، جىگەردە زەھەر (توكسىن) پەيدا قىلىپ، جېگەر كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن پولۇ تارتىلىدىغان داستخانىلىرىمىزدا، توي-تۆكۈنلىرىمىزدە ھاراق-شاراپ بولماسلىق تەشەببۇسى ئەنئەنە، ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان بولۇپلا قالماستىن يەنە ساغلاملىقىمىز ئۈچۈنمۇ ئاقىلانە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشتۇر. يەنە جۇڭيى تېبابىتى ئوزۇقشۇناسلىرى سەۋزە بىلەن ئاپلېسىننى بىرلا ۋاقىتتا يېمەسلىكنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە سەۋزە ئادەم تېنىگە كىرگەندىن كېيىن، تېزلىكتە بىر خىل سولفات كىسلاتالىق تۇز ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە ماددا ئالمىشىش ئارقىلىق تېزلا قالقانسىمان بەزگە قارشى بىر خىل ماددا-تىئوسىئانىك كىسلاتا ھاسىل قىلىدۇ. ئەگەر بۇ چاغدا ئاپېلسىن يېگەندە، ئاپېلسىندىكى فلاۋون تۈرىدىكى ماددا ئۈچەيدە پارچىلىنىپ، گىدروكسى-بېنزوئىك كىسلاتا ۋە فرۇلىك كىسلاتاغا ئايلىنىدۇ، بۇ ماددىلار تىئوسىئانىك كىسلاتانىڭ قالقانسىمان بەزنى چەكلەش رولىنى كۈچەيتىپ، قالقانسىمان بەزنىڭ ئىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.
مېنىڭچە، پولۇدىن كىيىن قېززىق دەملەنگەن چايدىن باشقىسى بىكار. ئەگەر ئىسسىق باسىدىغانغا مېۋە-چېۋە، سالات يېمەكچى بولساق پولۇنى يەپ بولۇپ يىرىم سائەتلەردىن كىيىن ئانار سۈيى ياكى بىرەر تەخسە سالات تەييارلاپ يەپ بەرسە پولۇنىڭ ئىسسىقىنى بېسىش بىلەن بىرگە ئوزۇقلۇقلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلىشىگە ئاكتىپ تەسىر بەرگىلى بولىدۇ.
خووووش، ئەزىزلەر. مانا مۇشۇنداق تاغدىن-باغدىن بولۇپ كۈندە ئازىراقتىن پاراڭ قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنغىمىز كىلىپ قالدى. ئۇيغۇر تېبابىتى نەزىريەلىرىنى ، ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئاممىباب شەكىلدە بايان قىلىپ كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىپ قىلىشى ئۈچۈن قىلغان بۇ خىل شەكىلدىكى ئەمگىكىمىزنىڭ ئازدۇر -كۆپتۇر ئەھمىيىتى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلايمەن. كۆپچىلىككە رەھمەت.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...