ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆزنى ئاسراش تەدبىرلىرى

1.كۆزنىڭ زىيادە چارچاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش ۋاقىتىدا ھەر20~30 مىنۇت كىتاب ئوقۇغاندىن كېيىن بىر قىتىم دەم ئېلىش، يەنى يىراقلارغا ، يېشىللىقلارغا قاراپ بېرىش كېرەك ھەم يۇقىرىقى زىيانلىق ئامىلدا سۆزلەنگەن ناچار ئادەتلەرنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك.
2. كۆزنىڭ تەبئىي مۇداپىئە ئىقتىدارىنى قوغداش كېرەك. يەنى بوران-چاپقۇن، ئىس0تۈتەك،قۇم بورانلاردىن توساش ئۈچۈن كۆز ئەينەك تاقىۋېلىش، ئەگەر ئۇ بولمىغاندا كۆزنى قالايمىقان ئۇۋلىماستىن لۆڭگىنى ھۆل قىلىپ( ئىلىمان سۇدا) كۆزنى يەڭگىل ئۇۋلاپ تازىلاپ تۇرۇش كېرەك.
3. كۆزنى مۇۋاپىق چېنىقتۇرۇپ بېرىش يەنى دائىم سىرتلارغا چىقىپ يىراقلارغا ، يېشىللىقلارغا، ئاسمانغا قاراپ بېرىش، كۆپ خەت يېزىپ كۆپ كىتاب ئوقۇغاندىن كېيىن5~10 مىنۇت كۆز گىمناستىكىسى ئويناپ بېرىش كېرەك.
4.تاماق تاللىماسلىق، گۆشلۈك ۋە گۆشسىز يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى يېيىش كېرەك، تۇرۇپ، سەۋزە، يېسىۋىلەك، غول پىياز، تەرخەمەك، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، قىزىل دېڭىز يۇسۇنى، كۈنجۈت، جىگەر، تۇخۇم سېرىقى، قارا گۆش، گۈرۈچ قاتارلىقلارنى كۆپ يەپ بېرىش كېرەك.
5. كۆزنى مۇۋاپىق چىمچىقلىتىپ بېرىشمۇ پايدىلىق، يەنى بوش ۋاقىتتا كۆزنى چىمچىقلىتىپ بەرسە كۆز ئالمىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق كۆز مۇسكۇللىرىنى جانلاندۇرغىلى، كۆز ئالمىسىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرغىلى، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، كۆزنى نەمخۇش قىلىپ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
6. ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە ئۇخلاش ئالدىدا2 قولنىڭ ئالقىنىنى تىز سۈرئەت بىلەن بىر-بىرىگە سۈركەپ، قىزىغان ئالقاننى ئىككى كۆزنىڭ ئۈستىگە قويسا كۆز قىسىمىدىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
7.كۈندىلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ھەمدە باشقا خىزمەت ئۈگىنىش ۋاقىتلىرىدىمۇ كۆزنى يۇمۇپ ئارام ئالدۇرۇش كېرەك.
8. قۇلاققا ھالقا ئېسىۋېلىشمۇ كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ،چۈنكى قۇلاقنىڭ ئاستىنقى ھالقا سېلىنىدىغان ئورنىدا بىر پەللە بولۇپ، بۇ ھالقا تەسىرىدىن ئۇۋىلىنىپ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ،
9. ھاراق ۋە ھورمۇن تۈرىدىكى كۆزگە زىيانلىق تەركىبلىك دورىلارنى ئىشلىتىشتىن چەكلەش كېرەك.
10، كۆزگە سۈرمە تارتىپ بېرىش كېرەك، يەنى تاش سۈرمە، ئەرقى بەدىيان، مەرۋايىت،سەدەپ، مامىرانچىننى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ( بولسا200گرام كۆزلۈكتىن) كۆزگە تارتىپ بەرسە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.
11. كۈندە كۆزنى پارلاندۇرۇپ ئېلىنغان سوغۇق سۇدا يۇيۇپ بەرسە پايدىلىق.
12. بابۇنە يېغى، قەلەمپۇر يېغى، ئامىلە ياغلىرى بىلەن باش ساھەسىنى يەڭگىل ياغلاپ بېرىش كېرەك.
13. سېغىزخاننىڭ ئۆتىنى كۆزگە سۈرتۈپ بەرسە كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ.
14. موگو، سەۋزىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك.
15. ئارپىبەدىيان 30 گرام، سېرىقچىچەك 15 گرام، شېكەر ئالتە گرام،سېرىق ھېلىلە، قارا ھېلىلە ھەربىرى 9 گرامدىن، بۇ دورىلارنى چايلىق تەييارلاپ ئىچشكە بېرىلىدۇ.
16. تۇتىيانى قىرىپ، تالقىنىنى ھەركۈنى بىر قىتىم نەيچە بىلەن كۆز گە پۈركۈپ بەرسە، كۆزدە ئاق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم ھەرخىل كۆز ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
17. قارىياغاچنىڭ قوۋزىقىنى سويۇپ، تالقانلاپ، ئۆچكە ياكى توشقاننىڭ ئۆت سۈيۈقلىقىغا ئارلاشتۇرۇپ، كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ، تاسقاپ، قايناق سۇدا سۇيۇلدۇرۇپ، كۆزنىڭ سرتىدىن سۈركەپ بېرىشنى داۋاملاااااشتۇرسا، كۆزنىڭ قىچىشىپ ياش ئېىقىشى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
18، مۇۋاپىق مىقداردىكى كۆك كەپتەر باچكىسىنى شورپا قىلىپ پىشۇرۇپ يەپ، سۈيىنى ئىچىپ بېرىشنىڭمۇ كۆزنى ئاسراشقا پايدىسى بار.
پىششىق دورىلاردىن ھەببى شەبىيار، ئىترىفىل بەدىيان، سەۋزە مۇرابباسى، ززەنجىۋىل مۇرابباسى قاتارلىقلارنى بېرىش كېرەك.
پايدىلانغان ماتېريال: ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسىراش


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...