داغ، سەبگۈن ۋە باشقا تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى

باشقا كېسەللىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ تۈرى كۆپرەك بولىدۇ. ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغان تېرە كېسەللىكلىرىدىن داغ، سەپكۈن، دانىخورەك ۋە ھەرخىل تەمرەتكە قاتارلىقلار بار. يۈزدىكى داغ بىلەن سەپكۈننىڭ گەرچە شەكلى پەرىقلەنسىمۇ، بىراق پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ.
freckles 1
(1)ئېرسىيەت. بولۇپمۇ سەپكۈننىڭ ئېرسىيەت بولۇپ قېلىشى كۆپرەك ئۇچرايدۇ، بۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ تېنىدە كەم ياكى ئارتۇق بولغان مەلۇم خىل ماددىنىڭ شۇ ئادەمنىڭ بەدىنىدىمۇ تەبئىي ھالدا نورمال بولماسلىقىدىن بولىدۇ.

freckles1
(2)كۈچلۈك كۈن نۇرى ۋە ھەرخىل رادىياتسىيلىك نۇرلارنىڭ تەسىرى. بولۇپمۇ ئۇزاق مۇددەت كومپىيوتېر بىلەن ئۇچراشقانلارنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. بەزى تېرىلەرنىڭ سەزگۈرلىكى يۇقىرى بولىدۇ، يەنە بىر قىسىم تېرىلەرنىڭ يۈز قىسمدىكى ماددا ئالمىشىش ئەسلىدىنلا ئاستا بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر قاتارلىق كۈچلۈك رادىياتسىيلىك نۇرلار ئاسانلا يۈز تېرىسىنىڭ سىرىتقى قاتلىمىدىكى ھۈجەيرىلەرنى زەخمىلەندۈرۈپ، يېڭى ھۈجەيرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى چەكلەش بىلەن بىرگە بۇ ئەتراپتىكى قاننىڭ راۋان ئايلىنىشىنىمۇ چەكلەپ قويىدۇ، بۇ جەرياندا يۈز قىسمىدا پەيدا بولغان تازلىنىشقا تېگىشلىك ماددىلار ۋاقتىدا تازلىنالماي شۇ دائىرىدە چۆكمە ھالەتتە تۇرۇپ قالىدۇ.

girls-with-freckles-19
(3)ھامىلدارلىق ۋە تۇغۇت مەزگىلىدىكى داغ چۈشۈش. ئاياللار ھامىلدار بولغان ۋە بوشانغان دەسلەپكى مەزگىللەردە بەدەندىكى قۇۋۋەت ۋە ئېنىرگىيەنىڭ خورىشى ناھايىتى تېز بولىدۇ، كۆپۈنچە ئاياللاردا ئاسانلا قۇۋۋەت يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ بۇ مەزگىلدە ئاياللارنىڭ ئىشتىھاسىنىڭ ياخشى بولماسلىق، تاماقنى تولۇق ھەزىم قىلالماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەندىكى قۇۋۋەت تېخىمۇ ئازلاپ كېتىدۇ. يۈز تېرىسىنىڭ ھەرخىل ۋېتامىن، ئاقسىل قاتارلىق قۇۋۋەتكە بولغان ئېھتىياج ئەسلىدىنلا يۇقىرى بولغاچقا، بەدەنىڭ قۇۋۋەتسىزلىنىشىگە ئەگىشىپ، يۈز قىسمىدىكى ماددا ئالمىشىشتا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈپ داغ ياكى سەپكۈن پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ.
(4)ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى. ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى دېگىنىمىز بەدىنىمىزدىكى بەزلەرنىڭ خىزمىتىنىڭ ئاجىزلىششى ياكى كۈچىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئاجرىتىپ چىقارغان ھورمونلارنىڭ تەكشىسىز بولۇشى، ئادەتنىڭ بالدۇر توختىشى ياكى ئادەت مىقدارى ۋە قېتىم سانىنىڭ نورمال بولماسلىقى، جىگەر فونكىسىيسىنىڭ ئاجىزلىششى، قەۋزىيەت قاتارلىق ئامىللارنى كۆرسىتىدۇ. يۇقىرقى ئامىللار سەۋەبىدىن بەدەندە ھاسىل بولغان زەھەرلىك ماددىلار ۋاقتىدا پارچىلىنىپ چىقىپ كېتەلمەي، تېرە ئاستىغا يىغىلىۋالىدۇ.
(5)خىمىيىلىك ماددىلاردىن زەھەرلىنىش. خىزمەت ۋە تۇرمۇش جەريانىدا دائىم خىميىلىك تەركىبى يۇقىرى بولغان بۇيۇملار بىلەن ئۇچراشقاندا، ئاز-ئازدىن يىغىلىپ بارا-بارا تېرىنى زەخمىلەندۈرىدۇ، بولۇپمۇ خىزمەت مۇھىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، گىرىم بۇيۇملىرىنى كۆپ ئىشلىتىش، ئىسپىرىتتىن زەھەرلىنىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن مەلۇم كېسەللىكنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلەتكەن دوراـ ئوكۇللارنىڭ ئەكىس تەسىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
دانىخورەك ئوغۇللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، بىر قىسىم قىزلاردىمۇ بولىدۇ. دانىخورەكنىڭ پەيدا بولۇشى بىرى تېرە ئاستىدىكى ماي قەۋىتى زىيادە تەرەققىي قىلىپ، بىرقىسىم مايلار تەر تۆشۈكچىلىرى ئارقىلىق سىرىتقا چىقىپ، تېرىنىڭ مايلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەزى تەر تۈشۈكچىلىرى ئېتىلىپ قېلىپ، ئاستىدىن ھاسىل بولغان ماينىڭ سىرىتقا چىقىشىغا ئىمكانىيەت بولماي دانىخورەكنى پەيدا قىلىدۇ. يەنە بىرى ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى سەۋەبىدىن تېرە ئاستىدا ھاسىل بولغان ماي ئارىلاش كېرەكسىز تەركىبلەر تەر تۆشۈكچىلىرى ئەتراپىغا يىغىلىپ دانىخورەكنى پەيدا قىلىدۇ.

replacement-for-how-to-cover-a-spot.WidePlayer

تەمرەتكىنىڭ رەڭگى ۋە شەكلىگە قاراپ بىر قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ، مەيلى قايسىلا تۈردىكى تەمرەتكە بولمىسۇن پەيدا بولۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىل ئوزۇقلىنىشنىڭ تەكشىسىزلىكى، ئىلمىي ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك سەۋەبىدىن ئىچكى ئورگانىزىملارنىڭ ئاجىزلىششى، بەدەنگە قۇۋۋەت يېتىشمەسلىك، ئىچكى ئاجرالمىلارنى تەڭشەيدىغان بەزلەرنىڭ ئاجىزلىششى، ئىممونىت كۈچى تۆۋەنلەشتىن تېرىگە يېتىپ كېلىدىغان قۇۋۋەت ۋاقتىدا يېتىپ كېلەلمەي، ماددا ئالمىشىش توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقاندا تېرىگە يېقىن ئورۇندىكى كېسەل قوزغاتقۇچى مىكروبلار ياكى سىرىتتىن كىرگەن مىكروبلار ئاسانلا بىر دائىرىدە توپلىشىپ، كۆپىيىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قانغا ئۆتۈپ كېتىدۇ-دە، دورا ئارقىلىق تەلتۆكۈس ئۆلتۈرۈپ تازىلاش مۇمكىن بولماي قالىدۇ، شۇڭا دورا-ئوكۇل بىلەن داۋالاش پەقەت ۋاقىتلىقلا مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ، داۋالاشنى توختاتقاندىن كېيىن قايتا پەيدا بولىدۇ.

ئوزۇقلۇق ئارقىلىق تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش پىرىنسىپى ھەققىدە ساۋاتقا ئىگە بولماقچى بولسىڭىز 80خالتا بلوگىمىزغا داۋاملىق دىققىتىڭىزنى ئاغدۇرغايسىز.
ئەسكەرتىش:
سۈرەتلەر ياخو تورىدىن ئىلىنغان بولۇپ تېما بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋېتى يوق.


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ