پەيگە زىيانلىق ئامىللار ۋە ئۇنى ئاسراش چارىلىرى

hands.292104425_std

پەي_ يۇمىلاق ياكى ياپىلاق ئۇزۇن كەلگەن مەلۇم سۇزۇلۇشچانلىققا ئىگە بولغان تارىمۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، تۆت مۈچە، ئومۇرتقا ۋە بەدەننىڭ ھەرىكەتلىنىش ئەزالىرىغا تارقالغان. پەي ئادەم بەدىنىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تۆت مۈچىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشتە مۇسكۇل ۋە سۆڭەككە ياردەم بېرىدۇ. قول-پۇتنىڭ يىغىلىپ-سوزۇلۇش ھەرىكىتىنى كونتىرول قىلىدۇ، پەي ئۆزىنىڭ قىسقىراپ -سوزۇلۇشچانلىق رولى بىلەن ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى نوقسانسىز ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇق.

achilles-tendon

پەيگە زىيانلىق ئامىللار:

1. قاتتىق سوغۇقتا قېلىش،يامغۇردا قېلىش، توڭلاپ قېلىش، ھۆل كېيىملەرنى كېيىش قاتارلىق ناچار سۇغۇق مۇھىت ئۇزۇن مۇددەت تەسىر قىلىۋەرگەندە تۆت مۈچىدىكى پەيلەر بولۇپمۇ بولۇپمۇ پۇتتىكى پەيلەرنىڭ سوغۇقتىن تارتىشىپ قاتتىق ئاغرىشىنى، ھەرىكەتنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى، يىغىلىپ، تۈگۈلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. مۇۋاپىق تۈردە چېنىقماسلىق، ھەرىكەتنى ئاز قىلىش، ھورۇنلۇق، بوشاڭلىق قېلىش، دائىم ھەرىكەت قىلماي ئۆيدە ئولتۇرۇش، يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇش قاتارلىق ناچار ئادەتلەر پەي-مۇسكۇللارنىڭ يىغىلىپ قېلىشى،، قېتىپ قېلىشىنى ياكى بوششىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىپ، ھەرىكەت توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
3. مۇۋاپىق ئوزۇقلانماسلىق، دائىم ئاچ-توق يۇرۇش ياكى ئۇدا بىر نەچچە كۈن تاماق يېمەسلىك، مۇۋاپىق ئوزۇقلانماسلىق، تاماق تاللاش قاتارلىق ناچار يېمەك-ئىچمە مۇھىتى ئادەم ئورگانىزىمىدىكى قۇۋۋەت ئېنېرگىيىلەرنى خورىتىپ،پەي-مۇسكۇللارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك،قۇۋۋەتلەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشى، تەمىنلىشى تولۇق بولماسلىق سەۋەبىدىن پەيدا ئورۇقلاش، مىزاجى بۇزۇلۇش، قاتتىقلاش ياكى چۈرۈكلىشىش بىلەن ھەرخىل پەي-مۇسكۇللار كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ.
4. ناچار جىنسىي قىلمىشلاردىن پاھىشۋازلىق، زىناخورلۇق، جەلەق قىلىش(ئانانىزىم)، كۆپ ئىھتىلام بولۇش قاتارلىق جنىسىي تۇرمۇشتا مۇۋاپىق بولمىغان ناچار ئادەتلەر ئادەم بەدىنىدىكى روھ قۇۋۋەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، پۈتۈن بەدەننى زەئىولەشتۈرۈش بىلەن پەي-مۇسكۇللار ئاجىزلاشنى پەيدا قىلىدۇ.
5.كەسپىي ئامىللاردىن قۇدۇق قازغۇچىلاردا، دائىم سوغۇق مۇھىتتا خىزمەت قىلىدىغانلاردا، تاغلىق رايۇنلاردا ياشايدىغانلاردا مۇھىتى ناچار، قىشمۇ-ياز قېلىن قار-مۇز يېغىپ تۇرىدىغان ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىدىغان،چېگرىنى قوغدايدىغان خەلق ئەسكەرلىرىدا، مەخسۇس تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردا پەي- مۇسكۇللار بوشاش، ئاجىزلاش، ھەرىكەت ياخشى بولماسلىق، پەي ئۇزۇلۇش ياكى ھەددىدىن زىيادە سوزۇلۇپ كرتىش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ كېلىپ چىقىدۇ.
6.سۈنئىي تالالىق كېيىم-كېچەكلەرنى كېيىش، يېڭىدىن سىرلانغان ئۆيلەردە يېتىپ قوپۇش قاتارلىقلارمۇ پەينى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
7. ئۇندىن باشقا پەي ئۇزۇلۇش، سىرتقى زەخمىلەر پەينى كېسىۋېتىش قاتارلىقلارمۇ پەيگە زىيانلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

achillies-tendon2

ئۇيغۇر تېبابىتىدە پەينى ئاسراش تەدبىرلىرى

1. مۇۋاپىق تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەپ، پەي سوزۇش مەشغۇلاتلىرىنى ئىشلەپ تۇرۇش. مۇۋاپىق جىسمانىي ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇش، ھەرىكەت چەكلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش.
2. ئوزۇقلۇقنى مۇۋاپىق تەڭشەش
3.ھەددىدىن زىيادە سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش، بەدەننى ئىسسىق تۇتۇش.
4.جىنسىي تۇرمۇشنى مۇۋاپىق تەڭشەش، زەخمىلىنىشتىن ساقلىنىش.
5. ھاراق چەكلەش لازىم.
6.پەينى قۇۋۋەتلىگۈچى،چىڭتىقۇچى، كۈچەيتكۈچى ياغلاردىن دارچىن يېغى، قەلەمپۇر يېغى، قۇستە يېغى، زەپەر يېغى، كۇچۇلا يېغى،سۆرۈنجان يېغى قاتارلىق ياغلاردا ياغلاش، ئىسسق ئۆتكۈزۈش لازىم.
7.مىزاجىنى تەڭشەش ئۈچۈن مۇۋاپىق غىزالىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش.
8.سۆرۈنجان، دارچىن، قەلەمپۇر، كۇچۇلا، شەترەنجى قاتارلىق دورىلارنى ئوبداب قاينىتىپ، تۆت مۈچىنى يۇيۇپ بېرىش لازىم.
9.سۆرۈنجان،شەترەنجى، ئاق لەيلىگۈلى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ئازاراقى، دارچىن،خۇلىنجان، ئاقىرقەرھا قاتارلىق دورىلارنى سوقۇپ، دارچىن ياكى قۇستە يېغىنى پۇت-قوللارغا چېپىش لازىم.
پىششىق دورىلاردىن ماددەتۇل ھايات، مەجۈنى ئازاراقى، ھەبى فولات، جاۋارىش كۇندۇر قاتارلىق دورىلارنى بېرىش لازىم.
پايدىلانغان ماتېريال: ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسىراش


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ